ئۈرۈمچىدە ' بېرلىن تېمى ' شەكىللەندى

"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى " دىن بۇيان، چەتئەللىك سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 60 يىللىق " تەرەققىيات " ىنىڭ ۋە 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئاتالمىش "مىللەتلەر ئىتتىپاقى" سەپسەتىسىنىڭ بىر كېچىدىلا غايىپ بولغانلىقىنى، ئۈرۈمچىنى ئاساس قىلغان ھەر قايسى رايونلاردا، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا ئاشكارا ھالدا دۈشمەنلىشىش ۋە تىركىشىش ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى، مۇستەملىكە قىلغۇچى خىتاي مىللىتى بىلەن، مۇستەملىكە قىلىنغۇچى ئۇيغۇر مىللىتى ئوتتۇرىسىدا تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت تۇيغۇسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى، بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستان رايونىدا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك مىللىي توقۇنۇشنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىشمەكتە.

0:00 / 0:00

چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە شۇنداقلا ۋەتەندىن كەلگەن بەزى ئىنكاسلارغا ئاساسلانغاندا، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە رەسمىي يوسۇندا "بېرلىن تېمى" شەكىللەنگەن بولۇپ، خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار بۇ تامنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئايرىلغان، بۇ خىل ئاشكارا بۆلۈنۈش ۋەزىيىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن رايونلىرىغا يىيىلىشقا باشلىغان.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىزلەرگە "بېرلىن تېمى" ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتمەكچىمەن:

1945 - يىلى گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيىدىن تەركىپ تاپقان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن سوۋەيت ئىتتىپاقى بېرلىن شەھىرىنى قاپ ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلۈۋالدى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تەرىپى بولسا كاپىتالىزم ۋە دېموكراتىيىنىڭ سىمۋولى، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ بولسا كوممۇنىزمنىڭ سىمۋولى ئىدى.

1961 - يىلى گېرمانىيە، شەرقىي گېرمانىيە ۋە غەربىى گېرمانىيە دەپ ئىككى دۆلەتكە ئايرىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشغالىدىكى شەرقىي گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بىلەن، پايتەخت بېرلىننى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدىغان بېرلىن تېمى قۇرۇلۇشقا باشلاندى.

بېرلىن تېمى ئەينى چاغدا غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن، ' نومۇس تېمى دەپ ئاتالدى، چۈنكى بۇ تام، بىر دۆلەت خەلقىنى ئىككىگە ئايرىغان، بىر مىللەتنى بىر - بىرىگە قارىمۇ - قارشى بولغان ئىككى خىل ئىدېئولوگىيىگە ئايرىغان ئىدى. تاكى 1989 - يىلىغا قەدەر بېرلىن تېمىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى خەلق قارشى تەرەپكە ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى، ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان مىڭلىغان ئىنسان بېرلىن تېمىنى ساقلاۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، 1989 - يىلى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بېرلىن تېمىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى گېرمان خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بويىچە بېرلىن تېمى چېقىپ تاشلاندى، ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتمەيلا غەربىي گېرمانىيە بىلەن شەرقىي گېرمانىيە بىرلەشتى، بېرلىن تېمىنىڭ يىقىلىپ، ئىككى گېرمانىيىنىڭ بىرلىشىشى، ماھىيەتتە دۇنيادىكى ئەڭ زور كوممۇنىزم لاگىرى ھېسابلانغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گۇمران بولۇشى ۋە پارچىلىنىشى ھېسابلىناتتى.

ھازىرغا قەدەر ' بېرلىن تېمى ' دېگەن بۇ ئۇقۇم، مىللەتلەر ياكى خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى قۇتۇپلىشىش، دۈشمەنلىشىش ۋە بۆلۈنۈشنى ئىپادىلەيدىغان سىمۋول خاراكتېرلىك ئۇقۇم بولۇپ كەلمەكتە.

ئەلۋەتتىكى، ئۈرۈمچىدە شەكىللەنگەن بېرلىن تېمىنىڭ خاراكتېرى باشقىچەرەك. تامنىڭ بىر تەرىپىدە مۇستەملىكە قىلغۇچى خىتاي مىللىتى، يەنە بىر تەرىپىدە مۇستەملىكە قىلىنغۇچى ئۇيغۇر مىللىتى. ئەينى چاغدا بېرلىن تېمىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە بىر - بىرىگە دۈشمەن ئىككى ھەربىي قوشۇن بار بولۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئەسكەرلىرى بېرلىن تېمىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكىلەرنى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى بېرلىننىڭ شەرقىي تەرىپىدىكىلەرنى قوغدايتتى، ئەمما ئۈرۈمچىدە شەكىللەنگەن بېرلىن تېمىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋالغان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ئۇيغۇرلاردىن مۇداپىئە كۆرۈپ، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى قوغداشتىن ئىبارەت.

خىتاينىڭ ستاتىستىكىلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى نوپۇسىنىڭ 85 پىرسەنتىگە يېقىنراقى خىتاي بولۇپ، باشقا مىللەتلەرنى چىقىرىۋەتكەندە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلەيدىغان ئومۇمى نىسبىتى ئاران 6 - 7 پىرسەنت ئەتراپىدا، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەقەدەر زور بىر خېيىمخەتەر ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرماقتا. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى "بېرلىن تېمى" بولسا، مەركۇز شەھەردىكى جەنوبىي قوۋۇق (نەنمىڭ) نى ئاساس قىلغان بولۇپ، 5 - ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى جەنوبىي قوۋۇقنىڭ بۇ تەرىپىگە، يەنى، دۆڭ كۆۋرۈك رايونىغا ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، بۇ تەرەپتىكى ئۇيغۇرلار جەنوبيى قوۋۇقنىڭ سىرتىغا ئۆتەلمەيدىغان تراگىدىيىلىك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.

5 - ئىيۇلدىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى خىتايلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا خىتاي كۆچمەنلىرى 20 - 30 دىن بىر گۇرۇھ بولۇپ، ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ - دۇمبالاپ ھاقارەتلەيدىغان ئەھۋاللار ئومۇميۈزلۈك ھادىسىگە ئايلىنىپ قالغان. بەزى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، بىڭتۇەندىكى خىتايلار بىلەن بىرگە يەنە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا تۇرۇشلۇق خىتاي كۆچمەنلىرىدىن تەركىپ تاپقان ' خەلق ئەسكەرلىرى ' جىددىي تۈردە قوراللاندۇرۇلۇشقا باشلانغان.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان بىڭتۇەندىكى قورال تۇتالايدىغان خىتايلارنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئاتالمىش ' خەلق ئەسكەرلىرى ' نىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىن ئايرىلىپ، لاگىرلارغا بۆلۈنۈپ مەخسۇس ھەربىي تەلىپ - تەربىيە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنوبىي رايونلارغا يۆتكەلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

بېرلىن تېمى پەقەت ئۈرۈمچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغىنى يوق، 5 - ئىيۇلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ ئارقا - ئارقىدىن قەد كۆتۈرۈپ چىقماقتا.

بۇ خىل دۈشمەنلىشىش ۋە قۇتۇپلىشىش خىتاي ئۆلكىلىرىگىمۇ جىددىي تۈردە يېيىلماقتا. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى تۈپەيلىدىن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھەر قايسى رايونلاردا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئاشكارا ۋە جىددىي بىر دۈشمەنلىك كەيپىياتى باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلىغان.

چۈنكى 5 - ئىيۇلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ئىچكى تەشۋىقاتلىرىدا، خۇددى ئۇيغۇرلار بىگۇناھ خىتايلارنى رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلغاندەك بىر مەنزىرىنى يارىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا ئۆلتۈرۈلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچ بىر مەلۇمات يەر ئالمىغان بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل غەرەزلىك تەشۋىقاتى، خىتايلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا بولغان نەپرەت ۋە دۈشمەنلىك تۇيغۇلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۈچىيىپ كىتىشىگە بىۋاستە سەۋەبچى بولماقتا.

مەسىلەن، يېقىندا خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدىن كەلگەن ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ شەھەردە تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن كېلىپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى 20 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، شانخەي شەھىرىدىكى خىتايلار ئارىسىدا، " بۆلگۈنچى ۋە زوراۋان ئۇيغۇرلارنى رەھىم قىلماي ئۆلتۈرۈش كېرەك" دەيدىغان سادالار كۈچىيىشكە باشلىغان ۋە بۇ خىل تالاش - تارتىشلار شاڭخەيدىكى ئاساسلىق ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە كەڭ كۆلەمدە يەر ئېلىشقا باشلىغان.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، شاڭخەي شەھىرىدىكى بەزى شىركەت ۋە زاۋۇتلار ئۆزلىرىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى سەۋەبسىز ھالدا ئىشتىن چىقىرىپ ھەيدەشكە باشلىغان، شاڭخەي شەھىرىدە سودا قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ساقچى ئىدارىسى، سودا - سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى، باج ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ شەھەردىن زورلۇق بىلەن قوغلىشىغا، ماللىرى سەۋەبسىز ھالدا مۇسادىرە قىلىشقا ئۇچرىغان.

بەزى غەيرى رەسمىي ستاتىستىكىلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى تەخمىنەن بىر مىليوندىن ئاشىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە تۇرۇپمۇ جىددىي ھاياتى خەۋپكە دۇچ كىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا كىممۇ كىپىللىك قىلالىسۇن؟!