شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىسى كىم؟

بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، " مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرۇش " شوئارى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان رايونىدا كەڭ كۆلەملىك سىياسى ھەرىكەت قوزغاپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى قورچاق رەئىس نۇر بەكرى، ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان " ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار خىزمەت يىغىنى " دا بەرگەن دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىگە ۋە بۇ ھەرىكەتكە ھېسداشلىق قىلىپ كېلىۋاتقان دېموكراتىك غەرب ئەللىرىگە قارشى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا جەڭ ئېلان قىلغان ئىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەنمۇ 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بۇيىچە نەمۇنىچىلارنى تەقدىرلەش يىغىنى " دا بەرگەن دوكلاتىدا، قورچاق رەئىس نۇر بەكرىنىڭ يۇقىرىقى جەڭنامىسىگە مەدەت ۋە ئىلھام بېرىش بىلەن بىرگە، بۇ يىل قىشتىن تاكى كېلەر يىل يازغىچە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ئاتالمىش " مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قايتا تەربىيىسى ھەرىكىتى " نى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

دېمەك بۇ، چىكىدىن ئاشقان زۇلۇم ۋە بېسىم تۈپەيلىدىن ئازادە نەپەستىنمۇ مەھرۇم قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى ئالدىمىزدا تېخىمۇ زور بالايى - ئاپەتلەرنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

كۈلكىلىك يېرى شۇكى، شەرقىي تۈركىستان رايونىنى دۆلەت تېررورى قاپلىغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدىكى " تيانشان خەۋەر تورى " دا 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ناھايىتى ئۇزۇن بىر باش ماقالە ئېلان قىلىندى، " ئورتاق گۈللىنىپ ۋە ئالغا بېسىپ، گۈزەل ئائىلىمىزنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى " دېگەن ماۋزۇدىكى بۇ باش ماقالىدە، خىتاينىڭ " ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى " يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاتالمىش " مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى " يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بۇ رايوندىكى " ئاز سانلىق مىللەت " لەرنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە " كاپالەت " كە ئىگە قىلىنغانلىقى كۆپلىگەن سان - سىفىرلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

بۇ باش ماقالىنىڭ ھېچبىر يېرىدە " ئۇيغۇر " دېگەن كەلىمە تىلغا ئېلىنمىغان، پۈتۈن ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار، ئاتالمىش " ئازسانلىق مىللەت " دېگەن بۇ مۈجىمەل ئۇقۇمغا قارىتىلغان ئىدى. بۇلا ئەمەس، بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ مەتبۇئاتلىرىدا " ئۇيغۇر " دېگەن بۇ كەلىمىنى ئاساسى جەھەتتىن ئۇچرىتالمايمىز، ھازىر خىتاينىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرنىڭ نامى " ئۇيغۇر " ئەمەس، بەلكى " ئاز سانلىق مىللەت " تىن ئىبارەت!

ئەمەلىيەتتە بولسا بۈگۈن دۇنيا سىياسى سەھنىلىرىدە تىلغا ئېلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بولسا، ماھىيەتتە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەق - ھوقوق مەسىلىسىدىنلا ئىبارەت، خالاس، چۈنكى دۇنيا جامائەتچىلىكى، " شەرقىي تۈركىستان " دېگەن بۇ ئۇقۇم بىلەن، " ئۇيغۇر " دېگەن بۇ ئۇقۇمنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ قارىغىنى يوق!

خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئالاھىدە ئىجاد قىلىنغان، " مىللىي بۆلگۈنچى "، " شەرقى تۈركىستانچىلار "، " 3 خىل كۈچلەر " دېگەن بۇ ئۇقۇملارنىڭمۇ مەخسۇسلا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغىنىنى خىتاينىڭ ئۆزىمۇ ئىنكار قىلغىنى يوق.

خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىر، " شىنجاڭدا 53 مىللەت بار، بۇ رايوندا بۇرۇندىن تارتىپ 13 مىللەت ياشاپ كەلگەن " دېگەن سەپسەتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ زېمىننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنىمۇ بۇ مىللەتلەر قاتارىدا " ئاز سانلىق مىللەت " دەپ ئاتاپ بىر تاياقتا ھەيدەپ كەلمەكتە.

ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار ئۆز تۇپرىقىدا سان جەھەتتە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ كەلمەكتە. مەسىلەن، خىتاينىڭ ھازىرقى ستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 9 مىليون 235 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 94.45 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، خىتايلار بولسا 7 مىليون 956 مىڭ نەپەر بولۇپ، 39.58 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، يەرلىك مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن قالسىلا قازاقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى پەقەتلا بىر مىليون 441 مىڭ نەپەر ۋە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ پەقەتلا 7.03 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، قالغان مىللەتلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى بىر مىليونغا يەتمەيدۇ.

ئەگەر بىز خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن، " قەدىمدىن تارتىپ شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەن " دەپ ئاتالغان بۇ 13 مىللەتتىن خىتايلارنىلا چىقىرىۋەتسەك، ئۇيغۇرلار يەنىلا ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 80 پىرسەنتىگە يېقىنراقىنى تەشكىل قىلىدۇ.

1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئاتالمىش " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى " قۇرۇلغاندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 78 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلاتتى.

ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، يەنە بۈگۈن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ " ئۇيغۇر " دېگەن بۇ كەلىمىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىنىڭ ۋە ئۇيغۇرغا " ئاز سانلىق مىللەت " دەپ يېڭى ئىسىم قويۇۋېلىشىنىڭ سەۋەبى نىمە ؟

مېنىڭچە بۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنىڭ ئىگىسى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلاردىن ئايرىش، شۇنداقلا بۇ تۇپراققا تاجاۋۇزچى، " مېھمان " ياكى " مۇساپىر " بولۇپ كەلگەن خىتاي، مانجۇ، تۇڭگان، شىۋە دېگەندەك مىللەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقوقىغا شېرىك قىلىش تاكتىكىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

" تيانشان خەۋەر تورى " دا ئېلان قىلىنغان يۇقىرىقى باش ماقالە جەمئىي 5 پاراگرافقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنۇڭدا، ئاتالمىش " 3 ئايرىلالماسلىق سىياسىتى " نىڭ يەرلىك خەلققە كەلتۈرگەن " پايدا " لىرى، " مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى " نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، ئاتالمىش " ئاز سانلىق مىللەت " لەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پارتىيە - ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قاتلاملىرىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى، " ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى " تەرىپىدىن چىقىرىلغان يەرلىك قانۇنلارنىڭ سانى، " ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋىتىش سىياسىتى " يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان بۇ رايوندا " ئاز سانلىق مىللەت " لەرنىڭ ھەق - ھوقوقلىرىنى قوغداش جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاتالمىش " زور نەتىجە " لەر سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەپسىلىي بايان قىلىنغان.