ئەمما، 5 - ئىيول ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار ھادىسىلەر شۇنى ئېنىق كۆرسەتتىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقانلار باشقا بىرى ئەمەس، دەل بۇ رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆزىدىن ئىبارەت !
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، 5 - ئىيول ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈرۈمچىنىڭ سىياسى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملاشقانلىقى ھەققىدە دۇنياغا ئەڭ ئاز 10 نەچچە قېتىم بايانات ئېلان قىلدى، ئەمما ھازىرغا قەدەر ئۈرۈمچىدىكى جىددىي سىياسى ۋەزىيەت پەسەيگىنى يوق، ئەكسىچە كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ بىخ سۈرۈپ بارماقتا. خۇددى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ خەۋەر قىلىپ كەلگىنىدەك، 7 - ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدە ۋەقە تۇغدۇرۇپ جەمئىيەت ئامانلىقىغا جىددىي خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقانلار پۈتۈنلەي دېگۈدەك خىتاي كۆچمەنلىرى بولۇپ، ھەر كۈنى مىڭلىغان خىتاي كۆچمىنى تەشكىللىك ۋە پىلانلىق ھالدا ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا تەلۋىلەرچە بۆسۈپ كىرىپ ۋەقە سادىر قىلماقتا.
خىتاي ھاكىمىيىتى دەسلىپىدە "پەقەتلا زوراۋان ئۇيغۇرلارنى قىرىپ - چېپىپ، تۇتۇپ - سولاپ يىغىشتۇرساقلا جەمئىيەت ئامانلىقى مۇقىملىشىدۇ" دەپ چوتنى خاتا سوققان، ئۆتكەن يىلى 3 - ئايدا تىبەتنىڭ لاسا شەھىرىدە قوللانغان قانلىق باستۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۈرۈمچىگىمۇ ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلگەن ئىدى.
ئەمدىلىكتە بولسا، كاللىسى چوڭ خىتايچىلىق بىلەن ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىپ، ۋۇجۇدى ئۇيغۇرلارغا بولغان نەپرەت ۋە دۈشمەنلىك تۇيغۇسى بىلەن تولۇپ - تاشقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك كوچىلارغا يىغىلىپ ئۆكتەملىك قىلىشى ۋە ھەتتا " چەنتۇلارغا يۇمشاق قوللۇق قىلدىڭ " دەپ ھاكىمىيەتكە مۇش كۆتۈرۈپ چىقىشى، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى " ئۆزەم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا " دەيدىغان كۈلكىلىك بىر ۋەزىيەتكە چۈشۈرۈپ قويدى.
چۈنكى، شەرقىي تۈركىستان رايونى خىتاينىڭ ئېنىرگىيە ۋە خام ئەشيا جەھەتتىكى جان تومۇرىغا ئايلىنىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ رايوننىڭ سىياسى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ھاياتى قىممەتكە ئىگە ئىدى.
مانا ئەمدىلىكتە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتىنى بېسىقتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئومۇمىي مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يىللاردىن بۇيان 3 خىل كۈچلەر دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلاردىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيىلەپ چىققان شوۋىنىست خىتاي كۆچمەنلىرى توپىغا قارىتىپ ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىشقا مەجبۇر بولماقتا.
لاسادىكى ئىسيانلارنىڭ تىز ئارىدا بېسىقتۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولسا، تىبەتلىكلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر مىللىي ياكى ئىرقىي توقۇنۇشقا ئايلانمىغانلىقى ئىدى، چۈنكى لاسانىڭ نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى تىبەتلىك، يەنە شۇنداقلا پۈتۈن تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى تىبەتلىكلەر بولۇپ، كەڭ كۆلەملىك بىر مىللىي توقۇنۇشنىڭ سىياسى ئاساسى ئاجىز ئىدى.
ئەمما، ئۈرۈمچىنىڭ نوپۇسىنىڭ 85 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى خىتاي، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 40 پىرسەنتىگە يېقىنراقى خىتاي بولۇپ، بىر مىللىي رايون ياكى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر رايونغا نىسبەتەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نىسبىتىنىڭ بۇ دەرىجىدە يۇقىرى بولۇشى، ماھىيەتتە مىللىي ياكى ئىرقىي توقۇنۇشنىڭ بىۋاستە مەنبىيى ۋە سەۋەبچىسى ھېسابلىناتتى.
چۈنكى، دۇنيا نۇقتىنەزىرىدىن ئالغاندىمۇ، ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ يەرلىك خەلقى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ زور خەۋپ - سىرتتىن كەلگەن كۆچمەنلەر بولۇپ، بۇلار، يەرلىك خەلقنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەتلىرىگە بىۋاستە ھالدا دەخىل - تەرۈز يەتكۈزۈپ كەلمەكتە.
شۇڭا، ئۈرۈمچىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تىز سۈرەتتە تەرەققى قىلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي ۋە ئىرقىي توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كىتىشىنىڭ ئەجەپلەنگىدەك يىرى يوق!
ھازىر قارايدىغان بولساق، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆكتەملىكى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنكى، بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە نەچچە مىڭ خىتاي كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، ئالدىنقى نامايىشلار جەريانىدا تۇتۇپ كىتىلگەن بىر خىتاينى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ۋە نامايىش جەريانىدا خىتاي ساقچىلىرىغا تاش - كىسەك ياغدۇرغان!
7 - ئىيول كۈنى قېرى - چۆرى ۋە تۇل - يىتىملاردىن تەركىپ تاپقان بىر قانچە يۈز ئۇيغۇر خانىم - قىز كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، تۇتۇپ كىتىلگەن 10 مىڭلىغان پەرزەنتلىرى ۋە ئەرلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، بۇ بىچارىلەرنى قوللىرىغا كالتەك - پىچاق، پالتا - كەكە كۆتۈرۈشكەن يۇقىرىقى شوۋىنىست خىتاي كۆچمەنلىرى قورشىۋىلىپ، خىتاي ساقچى - ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىدىلا ئۇلارنى چالما - كىسەك قىلىشقا تاسلا قالغان ئىدى، بۇ ھەقتىكى ۋىدىئو كۆرۈنۈشلىرىنى پۈتۈن دۇنيا خەلقى تېلىۋىزورلاردىن دەھشەت تۇيغۇسى ئىچىدە ئىزدىگەن ئىدى.
ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانۇنى جەھەتتە ئىككى خىل ئۆلچەم سىياسىتىنى قوللانمىغان بولسا ئىدى، بۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇرلارغا تۇرماق، ھەتتا ئۆز ھاكىمىيىتىگىمۇ شىلتىڭ ئاتىدىغان دەرىجىدە كۆرەڭلەپ كەتمىگەن بولاتتى.
كېيىنكى 10 يىلدىن بۇيان، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا پۈتۈن قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئاساسى كۈچىنى ئاتالمىش " مىللىي بۆلگۈنچىلەر" گە زەربە بېرىشكىلا قارىتىپ، بۇ رايوندا ياشاۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرگىنى ئۈچۈن، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئۇلارنىڭ خورىكى ئېشىپ، خالىغانچە زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاساس قىلغاندىمۇ، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق، ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق، زەھەرلىك چىكىملىك ئەتكەسچىلىكى، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق دېگەندەك ئاساسلىق جىنايى ئىشلار دىلولىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋىلىش تەس ئەمەس!
بىڭتۈەنلىك مىليونلىغان خىتاي كۆچمىنىنىڭ قانۇنىي جەھەتتىكى ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىنى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، بۈگۈنكى كۈندە يەرلىك قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ھەتتا بىڭتۈەنلىك بىر قاتىل ئۈستىدىنمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى يوق!
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1949 - يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتىپ كەلگەن سىياسى، ئىقتىسادى، قانۇنى، مەمۇرى جەھەتلەردىكى ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ۋە چوڭ خىتايچىلىق تەرغىباتى، بۇ رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا قانۇن - نىزاملارغا پىسەنت قىلمايدىغان، ئۇيغۇرلارنى خورلاش ۋە بوزەك قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي بۇرچى دەپ قارايدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگەن.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمەى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان يۈز بەرگەن بىر قاتار ھادىسىلەر شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، شەرقىي تۈركىستانغىلا ئەمەس، ھەتتا خىتايغىمۇ ئاساسىي خەۋپ شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشىغان مىللىي رايونلاردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدىن كىلىدۇ.
چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىمۇ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ پايتەختى بېيجىڭدىن 5000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۈرۈمچىدە زاۋاللىققا يۈز تۇتۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كىلىشمەكتە. ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى راستىنلا ئۈرۈمچىنىڭ، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي سىياسى ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشنى خالىسا، خىتاي كۆچمەنلىرىگە قاراتقان سىياسىتىدە جىددىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى، بۇ رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتىلغان ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن دەرھال ۋاز كىچىپ، سىياسى، ئىقتىسادى، قانۇنى، مەمۇرى جەھەتلەردە خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن يەرلىكلەرگە قارىتا ئوخشاش سىياسەتنى يولغا قويۇشى لازىم.
خىتاي ھاكىمىيىتى 1949 - يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانغا كەڭ كۆلەمدە خىتاي كۆچمىنى يۆتكەش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە، ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى يەرلىك مىللەتلەرنى ئۆز تۇپرىقىدا ئازسانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىدىن مەھرۇم قالدۇرىدىغان بۇ خىل سىياسەت، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىغا ۋە 'مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى' نىڭ ماددىلىرىغا تۈپتىن خىلاپ بولۇپ، خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاپ كىلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.
شۇڭا، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستانغا پىلانسىز ھالدا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىدىن ۋاز كىچىشى، بۇ رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتىپ كىلۋاتقان مەجبۇرىي نوپۇس تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىشنى خالىغان كۆچمەنلەرگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتلىرىگە بىۋاستە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان بىڭتۈەننى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ تېررىتورىيىسىنى يەرلىككە قوشىۋىتىشى شۇنداقلا بىڭتۈەنلىك خىتايلارنى پىلانلىق ۋە قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېتىشى لازىم.
مانا بۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرى!