ئىككى سوتنىڭ قارارى، يەنە بىر شاۋگۇەن ۋە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ خەۋەرچىسى

شاۋگۇەندىكى ئىرقىي ھۇجۇم ۋە 5 - ئىيول ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان دۇنيا سىياسىي سەھنىلىرىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خەلقئارالىق بېسىم شەكىللەنگەن.

0:00 / 0:00

دۇنيا جامائەتچىلىكىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنى شاۋگۇەن ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى قانۇنىي جەھەتتە ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنى، قانۇنى ۋە دىنىي ھەق - ھوقوقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى سەۋەبى بىلەن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان رايونىدا مىللىي توقۇنۇش ۋە ئىختىلاپلارنىڭ پەسىيىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.

ئەمما، شاۋگۇەن ۋە ئۈرۈمچىدە ئارقا - ئارقىلىدىن چاقىرىلغان ئىككى قېتىملىق سوتنىڭ نەتىجىسى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا مەيدان ئوقۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ زوراۋان ۋە ئادالەتسىز تەبىئىتىدىن ئەسلا ۋاز كەچمىگەنلىكىنى، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ مەقسىتىنىڭ، ئىرقىي توقۇنۇشلارنى پەسەيتىش ئەمەس، بەلكى ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چېچىپ، مىللىي زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنىڭ يەنىمۇ ئۇلغىيىشىغا سىياسى جەھەتتىن زېمىن ھازىرلاش ئىكەنلىكىنى ئوچۇقچە كۆرسىتىپ بەردى.

قىسقىسى، شاۋگۇەن ۋە ئۈرۈمچى سوتىنىڭ قارارى، يەنە بىر شاۋگۇەن ۋە 5 - ئىيول ۋەقەسىنىڭ خەۋەرچىسى ئىدى. 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شاۋگۇەندە ۋە 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان ئىككى قوشماق سوتنىڭ ھۆكۈملىرى بىر - بىرىگە پاراللىل بولۇپ، ھەر ئىككىسىدىلا پاكىتلار بۇرمىلانغان، يالغان دەلىل - ئىسپاتلار ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان، ھەقىقىي قاتىل ۋە زوراۋانلار قانۇن تورىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇپ، ۋەقەدە بىۋاستە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار جازالاندۇرۇلغان، بۇ ئارقىلىق، فاشىست ۋە ئىرقىچى خىتايلارغا جاسارەت ۋە مەدەت بېرىلگەن، ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ يەنە شاۋگۇەندىكى ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئىرقىچى خىتايلارغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە قىرغىن قىلىشى، ئىزىشى، خورلىشى ۋە بوزەك قىلىشى ئۈچۈن قانۇنىي جەھەتتە قولايلىق ۋە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنىڭ ئوچۇقچە بىشارىتىنى بەرگەن ئىدى.

چۈنكى، 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شاۋگۇەندىكى سوتتا 5 يىللىق ۋە 6 يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان قەشقەر توقۇزاقلىق يارمەمەتجان ئىسمايىل، ئوسمانجان ئوبۇل ۋە يۈسۈپجان تۇردى قاتارلىق 3 نەپەر مەسۇم دېھقان يىگىتىنىڭ ئاتالمىش " جىنايىتى " بولسا، پەقەتلا ئۇلارنىڭ ئىرقىچى خىتايلارنىڭ ۋەھشى ھۇجۇمىدىن ئۆزلىرىنى قىسمەن مۇداپىئە قىلغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق جانلىرىنى ساقلاپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت ئىدى، ئەگەر ئۇلارمۇ باشقا قۇربانلارغا ئوخشاش تاياق - توقماققا سۈكۈت قىلىپ بوينىنى قىلغا باغلاپ جىم تۇرۇپ بەرگەن بولسا، ھەتتا ھاياتلىرىدىن ئايرىلغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا بۇ بىچارە دېھقان يىگىتلىرىمۇ جازاغا تارتىلمىغان بولاتتى.

10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۈرۈمچىدىكى سوتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئابدۇكەرىم ئابدۇۋاھىت، غەنى يۈسۈپ ... قاتارلىق 6 ئۇيغۇر ياشنىڭ ئاتالمىش "جىنايىتى" مۇ، ئۇلارنىڭ شاۋگۇەندە خىتايلارنىڭ ئىرقىي ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈش ۋە شاۋگۇەندىكى خىتاي قاتىللىرىنىڭ جازاغا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلىش مەقسىتىدە كوچىغا چىقىپ تىنچلىق شەكلىدە نامايىش قىلغانلىقى ئىدى، يەنە كىلىپ بۇ ئاتالمىش " 3 خىل كۈچلەر " نىڭ نامايىش جەريانىدا كۆتۈرۈپ چىققىنى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى ئىدى.

شاۋگۇەندە يۈز بەرگەن ئىرقىي ھۇجۇم ھەققىدىكى دەھشەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى چەتئەلدىكى ئاتالمىش " مىللىي بۆلگۈنچىلەر " فىلىمگە ئېلىپ تارقاتقىنى يوق، بۇ فىلىملەرنى چەتئەلگە ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىگە تارقاتقۇچىلارمۇ دەل ئەنە شۇ شاۋگۇەندىكى ئىرقىچى خىتايلار ئىدى. نورمال بىر ئىنساننىڭ قاراشقىمۇ يۈرىكى چىدىمايدىغان بۇ ۋەھشى ۋە ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەرگە ھېچبىر ئۇيغۇرنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى كوچىغا چىقىشقا مەجبۇر قىلغان بىردىن - بىر سەۋەبمۇ دەل شاۋگۇەندىكى ئىرقىچى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قىلغان رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇمى نامايەن قىلىنغان ۋىدىئو كۆرۈنۈشلىرى ئىدى.

يېقىندا دالاي لاما گېرمانىيىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، شاۋگۇەن ۋەقەسى ھەققىدىكى فىلىملەرنىڭ بېشىنى كۆرۈپلا بولدى قىلغانلىقىنى، چۈنكى تولۇق كۆرۈشكە ۋىجدانى ۋە يۈرىكىنىڭ چىدىمىغانلىقىنى، بۇ ھادىسىنىڭ دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان ئېچىنىشلىق تراگىدىيەلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، بۇ خىل تىراگىدىيەگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھايۋان كەبى سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشى مۇمكىنمۇ ؟ ئەگەر ۋەتەندىكى خەلق شاۋگۇەن ۋەقەسىگە سۈكۈت قىلىپ قول قوشتۇرۇپ تۇرغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدىكى ئوبرازىغىمۇ سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغان بولاتتى.

خۇددى، "زامان زورنۇڭ" دېگەندەك، شاۋگۇەن ۋە ئۈرۈمچى سوتىنىڭ قارارى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇشتۇمزورلۇقىنىڭ، مۇتىھەملىكىنىڭ ۋە زالىملىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىدى.

بولۇپمۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغىنى - شاۋگۇەن سوتىنىڭ قارارى بولۇپ، جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان 6 كىشىنىڭ 3 نەپىرى ئۇيغۇر ئىدى.

چۈنكى شاۋگۇەن ۋەقەسىدىن بۇيان، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇۋانى ھېسابلانغان "شىنخۋا ئاخبارات ئاگېنتلىقى"، "خەلق گېزىتى"، " خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى" ... قاتارلىق ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۇ ۋەقەنىڭ كەلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە ئېلان قىلىنغا پۈتۈن خەۋەر - ماقالىلەردە، بۇ ئىرقىي ھۇجۇمنىڭ كىلىپ چىقىشىغا پۈتۈنلەي شاۋگۇەندىكى بىر خىتاينىڭ، "ئۇيغۇرلار خىتاي قىزلىرىغا باشقۇنچىلىق قىلدى" دېگەن پىتنە - پاساتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۇنى پۈتۈن ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغانلىقى ۋە بۇ خەۋەرگە ئىشەنگەن بىر ئوچۇم شەھەر لۈكچەكلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىشلەۋاتقان زاۋۇت قوروسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، باشقا خىتاي ئىشچىلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بايان قىلىنغان. ھەتتا شاۋگۇەن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ گۇچياڭ 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى " خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى " نىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ، بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ھېچبىر سەۋەنلىكىنىڭ يوقلۇقىنى، چۈنكى، سىرتتىن 18 نەپەر ئۇيغۇر ساقچىنى يوتكەپ كىلىپ، ئۇيغۇر ئىشچىلار ئۈستىدىن ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ جەرياندا 3000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ سوراق قىلىنغانلىقىنى، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقلەر سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئىشچىلار بىلەن خىتاي ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدا خېلىدىن بېرى سۈركۈلۈشنىڭ بارلىقىنى، بۇ خىل سۈركۈلۈشنىڭ ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى قانلىق ۋەقەنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى بايان قىلغان شۇنداقلا بۇ ۋەقەدە ئاكتىپ رول ئوينىغان ۋە ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان 14 نەپەر خىتاينىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

قەشقەر كوناشەھەر ( توقۇزاق ) ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ئەھەت ياسىن، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدە، "خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى" نىڭ 3 نەپەر مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شاۋگۇەندىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ناھايىتى يۇۋاش دېھقان بالىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى جىنايەت سادىر قىلغان بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلغان ۋە ھادىسىنىڭ كىلىپ چىقىشىغا پۈتۈنلەي ئىنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلىنغان بەزى پىتنە - پاساتلارنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، بۈگۈنكى كۈندە شاۋگۇەن سوتىنىڭ 3 نەپەر ئۇيغۇرنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى نېمىدىن دىرەك بىرىدۇ ؟

دېمەك، شاۋگۇەن سوتى بىلەن ئۈرۈمچى سوتىنىڭ يۇقىرىقى قارارى، ماھىيەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىر سىياسى قارارىدىن باشقا نەرسە ئەمەس !

چەتئەللەردىكى سىياسىي گۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1949 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن سىياسىتىنىڭ تۈپ ماھىيىتى - باستۇرۇپ يوقىتىش ۋە بېسىم بىلەن سىڭدۈرۈش سىياسىتىدىن ئىبارەت، بۇ خىل سىياسەت ھېچبىر زامان ئۆزگەرگىنى يوق، بۇ سىياسەت ئۆزگەرمىگىچە، يەنە بىر "شاۋگۇەن"، يەنە بىر "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ قايتا مەيدانغا كىلىشىمۇ مۇقەررەر !