ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى جۇمھۇرىيەتكە بولغان سېغىنىش تۇيغۇلىرى كۈچەيمەكتە

ئەگەر دىققەت قىلىدىغان بولساق، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇستەقىللىق تۇيغۇلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز.

0:00 / 0:00

ئەلۋەتتىكى بۇ خىل مىللىي تۇيغۇنىڭ كۈچىيىشى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان ئىشەنچسىزلىك، ئۈمىدسىزلىك ۋە نەپرەت تۇيغۇلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ روشەن بىر ئالامىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاشنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھالاكەت ۋە پالاكەتتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن خىتاي مىللىتىنىڭمۇ بىر موھىت ئىچىدە ئىناق - ئىتتىپاق ياشىيالىشىنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشقان.

چۈنكى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شاۋگۈەن ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە بۇ ۋەقەلەرنى باستۇرۇشتا قوللانغان قەبىھ ۋاستىلىرى، پەقەت خىتاي مىللىتىنىڭلا مەنپەئەتلىرىنى چىقىش نۇختىسى قىلىنغان، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن ھەق - ھوقۇقلىرى تۈپتىن ئىنكار قىلىنغان، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى، "مۇداپىيە كۆرۈش ۋە قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىشقا تىگىشلىك دۈشمەن مىللەت" دەپ قارالغان تىپىك بىر مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنىڭ روشەن ئىپادىلىرى ئىدى.

مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ چىكىدىن ئاشقان ئادالەتسىز سىياسىتى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نورمال پۇقراسى دەپ تونىمىغانلىقىنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ ھېچبىر زامان ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئوچۇقچە ئاشكارىلاپ بەرگەن ئىدى.

بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزلىرىگە ئائىت بولغان ئەسلى ۋەتىنىگە ۋە ئەسلى جۇمھۇرىيىتىگە بولغان سېغىنىش تۇيغۇلىرىنىڭ كۈچىيىشى ناھايىتى تەبىئىي بىر ئەھۋال ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى قۇرۇلغان 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي بايرىمى، دەپ تونۇغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان زور ھاياجان ۋە تەنتەنە ئىچىدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەبرىكلەش ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، ھەتتا چەتئەللەردە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ھازىرقى زېمىن پۈتۈنلۈكى ئىچىدە ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئەسلىدىكى يۇمشاق ۋە مۆتىدىل تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالدىغا مۇستەقىللىقتىن باشقا چىقىش يولىنى قويمىغانلىقىنى، بۆلگۈنچىلىكنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىشمەكتە.

گەرچە ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تۇيغۇلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولسىمۇ، ئەمما، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارىختا ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە يۈكسەك مىللىي بىرلىكنىڭ شەكىللەنگەنلىكى، ئۆز‏-ئارا ئاداۋەت، دۈشمەنلىك ۋە جەڭگى - جىدەللەرنىڭ زور دەرىجىدە ئازايغانلىقى، ئۆزىنىڭ تارىخىغا، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىگە، مەدەنىيىتىگە، دىنىي ئېتىقادىغا بولغان قىزىقىش ھېسسىياتىنىڭ كۈچەيگەنلىكى كۆرۈلمەكتە.

ۋەتەندىن چەتئەللەرگە يېڭى چىققان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچىمۇ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىجتىمائىي ئەخلاق جەھەتتە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە زور بۇرۇلۇش ھاسىل بولغان، ئىلگىرى كۈن بويى مەيخانىدىن چىقمايدىغانلار، ھازىر ناماز ئوقۇيدىغان، جۈمە نامىزىدىن قالمايدىغان ھالغا كەلگەن. يەنە بەزىلەر، كۈندىلىك ھاياتىدىكى خىتاي مەدەنىيىتىدىن سىڭدۈرۈۋالغان ئادەتلەرنى تاشلاپ، ئەسلىدىكى مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىگە قايتىشقا باشلىغان، ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا زىنا، كەيپى - ساپا، ئىسراپچىلىق، پوچىلىق، نوچىلىق، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، زەھەرلىك چېكىملىك چىكىش ... دىگەنگە ئوخشاش ناچار ئىللەتلەر كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايغان، قانۇن تارماقلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، باشقا كەسىپلەرگە يۈزلەنگۈچىلەرنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلىغان ... جەمئىيەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ بىر - بىرىگە تۇغقانلىق ۋە قېرىنداشلىق نەزىرى بىلەن قارايدىغان، بىر - بىرىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىدىغان، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىرقىي ھۇجۇملىرىدىن كوللىكتىپ ھالدا مۇداپىئە كۆرىدىغان مىللىي بىرلىك كەيپىياتى شەكىللەنگەن.

5 - ئىيول ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىشكە باشلىغان مىللىي مۇستەقىللىق تۇيغۇلىرى نېمىدىن دىرەك بېرىدۇ؟

تۈپ نەگىزىدىن ئېيتقاندا، بۇ خىل ئىنسانى ۋە روھىي تۇيغۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە ۋە خىتاي خەلقىغە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تامامەن يوقىغانلىقىنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر مىللەت ئىكەنلىكىگە بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقىنىڭ روشەن بىر ئىپادىسىدىن ئىبارەت.

5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، قىيناش ۋە ئۆلتۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكىرەك كۈچەيتىلدى، ئەكسىچە بۇ رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى سىياسى، ئىقتىسادى ۋە قانۇنىي جەھەتلەردە ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ يەرلىك خەلقنى خالىغانچە بوزەك قىلىشى، خورلىشى ۋە دەپسەندە قىلىشى ئۈچۈن سىياسى جەھەتتىن ئازادە زېمىن ھازىرلاپ بېرىلمەكتە.

بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدا ئاتالمىش "مىللىي باراۋەرلىك" تىن ھېچبىر ئەسەر قالمىدى.

مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرسىزلىك - مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر موھىت ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى "مىللىي بۆلگۈنچىلىك" بىلەن شۇغۇللانماسلىققا ۋە ئىلگىرى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتتىن مىھرىنى تامامەن ئۈزۈشكە دالالەت قىلىشى، ھەقىقەتەنمۇ ئۇچىغا چىققان بىر سىياسىي ئۆكتەملىك ئىدى.