ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، شاۋگۈئەندە ئىرقىچى خىتايلارنىڭ قانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىلا قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق توققۇزاق ناھىيىسىدىن مەجبۇرىي ئىشلەمچىلىككە يۆتكەپ كىلىنگەن ياش دېھقانلار ئىدى.
مەسىلەن، " شىنجاڭ گېزىتى " نىڭ 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ۋە 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنلىرىدىكى سانلىرىدا، توققۇزاق ناھىيىسىدىن خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىگە ئىشلەمچىلىككە بارغان ۋە بۇ جەرياندا " مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى " بولۇپ سايلانغان ئاسىمگۈل ئابدۇكېرىم ئىسىملىك بىر دېھقان قىزىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ھۆكۈمەت تارماقلىرى بۇ بىچارە قىزنى ئالدىغا سېلىۋېلىپ، يېزىمۇ - يېزا چۆگىلىتىپ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىشلەشنىڭ " ئەھمىيىتى " ۋە " پايدىسى " ھەققىدە شۇنداقلا شاۋگۈئەن ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىنىڭ "ھەقىقىي ماھىيىتى" توغرىسىدا دوكلات بەرگۈزۈشكە باشلىغان.
خىتاينىڭ ئاسىمگۈل ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى بولسا، ئاتالمىش " مىللىي بۆلگۈنچىلەر " نىڭ قانداق قىلىپ شاۋگۈئەن ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقى ئىدى.
دېمەك، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە يۈرگۈزگەن تەشۋىقات ھەرىكىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر قىز - يىگىتلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىش سىياسىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يوشۇرۇش ۋە دۇنيادا زور سىياسى تەسىر پەيدا قىلغان شاۋگۈئەن ۋەقەسىنى، تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان ئادەتتىكى بىر ئىجتىمائى ھادىسە قىلىپ كۆرسىتىپ، شاۋگۈئەندىن ئۈرۈمچىگە سوزۇلغان ئىرقىي ھۇجۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئاتالمىش " 3 خىل كۈچلەر " دەپ ئاتالغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ گەدىنىگە ئارتىشتىن ئىبارەت ئىدى.
خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۈلگە قىلىپ تىكلەپ چىقىلغان ئاسىمگۈل ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر قىزىمۇ ئەسلىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئادالەتسىز سىياسىتىنىڭ تىپىك قۇربانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى، خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلىۋاتقان يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن ئىدى.
مەسىلەن، " شىنجاڭ گېزىتى " نىڭ 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان، " ئاسىمگۈلنىڭ شانلىق ھاياتى " دىگەن ماۋزۇدىكى زىيارەت خاتىرىسىدە بايان قىلىنىشىچە، ئاسىمگۈل ئابدۇكېرىم ئەسلىدە توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ ئوپال يېزىسىدىن بولۇپ، 2006 - يىلى ئاسىمگۈل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالىي نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاتا - ئانىسى كىسەلچان، ئائىلىسى ئىنتايىن نامرات، ئۇكىلىرى كىچىك بولغىنى ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپكە ئېمتىھان بېرىشتىن ۋاز كېچىپ، ئائىلىسىگە قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن ئاسىمگۈل، كۆتىرە ئالغان يىرىدىن قىلغان ئازغىنە كىرىمى بىلەن ھەم ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشقا ھەم 3 نەپەر ئۇكىسىنى ئوقۇتۇشقا تىرىشقان.
مانا شۇنداق بىر پەيتتە، يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن دېھقان قىزلىرىنى تيەنجىن شەھىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش كەلگەن، ئۆزىنىڭ بايلىققا تولغان يۇرت - ماكانىدا ھەم ئوقۇشسىز ھەم ئائىلە بويىچە ئاچ - يالىڭاچ قالغان ئاسىمگۈل، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن، " ھايات قېلىشنىڭ بىردىن - بىر چىقىش يولى " دەپ كۆرسىتىلگەن بۇ يولنى سىناپ بېقىش قارارىغا كەلگەن ۋە تيەنجىنگە بېرىپ ئىشلەش ئۈچۈن ئۆزىنى تىزىملاتقان.
ئەمما، ئاسىلگۈلنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىشىغا شىددەت بىلەن قارشى چىققان، لىكىن يېزا كادىرلىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە كۆپ قېتىم كېلىپ، ئاتا - ئانىسىغا قايتا - قايتا " ئىدىيىۋىي خىزمەت " ئىشلەش ئارقىلىق ئاخىرى ئۇلارنى قايىل قىلغان.
بۇيەردە تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش " ئىدىيىۋىي خىزمەت " بولسا، ئەمەلىيەتتە سىياسى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىكى بېسىم ۋە تەھدىتلەردىن ئىبارەت بولۇپ، خىتاي ئۆلىكىلىرىگە قىزلىرىنى ئەۋەتىشنى رەت قىلغان ئائىلىلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن " تېرىلغۇ يېرىڭنى تارتىۋالىمىز، قورو - جايلىرىڭنى مۇسادىرە قىلىمىز، ئىقتىسادى جەھەتتىن جەرىمانە قويىمىز " دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەھدىت قىلىپ كىلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان بولۇپ كەلمەكتە.
نەتىجىدە، 18 ياشلىق ئاسىمگۈل، 2007 - يىلى 1 - ئايدا سۆيۈملۈك يۇرتى ۋە مېھرىبان ئاتا - ئانا، ئۇكا - سىڭىللىرىدىن ئايرىلىپ، توققۇزاقتىن توپلانغان 260 نەپەر ئۇيغۇر قىزى بىلەن بىرگە خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدىكى بىر پەلەي زاۋۇتىغا ئىشلەمچىلىككە بارغان.
" شىنجاڭ گېزىتى " ۋە " شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى " نىڭ تور سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان زىيارەت خاتىرىسىدە، ئاسىمگۈل قاتارلىق 260 نەپەر ئۇيغۇر قىزىنىڭ تيەنجىن شەھىرىدىكى پەلەي زاۋۇتىغا بارغاندىن كېيىنكى روھى - ھالىتى ھەققىدە ئەينەن مۇنداق تەسۋىرلەنگەن : "ئۇلار تۇنجى قېتىم ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ يىراق سەپەرگە چىققانلىقى ۋە پۈتۈنلەي ناتونۇش بىر دۇنياغا كېلىپ قالغىنى ئۈچۈن، دىلى سۇنۇق، روھى چۈشكۈن ئىدى، ئاتا - ئانىسىنى سېغىناتتى، تۇرمۇشقا كۆنەلمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت ئورنىدا بىلمەيدىغان نەرسىلىرى كۆپ ئىدى، بىر كۈنى يېرىم كېچىدە، يۇرتىنى سېغىنغان بىر قىز يىغلىۋىدى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ پۈتۈن ياتاقتىكى قىزلارمۇ ھۆكۈرەپ يىغلاشقا باشلىدى، بۇ چاغدا ئاسىمگۈل يىغلاشتىن ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ 'بىز ھەممىمىز توققۇزاقتىن، يېزىدىن كەلدۇق، قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ قالماسلىقىمىز، يۇرتىمىزدىكىلەرنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ قويماسلىقىمىز لازىم' دەپ نەسىھەت قىلدى."
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا يەر ئالغان يۇقىرىقى تەسۋىرلەر، ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلگەن پۈتۈن ئۇيغۇر قىزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېچىنىشلىق تەقدىرنىڭ جانلىق بىر ئىسپاتى ئىدى. " شىنجاڭ گېزىتى " دىكى ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاسىمگۈل باشچىلىقىدىكى توققۇزاقلىق ئۇيغۇر قىزلىرى كېچە - كۈندۈز جاپالىق ئىشلەپ، زاۋۇتنىڭ ئىقتىسادى كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا زور ھەسسە قوشقان.
تيەنجىندىكى پەلەي زاۋۇتىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى نەتىجىسىدە شۇ يىلى زاۋۇت 120 مىليون يۇئەن كىرىم قىلغان.
زاۋۇت بىلەن قىلغان توختام مۇددىتى توشقان ئاسىمگۈل، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنلا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ئۇنىڭ ياقىسىنى قويۇپ بەرمىگەن، ئۇنىڭ مەيدىسىگە، "1 - ماي ئەمگەك مېدالى " نى تاقاپ، ئۇنى پۈتۈن ناھىيىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەزمونلاردا ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا سالغان.
10 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگە كەلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاسىمگۈلنى يەنە، توققۇزاقتىكى 100 گە يېقىن ئۇيغۇر قىزىغا باش قىلىپ، گۇئاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر ئاياق زاۋۇتىغا قايتا ئىشلەمچىلىككە يولغا سالغان.
مانا بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن " مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى" دەپ بىكىتىلىپ، ساختا تەشۋىقاتنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇۋېلىنغان ئاسىمگۈلنىڭ ھىكايىسى !