خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە قارىتىلغان " خەتەرلىك ۋە كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى " باشلانغاندىن بۇيان، 4678 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى چېقىپ تاشلانغان.
قەشقەر قەدىمىي شەھىرى جەمى 28 ئولتۇراق رايونىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇيەردىكى ئائىلىلەرنىڭ سانى 65 مىڭدىن كۆپىرەك، جان سانى بولسا 220 مىڭ نەپەرگە يېقىن بولۇپ، بۇلار، پۈتۈن قەشقەر شەھىرىنىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا يېقىنراقىنى تەشكىل قىلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى بولسا، كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، پۈتۈن ئاھالىلەرنى يېڭى سېلىنغان بىنالارغا كۆچۈرۈپ بولۇش بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يەنە 8835 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى چېقىپ تاشلىنىدىكەن.
دېمەك، خىتاي ھاكىمىيىتى يۇقىرىقى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان تەقدىردە، يەنە 5 يىلدىن كېيىن قەشقەر قەدىمىي شەھىرى يەر شارىدىن پۈتۈنلەي غايىپ بولىدۇ دېگەن گەپ.
بۇ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مەدېنىيىتىنىڭ جەۋھىرىنىڭ يوقۇلۇشىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن قەدىمىي ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ تارىخقا كۆمۈلۈشى دېمەكتۇر.
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يۇقىرىقى خەۋەردە " قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، نۆۋەتتە جۇڭگودا بىردىن - بىر ساقلىنىپ قالغان تىپىك قەدىمىي غەربىي دىيار ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئەنئەنىۋى تارىخىي رايون بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ۋە بىناكارلىق جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى موھىم ماددى ئىسپاتلارنىڭ بىرى" دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، بۇ شەھەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نەقەدەر زور تارىخىي قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى.
بۇخىل ئېتىراپ، پەقەت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق ئېتىراپىدىن ئىبارەت، چۈنكى قەدىمىي قەشقەر، ئۇزۇن تارىختىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭلا ئەمەس، ھەتتا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن، ئۆزىنىڭ گۈللىنىش تەرەققىياتى ۋە ئۆزىگە خاس ئەنئەنىلىرى بىلەن جاھان ئەللىرىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغان، مۇشۇ زېمىندا ئۇزاق تارىختىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە شەھەر قۇرۇلۇشى، بىناكارلىق سەنئىتى، تۈرلۈك - تۈمەن نەققاشلىق ھۈنىرى مۇجەسسەملەنگەن خاسىيەتلىك بىر شەھەر، شۇنداقلا تۇپراققا يېزىلغان تارىخىي بىر قامۇس ئىدى.
دېمەك، ھەم دۇنيا مەدەنىيىتى، ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ، " يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بەرەلمەيدۇ " دېگەندەك تۈكى يوق باھانىلەر بىلەن چېقىپ ۋەيران قىلىنىشى، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى تارىخ سەھنىسىدىن يوقىتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان شۇم نىيىتىنى ئوچۇقچە كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
چۈنكى، تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندىمۇ، نەچچە 100 يىلدىن بۇيان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە مانجۇ، خىتاي ۋە تۇڭگان ئىستىلاسى تۈپەيلىدىن ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەرقايسى دەۋىرلەردە ئۆتكەن مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئۇيغۇرلاردىن ئۆچ ئېلىش ۋە ئۇلارنى قىرغىن قىلىشنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرىۋالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
مەسىلەن، 1933 - يىلىدىكى تۇڭگان ئىستىلاسى جەريانىدا، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا بىر كېچىدىلا نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ۋەھشىلەرچە قىرغىن قىلىنغان، تۇڭگانلار تەرىپىدىن بۇلانمىغان بىرمۇ ئۆي قالمىغان، تارىخىي نەقىشلەر بىلەن بىزەلگەن ئىشىك - پەنجىرىلەر ئۇرۇپ چېقىلغان ئىدى.
چۈنكى مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ نەزىرىدە قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ سىمۋولى ۋە تارىخىي ئىسپاتى، مىللىي تۇيغۇلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە كۈچەيتىشىنىڭ ھايات بۇلىقى ئىدى.
شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا، "قەشقەرغە بارمىساڭ، شىنجاڭغا بارغان ھېسابلانمايسەن" دەيدىغان بىر سۆز ئوموملاشقان، بۇمۇ قەشقەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نەقەدەر زور ۋەكىللىك خاراكتېرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
گەرچە، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقى 60 - يىلىغا قەدەم قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ رايوننى تامامەن خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىستىلا سىياسىتىنى تېخى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرالىغىنى يوق. قەشقەر قەدىمىي شەھىرى بولسا، شەرقىي تۈركىستان بويىچە خىتاينىڭ ئاسسىمىلىياتسىيىسىگە ئەڭ ئاز ئۇچرىغان ئۇيغۇر مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مەركەز خۇددى ئىلاھى بىر كۈچ قوغداپ تۇرغان سىرلىق قەلئەگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ مىللىي مىراسلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.
ئەگەر سىز 200 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر توپلىشىپ ياشاپ كەلگەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئارقا كوچىلىرىغا كىرسىڭىز، بۇ يەردە بىرمۇ خىتاينى ئۇچرىتالمايسىز، خىتاي مەدەنىيىتىگە ئائىت ھېچبىر نەرسە كۆزىڭىزگە چىلىقمايدۇ، بۇ يەرنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ - پۇشقىقىدا مىللىتىڭىزنىڭ ئۆتمۈشىنى كۆرەلەيسىز.
بۇ رايونغا بىر كىرىپ - چىققان ئۇيغۇرنىڭ، باشقا رايونلاردا مىغىلداپ يۈرگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆرگىنىدە سەپرايى مىڭ گەز ئۆرلەپ، جۇدۇنى تۇتىدۇ، بۇ رايوننىڭ كوچىلىرىغا ئېزىپ - تىزىپ كىرىپ قالغان خىتايلارنىڭمۇ تىنى شۈركىنىپ، يۈرىكى جىغىلداپ، ئۆزلىرىگە پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان بۇ قەدىمىي قەلئەدىن بالدۇرراق چىقىۋېلىشنىڭ كويىدا بولىدۇ.
دېمەك، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، ئەزەلدىنلا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى غايە قىلغان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۈچۈن زور بىر توسالغۇ ۋە كۆزگە قادالغان مىخ ئىدى.
ئادەتتە، 2 - 3 ئۇيغۇرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ قىلىشىدىن ۋەھىم يەۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە توپلىشىپ ھايات كەچۈرىشى ناھايىتى زور بىر خەۋپ ۋە تەھدىت ئىدى.
شۇڭا بۇ ھاكىمىيەتنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا رەزىل بولۇشتىن قورقماستىن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئۇرۇپ - چېقىپ، تۈزلەپ ۋەيران قىلىشقا كىرىشىپ كىتىشىدىكى ئاساسىي مەقسىدىمۇ، مىللىي مىراسنى يوقىتىش شەكلى بىلەن مىللىي تۇيغۇ ۋە مىللىي ئىرادىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، يەنە بىر جەھەتتىن، ئاھالىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئىسيان قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىدى.