بىڭتۇئەننى قانداق قىلىپ يەنىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە زورايتىش مەسىلىسى بولسا، بۇ تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئۆمەكنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ قىلغان تۇنجى ئىشى، بىڭتۇئەننىڭ باش قوماندانى خۇئا شىفېيدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلىش بولغان.
خىتاينىڭ دۆۋلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋمۇ، 8 - ئايدا شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا، بىڭتۇئەننى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن، بىڭتۇئەننىڭ دۆۋلەتكە قوشقان "ئالەمشۇمۇل تۆھپىلىرى" گە مەدھىيە ئوقۇپ، بىڭتۇئەنلىك خىتايلارنى ئالاھىدە جاسارەتلەندۈرگەن ئىدى.
دېمەك، بۇنۇڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا يۈرگۈزىدىغان ھەرقانداق سىياسىتىدە، بىڭتۇئەننى زورايتىش، كېڭەيتىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئاساسىي نىشان قىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن كۈتىۋاتقان ئەڭ زور تەلەپ ۋە ئۈمىدلىرىنىڭ بىرى -- بىڭتۇئەننىڭ دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بىڭتۇئەن تەرىپىدىن ماناپول قىلىۋېلىنغان يەر - زېمىنلارنىڭ يەرلىك خەلققە قايتۇرۇپ بېرىلىشىدىن ئىبارەت ئىدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاي دېموكراتلىرىمۇ بىڭتۇئەننى شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ۋە مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ باش مەنبىيى دەپ قارىماقتا ۋە بىڭتۇئەننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ، بۇ رايوندا مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
چۈنكى، بىڭتۇئەننىڭ ئۆتمۈشى ۋە قىلمىش - ئەتمىشلىرىنى، شۇنداقلا بىڭتۇئەنلىك خىتايلار بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ نۆۋەتتىكى ئوت بىلەن سۇدەك مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، "بىڭتۇئەن" كەلىمىسى بىلەن، "مۇقىملىق" كەلىمىسىنى بىر ئورۇنغا قويۇش ياكى ئىككىسىنىلا بىرگە ساقلاپ قېلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، جەزمەن ئىككىسىنىڭ بىرىدىن ۋاز كېچىش كېرەك.
خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ پىشىۋاسى ماۋ زېدوڭمۇ ئەينى چاغدا بىڭتۇئەن بىلەن مۇقىملىقنىڭ ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر قالغان ۋە 1975 - يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بىڭتۇئەننى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى. چۈنكى شۇ چاغدا، بىڭتۇئەن بىلەن يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدىكى نەپرەت ۋە دۈشمەنلىك تۇيغۇلىرى يۇقىرى پەللىگە چىققان، بىڭتۇئەنلىك خىتايلار بىلەن يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدا سۇ، يايلاق ۋە يەر - زېمىن تالىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جەڭگى - جىدەللەر پۈتۈن رايونغا يېيىلغان، بىڭتۇئەنلىك خىتايلار بىلەن يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدا ھەر زامان زور بىر قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىش ۋە بۇ توقۇنۇشنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى ئومۇميۈزلۈك بىر خەلق ئىسيانىغا ئايلىنىش خەۋپى مەۋجۇت ئىدى.
رىياللىققا باققىنىمىزدىمۇ، ماۋ زېدۇڭنىڭ بۇ خىل تاللىشىنىڭ ئىجابى ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى، بىڭتۇئەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان 75 - يىلىدىن، بىڭتۇئەن قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن 1981 - يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ ھازىرقىغا قارىغاندا خېلىلا مۇقىم ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
بىڭتۇئەن ئەسلىدە ماۋ زېدۇڭنىڭ بىۋاستە بۇيرۇقى بىلەن 1954 - يىلى قۇرۇلغان، ماۋ زېدۇڭنىڭ مەقسىتىمۇ، خۇددى ھازىرقى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئويلىغىنىدەك، بىڭتۇئەن ئارقىلىق يەرلىكلەرنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش، بىڭتۇئەننىڭ زوراۋان كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە بىڭتۇئەن ئارقىلىق يەرلىك خەلقنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدى.
ئەمما بىڭتۇئەن، ماۋ زېدۇڭنىڭ ئويلىغىنىنىڭ دەل ئەكسىچە بىر نەتىجە بەرگىنى ئۈچۈن، ئاخىرىدا تەقدىرگە تەن بېرىپ، لىۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ بىڭتۇئەننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر قالغان ئىدى.
ئەپسۇسكى، دىڭ شاۋپىڭ باشچىلىقىدىكى ئىككىنچى ئەۋلات خىتاي رەھبەرلىرى ماۋ زېدۇڭدىن ساۋاق ئالمىدى، ماۋ زېدۇڭ ئۆلۈپ 5 يىلدىن كېيىن، يەنى، 1981 - يىلى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ بىۋاستە قارارى بىلەن بىڭتۇئەن قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
بىڭتۇئەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى يەرلىككە قوشۇۋىتىلگەن يەر - زېمىنلار زورلۇق كۈچ بىلەن ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ ئېلىندى، بىڭتۇئەننىڭ تېررىتورىيىسى ۋە نوپۇسى تىز سۈرئەتتە كۈچەيتىلدى.
1990 - يىلى بىڭتۇئەن، مەركىزى ھۆكۈمەتكە بىۋاستە قاراشلىق ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرى ئورۇن قىلىپ بىكىتىلدى. بۇنۇڭ بىلەن، "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" نىڭ زېمىنى ئىچىدە، "بىڭتۇئەن" دەپ ئاتالغان يەنە بىر مەمۇرى ئۆلكە پەيدا بولدى ۋە شەرقىي تۈركىستان رايونى ئىككى چوڭ مەمۇرى رايونغا بۆلۈندى.
بۈگۈن بىڭتۇئەننىڭ نوپۇسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 11 - 12 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئەمما، بىڭتۇئەن تەرىپىدىن بىۋاستە كونترول قىلىۋېلىنغان يەر كۆلىمى، پۈتۈن رايوننىڭ ئومۇمى يەر كۆلىمىنىڭ يېرىمىغا يېقىنراقىنى تەشكىل قىلماقتا.
دېمەك بىڭتۇئەن، يەرلىك خەلقنىڭ مەمۇرى جەھەتتىكى ھەق - ھوقۇقلىرىغىلا ئەمەس، ئىقتىسادى جەھەتتىكى ھەق - ھوقۇقلىرىغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلىپ كەلمەكتە.
بۇنداق بىر شارائىتتا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇئەننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يەرلىكلەر بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى پەسەيتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بىڭتۇئەننى يەنىمۇ زورايتىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشنى تەكىتلەپ كىلىۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە ئېغىر دەرىجىدىكى بىر سىياسىي مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە تەۋەككۈلچىلىك ئىدى.
ئۇنداقتا خىتاي ھاكىمىيىتى بىڭتۈئەنگە نېمە ئۈچۈن بۇ دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ ؟
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇۋانى ھېسابلانغان شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن، بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئېلان قىلىنغان، "بىڭتۇئەن، شىنجاڭنى ئېچىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئالاھىدە يولى" دىگەن ماۋزۇدىكى چوڭ ھەجىملىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا؛ بىڭتۇئەننىڭ ئەھمىيىتى ۋە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، 1962 - يىلى 4 - ئايدا، ئىلى رايونىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا چوڭ قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىڭتۇئەننىڭ دەرھاللا 53 پولكىنىڭ خىتايلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇلارنى 60 مىڭدىن ئارتۇق قاچقۇندىن بوشىغان ئۆي - ماكان ۋە قورو - جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، چېگرانىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقى، قاچقۇنلاردىن قالغان تېرىلغۇ يەر ۋە چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى؛ يەنە، 1962 - يىلىدىكى خىتاي - ھىندىستان ئۇرۇشىدا، بىڭتۇئەننىڭ 1200 نەپەرگە يېقىن خىل ئەسكەر ئاجرىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە يەنە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ پۈتۈن ئارقا سەپ تەمىنات ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇرۇشنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىشىدە ئىنتايىن موھىم رول ئوينىغانلىقى، ھازىر بىڭتۇئەن قارمىغىدىكى 58 چېگرا پولكىنىڭ، 2019 كىلومېتىرلىق چېگرا لېنىيىسىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ، خىتاينىڭ دۆلەت چېگرا مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، ھازىرغا قەدەر بىڭتۇئەننىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كىلىنگەن 120 مىڭ نەپەر خىتاي جىنايەتچىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغانلىقى، 1983 - يىلى خىتايدا جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان، بىڭتۇئەننىڭ خىتايدىكى 18 ئۆلكىدە ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنى يۆتكەپ كېلىپ تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كىلىۋاتقانلىقى، پەقەتلا 1983 - يىلىدىن بۇيان بىڭتۇئەننىڭ جەمئىئى 40 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئەسكىرىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، مەكىت، پوسكام، بارىن، غۇلجا .... قاتارلىق كۆپلىگەن جايلاردا يۈز بەرگەن مىللىي توپىلاڭلارنى باستۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا ماسلىشىپ، 500 دىن ئارتۇق ئاتالمىش "بۆلگۈنچى ئۇنسۇر" نى تۇتۇپ بەرگەنلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق، پۈتۈن خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن غايات زور مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئالاھىدە تەرىپلەنگەن ھەمدە بىڭتۇئەن، " شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى يادرو كۈچ" دەپ كۆرسىتىلگەن.
دېمەك، يۇقىرىقى بايانلار، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىڭتۇئەننى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە زورايتىشقا بۇنچىۋالا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان دەلىللەردىن ئىبارەت.