گەرچە بۇ قېتىم نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى تەرەپ باشلىقلىرى يىغىنىدا كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئەمما، يىغىن باشلىنىشتىن 4 كۈن بۇرۇن، يەنى، 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ستاسسبوئۇرگ شەھىرىدە مەخسۇس قارار ماقۇللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرگە بېرىلىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ۋە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق - ھوقوقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغانلىقى، سىياسى جەھەتتە خىتايغا بېرىلگەن ئېغىر بىر زەربە ۋە جىددىي بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى.
ياۋروپا بىرلىكى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنى ھەر يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئۆتكەن يىلى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى فرانسىيىنىڭ پرېزىدېنتى ساركوزى تىبەت رەھبىرى دالاي لامانى قوبۇل قىلىپ كۆرۈشكىنى ئۈچۈن، بۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى، ياۋروپا بىرلىكى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنىنى ۋاقىتلىق توڭلىتىپ قويغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە شۇ يىلى 12 - ئايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 11 - نۆۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.
بىر مۇددەت تېرە تاراقشىتىپ خۇيلانغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقوق پرىنسىپلىرىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، ئۇنىڭدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى كۆرۈپ يەتكەن، نەتىجىدە يەنە پالتا - كەكىسىنى قېقىپ كىلىپ، بۇيىل 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چېخنىڭ پايتەختى پراگدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى 11 - نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەردە زور سىياسى تەسىر قوزغىغان، تۈرلۈك پارتىيە - گۇرۇھلار، كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىۋىي گۇرۇپپىلار، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن قانلىق قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ياۋروپا بىرلىكىنى ۋە بىرلىككە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى خىتايغا قارشى جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرىپ كەلگەن ئىدى.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقوق ۋەزىيىتى ھەققىدە خەلقئارا سەھنىلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تالاش - تارتىشلارنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولۇپ كەلمەكتە.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسى ھەققىدە قارار ئالغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىنىڭ رەسمىي كۈنتەرتىپىگە كىرگەنلىكىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقىنىڭ ۋە تۆلىگەن غايەت زور بەدەللىرىنىڭ بوشقا كەتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرماقتا. چۈنكى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالغان قارارى، بىر كېچىدىلا ئېلىنغان قارار بولماستىن، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر كۆزىتىش، سېستىمىلىق تەكشۈرۈش ۋە ئەمەلىي تەتقىق قىلىشنىڭ نەتىجىسى.
ياۋروپا پارلامېنتى، پۈتۈن ياۋروپا ئەللىرىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ۋە دۇنيانىڭ سىياسى يۆلۈنۈشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ كىلىۋاتقان ئىنتايىن نوپوزلۇق بىر ئورگان بولۇپ، بۇ ئورگاندا ئەسىر مىللەتلەر ھەققىدە قارار ئېلىش ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىىمىي ھەيئەت ئەزاسى ھېسابلانغان خىتايدەك قۇدرەتلىك بىر دۆلەتنى ئەيىبلەپ قارار ئېلىشى ۋە بۇ قاراردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مەخسۇس تىلغا ئېلىشى، ھەقىقەتەنمۇ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ كىلەچىكى نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئىنتايىن زور بىر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ قارار ئارقىلىق، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارادىكى جىنايەت ئارخىپى تېخىمۇ قېلىنلىدى، كەلگۈسىدە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ خىتايغا قارشى يۈرگۈزۈش ئېھتىمالى بولغان جازا ۋە ئىمبارگونىڭ شەرت - شارائىتى ھازىرلىنىشقا باشلىدى.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ خىتايغا قارشى سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ھەتتا ھەربىي جەھەتتە جىددىي بىر ئىمبارگونى يولغا قويۇشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. گەرچە، خىتايغا قارشى ئىمبارگو مەسىلىسى ھازىرغا قەدەر مەيلى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بولسۇن، ياكى ياۋروپا بىرلىكى بولسۇن، دۇنيانىڭ سىياسى يۆلۈنۈشىنى بەلگىلەۋاتقان سۈپەر كۈچلەرنىڭ كۈنتەرتىپىدە بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى، دۇنيادىكى سۈپەر كۈچلەرنىڭ ۋاقتى - سائىتى كەلگەندە ۋە ئېھتىياجى تۇغۇلغاندا خىتاينىڭ دەككىسىنى بېرىشتە قوللىنىدىغان موھىم كوزۇرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
ھازىرمۇ خىتاي، ياۋروپا بىرلىكى تەرىپىدىن ئىمبارگو يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىر دۆلەت بولۇپ، خىتاينىڭ 1989 - يىلى بېيجىڭدا ئېلىپ بارغان قانلىق قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن خىتايغا قارىتا قورال - ياراق ئىمبارگوسى يولغا قويۇلغان ئىدى.
خىتاي ھاكىمىيىتى 10 يىلدىن بۇيان بۇ ئىمبارگونىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقوق ۋەزىيىتىدە ھېچبىر ياخشىلىنىشنىڭ بولمىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇ ئىمبارگونىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا قارشى چىقىپ كەلمەكتە.
ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بۇ ئىمبارگوسى ئۇزۇن يىلدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىنى خۇددى بوغۇزىغا تۈرۈلۈپ قالغان سۆڭەك پارچىسىدەك ئېغىر دەرىجىدە راھەتسىز قىلىپ كەلمەكتە ۋە خىتاينىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدىكى ئوبرازىنى قاتتىق زىدىلەپ كەلمەكتە.
مەلۇق مەنىدىن ئالغاندا، خىتاي ھازىر خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن بېرىلگەن جازاسىنى چىكىۋاتقان جىنايەتكار بىر دۆلەتتىن ئىبارەت.
شۇ بىر ئەمەلىيەتكى، ھازىرغا قەدەر خەلقئارا جامائەتچىلىك، كىشىلىك ھەق - ھوقوقلارنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغان، ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى ياكى ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي تازىلاش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن مۇستەبىت كۈچلەرنى ھەرگىزمۇ جازاسىز قويغان ئەمەس.
ئەينى چاغدا بوشناق ۋە كوسوۋالىق موسۇلمانلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن مۇستەبىت سىربىستان ھاكىمىيىتىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا بىرلىكى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇلغان، ئەمما ئۇلار خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ سەمىمىي نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي، يۈزمىڭلىغان بىگۇناھ ئىنساننىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان، نەتىجىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى سىربىستانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
ھازىرغا قەدەر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بىۋاستە قوماندانلىق قىلغان سىرىب قاتىللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەلقئارا سوتلاردا جازاغا تارتىلدى.
دېمەك، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە قارىتىپ كەلگەن ئىرقىي تازىلاش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ كەلگەن كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ ھامان بىر كۈنى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ تىگىشلىك جازاسىغا ئۇچرىغۇسى!
