سۇنىڭ بېشى لاي

ئىستانسىمىزنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئاڭلىتىشلىرىدا، مۇخبىرلىرىمىزنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى 70 ياشلىق بىر ئۇيغۇر دېھقان بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفۇن سۆھبىتى يەر ئالغان بولۇپ، بۇ بوۋاينىڭ بايان قىلىشىچە، ئەسلىدە جۇڭياڭنىڭ، يەنى مەركەزنىڭ سىياسىتى بەلەنمىش، ئاساسى قاتلاملاردىكى يەرلىك ئەمەلدارلار مەركەزنىڭ سىياسىتىگە ئەمەل قىلماي ياكى ئۇنى ئۆزگەرتىپ ئىجرا قىلىپ، دېھقانلارغا زۇلۇم سالارمىش!

0:00 / 0:00

بۇ بوۋاينىڭ شىكايەت قىلىۋاتقىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىۋاتقان يېزا - كەنت كادىرلىرى ئىدى. يۇقىرىقىدەك قاراش شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلىلا ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇلار، " مەركەزنىڭ سىياسىتى ياخشى، ئىشنى بۇزۇۋاتقانلار تۆۋەندىكىلەر، يۇقىرىدىن، شەپكىسىنى ئېلىپ كەل، دېسە، تۆۋەندىكىلەر بېشىنى كېسىپ كېلىدۇ " دەپ قارايدۇ.

ساددا ۋە ئاقكۆڭۈل دېھقانلىرىمىزنىڭ بۇنداق دەپ قارىشىمۇ نورمال، خۇددى رېژىسسور سەھنىگە ياكى ئېكرانغا چىقمىغىنىدەك، پەردىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ھېچ بىر زامان خەلقنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە كۆرۈنىدىغىنى ئەمەلىيەتتە سىياسەتنى ئىجرا قىلغۇچىلار، شۇڭا قوساق كۆپۈكىنى شۇلاردىن چىقىرىشقا تىرىشىدۇ.

مەسىلەن، شەرقىي تۈركىستاندا بىر دېھقان ياكى ئاددى بىر كىشى ئۆزىگە ھەقسىزلىق قىلغان بىرەر ئەمەلدار بىلەن زاكونلىشىپ قالسا، " ئۈستۈڭدىن جۇڭياڭغا ئەرز قىلىمەن " دەپ پوپوزا قىلىدۇ، ھەتتا ئەرىزنامىسىنى كۆتۈرۈپ بېيجىڭغا شىكايەتكە بارىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، ئەمما ھازىرغا قەدەر ھېچ كىم مەركەزگە بېرىپ داۋا قازىنىپ باققان ئەمەس، ھەممىسى ئىقتىسادى جەھەتتىن ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ، تىل - ھاقارەت ئىشىتىپ قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولماقتا. ئەمەلىيەتتە بولسا ئاساسى قاتلام يېزا كادىرلىرى تۇرماق، ھەتتا ناھىيە، ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىرىنچى قول ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ مەركەزنىڭ سىياسىتىنى ئەينەن ئىجرا قىلماسلىققا ھەددى ئەمەس.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان پۈتۈن سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسەت بەلگىلەش ھوقۇقى يوق. خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان 100 مىڭغا يېقىن يېزا - كەنت كادىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسى قاتلاملاردىكى كۆز - قۇلىقى دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆز مىللىتىنىڭ ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇسىغا ئورتاق بولۇۋاتقانلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس، چۈنكى ئۇلارنىڭ تېگىمۇ دېھقان، شۇڭا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ھەممىسىنى بۇ بىچارىلەرنىڭ گەدىنىگە ئارتىپ قويۇش، ئۇلارغا قىلىنغان ھەقسىزلىقتىن ئىبارەت.

ئاددى مىسالىنى ئېلىپ ئېيتساق، 1949 - يىلى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى يەرلىك ئامبال - بەگلەر چىللاپ كەلگىنى يوق، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشى، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئەمرى ۋە بۇيرۇقى بىلەن بولغان ئىدى. 50 - يىللاردىن 70 - يىللارغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە پۈتمەس - تۈگىمەس بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن، " يەر ئىسلاھاتى "، " ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى "، " سولچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى "، " مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى "... دېگەندەك سىياسى ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىۋاستە باشلىتىلغان ئىدى. 1964 - يىلىدىن بۇياش شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىردىن - بىر ئاتوم سىناق قىلىش بازىسى قىلىپ بىكىتىلىشىمۇ، يەنە مەركەزنىڭ بىۋاستە بۇيرۇقى بىلەن بولغان، ھازىر ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن، " قانخور قوشۇن " دەپ ئاتالغان ۋە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە بىۋاستە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان بىڭتۈەنمۇ يەنە 1954 - يىلى مەركەزنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قۇرۇلغان ئىدى.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە ۋە ئەمەلدارلارغا بولغان نارازىلىقلىرىنى يىغىنچاقلاپ كەلسەك، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا مەركەزلىشىدۇ: مەسىلەن، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە بۇ سەۋەبتىن يەرلىكلەر ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان تېرىلغۇ يەر كەمچىل بولۇش، ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى بولۇش ئەھۋالى، ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئادالەتسىزلىك، دىنىي بېسىم، مىللىي مائارىپنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشى، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ۋە قىيناش، پىلانلىق تۇغۇت، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش، بىڭتۈەننىڭ زوراۋانلىقلىرى، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ تالان - تاراج قىلىنىشى، تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادى كىرىم جەھەتتە شەھەرلەر بىلەن يېزىلار، خىتايلار بىلەن يەرلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ زورىيىپ كېتىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ۋە ساياھەت قىلىش ھوقۇقلىرىنىڭ زور چەكلىمىگە ئۇچرىشى، مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ - ئادەتلەرنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىشى... قاتارلىقلار.

قېنى ئېيتىپ بېقىڭ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقان يۇقىرىقى سىياسەتلەرنىڭ قايسى بىرى مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېكىتىلمىدى ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق باستۇرۇشنى يېتەكچى ئىدىيە قىلغان ھېلىقى مەشھۇر " 7 - نومۇرلۇق مەخپىي ھۆججەت " مۇ يەنە 1996 - يىلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان، خىتاي كۆچمىنى يۆتكەش، يەرلىكلەرنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى تالان - تاراج قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلغان ئاتالمىش " چوڭ غەربىي شىمالنى ئېچىش پىلانى " مۇ يەنە 1999 - يىلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىۋاستە تۈزۈپ چىقىلغان ئىدى. قىسقىسى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ۋە بۇ سەۋەبتىن مىللىي توقۇنۇش ۋە ئىسيانلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان سىياسەت ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ پىلانلىغۇچىسى دەل خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى بولۇپ، سۇ بېشىدىن لاي ئىدى.

شۇڭا، شىكايەت قىلىشقا ياكى ھېساب سوراشقا توغرا كەلسە، يېزا - كەنت كادىرلىرىنىڭ ياقىسىغا ئەمەس، مەركەزدىكىلەرنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىش لازىم ! ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ غەلىتە بىر خۇيى بار، ئۇ بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندا قايسى ئەمەلدار يەرلىكلەرنىڭ كۆپرەك نەپرىتىگە ئۇچرىسا ياكى يەرلىكلەر تەرىپىدىن دۈشمەن دەپ قارالسا، شۇنى بەكرەك ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ، مەنسەپ - مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرىدۇ. چۈنكى مەركەزنىڭ سىياسىتى يەرلىكلەر بىلەن دۈشمەنلىشىش ئاساسىغا قۇرۇلغىنى ئۈچۈن، بۇنى، ئەمەلدارلارنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى قىلىدۇ.

مەسىلەن، " ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم " نىڭ ھازىرقى سېكرېتارى ۋاڭ لىچۈەن بۇنىڭغا ئوبدان مىسال بولالايدۇ. ۋاڭ لىچۈەن 1995 - يىلى 12 - ئاينىڭ 37 - كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم " نىڭ سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئىدى. شۇندىن بۇيانقى ۋەزىيەتكە قاراپ باقايلى، بۇ مەزگىل شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي ئىسيان ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئەڭ كۈچەيگەن، مىللىي ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلار تازا ئەۋجىگە چىققان بىر مەزگىل بولدى، ۋاڭ لېچۈەنمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قاتتىق نەپرىتىگە ئۇچراپلا قالماستىن، ھەتتا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ كۆپ قېتىم ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى، مەركىزى ھۆكۈمەتنىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى جەھەتتە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئالدىدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

ئەمما قىزىق يېرى شۇكى، شەرقىي تۈركىستان رايونى قالايمىقانلاشقانسېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نەپرىتى ئاشقانسېرى ۋاڭ لېچۈەننىڭ مەنسىپىمۇ شۇنچە ئۆسۈپ بارماقتا.

مەسىلەن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 16 - قۇرۇلتىيىدا ۋاڭ لىچۈەن پارتىيە مەركىزى كومىتېت سىياسى بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا ئۆستۈرۈلدى، چۈنكى ئۇ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىدە، مەركەزنىڭ سىياسەتلىرىنى جانپىدالىق بىلەن ئورۇنلىغان، خىتاي دۆلىتىنىڭ ۋە مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، ئاتالمىش " مىللىي بۆلگۈنچى " لەرگە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرغان ياخشى يولداش ئىدى.