گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى " شىنجاڭ " دەپ ئاتاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئاتالغۇدىن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئاساسى جەھەتتىن خەۋىرى يوق. بۈگۈن كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان دۇنيا خەرىتىلىرىدە، خىتاي تەرىپىدىن " شىنجاڭ " دەپ ئاتالغان بۇ رايون، " شەرقىي تۈركىستان "، " تۈركىستان "، " ئۇيغۇرىستان "، " ئۇيغۇرىيە " دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ كېلىنمەكتە.
خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بولسا، " شەرقىي تۈركىستان " دەپ ئاتاش ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇلار، " شەرقىي تۈركىستان " دېگەن بۇ سۆزنىڭ يېنىغا تىرناق ئېچىپ، " خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىلىدۇ " دەپ ئىزاھات بېرىپ قويىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ خىتايغا ئوخشاش دۆلەت ۋە يەر - جاي ناملىرىنى ئېھتىياجىغا قاراپ خالىغانچە ئۆزگەرتىدىغان خۇيى يوق، بەلكى تارىخىي مەنبە ۋە ئاساسقا تايىنىدۇ، شۇ جۇغراپىيىدە ياشاۋاتقان ۋە شۇ تۇپراقنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى ھېسابلانغان خەلقلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇلار قوبۇل قىلمىغان ئىسىم ياكى ئاتالغۇنى ئۇلارغا زورلاپ تاڭمايدۇ!
بەزى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسۈتۈلۈشىچە، نۆۋەتتە چەتئەللەردە تەخمىنەن بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ياشىماقتا، ئۇلارنىڭ ئەڭ قاتتىق نەپرەت قىلىدىغىنى، " شىنجاڭ " دېگەن بۇ كەلىمە بولۇپ، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ، " شىنجاڭ " دەپ ئاتىلىشىنى، " ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئەڭ زور ھاقارەت " دەپ قارايدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ كەلىمە مانجۇ ۋە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تېڭىلغان نام بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ ئىسىمنى ھېچ بىر زامان قوبۇل قىلغىنى يوق ۋە ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئەسلىدىكى شەرەپلىك نامىغا قايتا ئېرىشىش ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، 1933 - يىلى قەشقەردە ۋە 1944 - يىلى ئىلىدا قۇرۇلغان ئىككى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنىڭ، " شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى " دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىمۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ۋەتىنىنىڭ نام - شەرىپىگە بولغان ئارزۇ ۋە ئىنتىلىشلىرىنى ئوچۇقچە كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
شۇڭا ھازىر چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، " شىنجاڭ " دېگەن بۇ كەلىمىنى تەلەپپۇز قىلىشنى، " ۋەتەن - مىللەتكە قىلىنغان خىيانەت ۋە خائىنلىق " دەپ قارايدۇ، ئۇلار ئارىسىدا ۋەتەننىڭ نامى ھەققىدە، " شەرقىي تۈركىستان "، " ئۇيغۇرىستان " دېگەن ئاتالغۇ كەڭ ئومۇملاشقان ۋە " شىنجاڭ " كەلىمىسى ھېچ بىر زامان تەلەپپۇز قىلىنمىغاچقا، چەتئەللەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭمۇ " شىنجاڭ " دېگەن بۇ ئاتالغۇدىن خەۋىرى يوق. دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت باشلانغاندىن بۇيان، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا، " ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىمۇ سۆھبەت ئېلىپ بېرىش مۇمكىنمۇ؟ "
دېگەندەك بەس - مۇنازىرىلەر كۈچەيمەكتە. ئەمما ئۇلارنىڭ ئورتاق قارىشىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرە ئۈچۈن ئەڭ چوڭ توسالغۇ، " شىنجاڭ " دېگەن بۇ كەلىمە بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاۋۋال شەرقىي تۈركىستاننى، " شىنجاڭ " دەپ ئاتاشتىن ۋاز كېچىشى لازىم، بۇ، ئۇيغۇر - خىتاي مۇزاكىرىسى ياكى سۆھبىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتىدىن ئىبارەت.
تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر مىللىي رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىلەرنىڭ 50 - يىللارنىڭ باشلىرىدا تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە دىئالوگنى تامامەن ئۈزۈشىگە سەۋەبچى بولغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىمۇ، تەيۋەندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ " شىنجاڭ " دېگەن بۇ كەلىمىگە چىڭ ئېسىلىۋېلىشى ئىدى.
يەنە مەسىلەن، مەرھۇم ئەيسا ئەپەندىمنىڭ ھايات ۋاقتىدا ماڭا سۆزلەپ بېرىشىچە، خىتاي مۆتىدىل سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋەتكەن 80 - يىللارنىڭ باشلىرىدا، خىتاينىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى ئەيسا ئەپەندىمنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە كېلىپ، ئۇنى ۋەتەنگە قايتىپ كېتىشكە دەۋەت قىلغان ۋە ھەتتا ئەگەر خالىسا " مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش " نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
ئەيسا ئەپەندىم خىتاي كونسۇلىغا بەرگەن نازۇك جاۋابىدا، ئۆزىنىڭ ۋەتەننى كېچە - كۈندۈز ياد ئېتىپ كەلگەنلىكىنى، ۋەتەنگە قايتىشنى ئەلۋەتتە ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ۋە بىر شەرت بىلەن قايتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ كېلىپ، " ئەگەر شىنجاڭ دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ شەرقىي تۈركىستان دېگەن بۇ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرسەڭلار، دەرھال قايتىپ كېتىمەن " دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ سۆزدىن رەڭگى ئۆچۈپ زۇۋانى تۇتۇلغان خىتاي كونسۇلى، شۇ كەتكەنچە ئىككىنچىلەپ قايتا ئەيسا ئەپەندىمنى ئىزدەپ كەلمىگەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدىمۇ " شىنجاڭ " دېگەن بۇ ئاتالغۇ ھەققىدە كۆپلىگەن تالاش - تارتىشلار ئېلىپ بېرىلماقتا. مەسىلەن، خىتاي دېموكرات يازغۇچىلىرىدىن ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى،" سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ، مېنىڭ شىنجاڭىم " دېگەن ماۋزۇدىكى ئەسىرىدىمۇ، " شىنجاڭ " دېگەن بۇ نامنىڭ پەقەتلا خىتايلارغا خاس ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نامنى ھېچ بىر زامان قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ۋە " شىنجاڭ " نىڭ خىتايلارغا، " شەرقىي تۈركىستان " نىڭ بولسا ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى.