ئۇندىن باشقا يەنە، بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ئۇيغۇرلار بولۇپ، پەقەتلا قانۇن جەھەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىككى خىل ئۆلچەم سىياسىتىنى پەدەزلەش ۋە بۇ ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بۇياش مەقسىتىدە، جازالانغۇچىلارنىڭ ئارىسىغا بىر - ئىككى نەپەر خىتاي جىنايەتچى سىمۋول خاراكتېرلىك قوشۇپ قويۇلغان ئىدى.
ئەمەلىيەتتە بولسا، شاۋگۈئەن ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىنىڭ ھەقىقىي قۇربانلىرى تامامەن ئۇيغۇرلار ئىدى، بۇ ئىككى شەھەردە ئېرىق بولۇپ ئاققان قانلار يەنە ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئىدى. چۈنكى، 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى نامايىش جەريانىدا ئانچە - مۇنچە زىيان تارتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەممىسى، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن ئېتىبارەن ھۆكۈمەتنىڭ كۈشكۈرتىشى ۋە ساقچى - ئەسكەرلەرنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا چەيدو - پىچاق، پالتا - كەكىلەر بىلەن قوراللىنىپ چىقىپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قوزغىغان، بىر زىيىنىنىڭ ئورنىغا مىڭ زىيان سالغان ئىدى.
بەزى شاھىتلارنىڭ بايان قىلىشىچە، پەقەتلا خىتاي كۆچمەنلىرى ئومۇميۈزلۈك قوزغىلىپ چىقىپ زوراۋانلىق ھەرىكىتى باشلىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇخىل قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ قۇيرۇقى ئۈزۈلۈپ باققىنى يوق، ھازىرغىچىمۇ خىتايلارنىڭ كوچا - مەھەللىلەردە بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
مەسىلەن، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى سوتتا ئىككى ئۇيغۇرغا قوشۇپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان لى لۇڭفېي ئىسىملىك خىتاي بولسا، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قارشى باشلىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى جەريانىدا مەمەت توختى، ئەھمەت ياسىن قاتارلىق ئىككى نەپەر بىگۇناھ ئۇيغۇرنى كالتەك بىلەن مېڭىسىگە ئۇرۇپ ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرگەن بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى، ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارغا قارشى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشى ئىدى.
ئەمما، ھازىرغا قەدەر ئىككى قولى ئۇيغۇرنىڭ قېنى بىلەن بويالغان بۇ زوراۋان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەممىسى دېگىدەك قانۇن تورىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلدى. 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان باشلىتىلغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىلا يەنە شۇ بىگۇناھ ئۇيغۇرلار ئىدى.
ھازىرغا قەدەر، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، توقۇنۇشتا ئۆلگەن خىتايلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا ئۆمۈر بويى باياشات ياشىغىدەك نەپەقە تارقاتتى، ماددى جەھەتتە زىيانغا ئۇچرىغان خىتايلارغا ھەسسىلەپ تۆلەم تۆلەپ بېرىلدى، ئۇرۇپ - چېقىلغان دۇكان، رېستۇران ۋە شىركەت بىنالىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تىز سۈرەتتە رىمونت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
ئەپسۇسكى، ۋەقەدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى قانۇنىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە ھېچبىر ئۇيغۇرغا ئىگە چىققىنى يوق. 5 - ئىيۇلدىن بۇيان نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلار، ھەتتا مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرى بىر ئاز كۈچلۈك دەپ قارالغانلىكى ئۇيغۇرلار قېرى - ياش، ئەر - ئايال دېمەستىن يولسىزلارچە تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلانماقتا ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە جاسارەت ۋە مەدەت بېرىلمەكتە.
زىندانلارغا تولۇپ - تاشقان ئۇيغۇرلار تۈركۈم - تۈركۈملەپ سۆرەپ چىقىلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان ۋە ئۇلار ئۈستىدىن توقۇپ چىقىرىلغان ئاتالمىش "جىنايى پاكىت" لار پۈتۈن خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بەس - بەس بىلەن بازارغا سېلىنىۋاتقان شۇ كۈنلەردە، خىتاينىڭ زۇۋانى ھېسابلانغان شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرمىلىرىدە تۇرۇۋاتقان خىتاي جىنايەتچىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قىزىقارلىق بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى.
11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەر، خىتاينىڭ قانۇن جەھەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىككى خىل ئۆلچەم سىياسىتىنىڭ روشەن بىر دەلىلى بولۇپ، مەزكۇر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئۈرۈمچىگە جايلاشقان ئاپتونوم رايونلۇق 5 - تۈرمىدە، مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرغان خىتاي جىنايەتچىلەر بىلەن 10 نەچچە شىركەت ئوتتۇرىسىدا خىزمەت توختامى ئىمزالانغان بولۇپ، بۇ شىركەتلەر تۈرمىدىكى خىتاي جىنايەتچىلەرنى 300 خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن.
مەسىلەن، مۇراسىم جەريانىدا، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە كىرگەن لى پەمىلىلىك بىر خىتاي جىنايەتچى، ئېيىغا 2500 يۈئەندىن، 3000 يۈئەنگىچە مائاش ئالىدىغان بىر خىزمەت توغرىلىق توختاملاشقان.
دېمەك، بىگۇناھ ئۇيغۇرغا ئىش يوق، ئاش يوق، ئەمما خىتاي جىنايەتچىگە تۈرمىدىن چىققاندا يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت تەييار !
شاۋگۈئەندە ئىرقچى خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارمۇ دەل ئۆز يۇرت - ماكانلىرىدا قىلغىلى ئىشى، تېرىغىلى يېرى بولمىغىنى ئۈچۈن مەجبۇرىي يۆتكەپ كىلىنىپ ئىشلەمچىلىككە سېلىنىۋاتقان ۋە ئايلىق مائاشى 1000 يۈئەنگىمۇ بارمايدىغان بىچارە دېھقانلار ئىدى.
ھازىر خىتاينىڭ زىندانلىرىدا ئۆلۈمىنى كۈتۈپ يېتىۋاتقان ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرمۇ، شاۋگۈئەندە بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىنىڭ ھەق - ھوقوقلىرىنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كوچىلارغا چىققان ۋە شۇنداقلا ئۆزلىرىمۇ ئېغىر خورلۇق ئىچىدە ئېزىلىپ ياشاۋاتقان ئىشسىز ياشلار ئىدى.
مانا بۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى تەكىتلەپ كىلىۋاتقان ئاتالمىش "ئادالەت" ۋە ئاتالمىش "مىللىي باراۋەرلىك."