خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا يېڭىدىن تۈزۈپ چىققان ' يېزا ئىسلاھات پىلانى' غا باھا ( 1 )

كېيىنكى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىقتىسادى كىرىم ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى جەھەتتە، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ زورىيىپ بېرىشى، خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولغان، يېزىلاردا كۆپ قېتىم ھاكىمىيەتنىڭ ئادالەتسىز سىياسىتىگە قارشى ئىسيانلار مەيدانغا كەلگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى بۇنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئۆزلىرىنىڭ 17 - نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى 3 - ئومۇمى يىغىنىدا، " خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ يېزا ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى زور مەسىلىلەردە دائىر قارارى " دېگەن نەرسىنى ئېلان قىلغان، ئەمەلىيەتتە بۇ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىسلاھاتى ھەققىدە تۈزۈپ چىققان يېڭى ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ئىدى.

" شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى " تىمۇ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرىقى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يىل 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، " ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكرى " دېگەن نەرسىنى ئېلان قىلدى، بۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2020 - يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزىلىرىغا قارىتا يۈرگۈزمەكچى بولغان سىياسىتى ھەققىدىكى ئىستراتېگىيىلىك پىلانى بولۇپ، بۇ يېڭى قارار جەمئىي 8 پاراگراف ۋە 36 ماددىدىن تەركىپ تاپقان ئىدى.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ئىچكى ئۆلكىلەردىكى خىتاي دېھقانلىرىنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ھەسسىلەپ ئېغىر بولۇپ، ئىچكى ئۆلكىلەردە شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ زورىيىپ كېتىشىدىن ئىبارەت بىر خىللا تەڭپۇڭسىزلىق مەۋجۇت بولغان بولسا، شەرقىي تۈركىستاندا كۆپ خىل پەرق ۋە تەڭپۇڭسىزلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. مەسىلەن، مىللىي دارامەت، ئىقتىسادى كىرىم ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزىلىرى بىلەن شەھەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى، ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ۋە ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن بىڭتۈەنلىك خىتاي دېھقانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ زورىيىپ بېرىشىدىن ئىبارەت.

ئۇنداقتا، " ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى " تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يۇقىرىقى يېزا ئىسلاھاتى پىلانىدا بۇ پەرق ۋە تەڭپۇڭسىزلىقلارنى تۈگىتىش ھەققىدە قانداق كونكرېتنى چارە - تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ؟ ئەگەر بىز ئۇنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئوقۇپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2020 - يىلىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزمەكچى بولغان يېزا سىياسىتىنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ قانداقتۇر " يېڭى سىياسەت " ئەمەس، بەلكى 1949 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈپ كەلگەن تۈپ سىياسەتلىرىنىڭ داۋامى ۋە كۈچەيتىلىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

مەسىلەن، بۇ پىلاندا نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، شەرقىي تۈركىستاندا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىقتا ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلەپ ئېشىنىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قىلىش بولۇپ، ھەتتا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى سانلىق ۋەزىپىلەرمۇ ئېنىق قىلىپ بېكىتىلگەن. مەسىلەن، بۇ پىلانغا ئاساسەن، بۇندىن كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى 22 مىليون مونىڭ ئۈستىگە چىقىرىش، يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 9 مىليون 300 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنى 11 مىليون موغا، يىللىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 4 مىليون توننىدىن كۆپرەككە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش. يۇقىرىقى پىلان يەرلىكلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولۇپ، بىڭتۈەن بۇنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان. يەنى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ۋەزىپىسى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا خىتاينى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش.

خىتاي ھاكىمىيىتى 1949 - يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قارىتا پىلانلىق ئىشلەپچىقىرىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە ۋە بۇ سىياسىتىدىن ھازىرمۇ ۋاز كەچكىنى يوق. مەسىلەن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بازار ۋە ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقى يوق بولۇپ، ھۆكۈمەت نېمىنى تېرىشنى بەلگىلەپ بەرسە شۇنى تېرىشى لازىم.

ئەپسۇسكى، بىڭتۈەنلىك خىتاي دېھقانلىرىغا قارىتا بۇنداق بىر مەجبۇرلاش يوق بولۇپ، ئۇلار بازاردا نېمە بەكرەك پۇل بولسا شۇنى تېرىيدۇ، يەنى ئەركىن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شۇڭا قارايدىغان بولسىڭىز ، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئىقتىسادى زىرائەتلەرنى، مەسىلەن پاختا، ياغلىق دان، سەي - كۆكتات قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈنلەي بىڭتۈەنلىك خىتاي دېھقانلار مونوپول قىلىۋالغان بولۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ گەدىنىگە يۈكلەنگىنى بولسا بۇغداي تىرىش، بۇغدىيىنى ئورۇپ بولۇپلا يېرىگە قوناق تىرىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن ئۇيغۇر يېزىلىرىدا تېرىلغۇ يەر ئاز، ئەمگەك كۈچى كۆپ بولۇش ۋەزىيىتى ئېغىر بولۇپ، ھەر بىر ئۇيغۇر دېھقانغا تەخمىنەن بىر مودىنمۇ تېرىلغۇ يەر توغرا كەلمەيدۇ، بىڭتۈەنلىك خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ھەر بىرىگە توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 50 مونىڭ ئۈستىدە.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا بىر مو يەرگە ئاشلىق تېرىساڭ، يىلدا ئالىدىغان ھوسۇلۇڭ تەننەرقىنى چىقىرىۋەتكەندە ئاران 500 يۈەن قىممىتىدە. پاختا تېرىغان دېھقاننىڭ بىر مو يەردىن قىلىدىغان كىرىمىمۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000 يۈەن. خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4 مىليون 107 مىڭ گېكتاردىن كۆپرەك بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3.49 مو ۋە پۈتۈن خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن 1.75 ھەسسە كۆپ. ئەپسۇسكى، تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن 40 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى بىڭتۈەننىڭ كونتروللىقىدا، ئەمەلىيەتتە بولسا بىڭتۈەننىڭ نوپۇسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 12 - 13 پىرسەنتىنىلا تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنوبىي رايونلىرىدا ھەر بىر ئۇيغۇر دېھقانغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى يېرىم موغىمۇ يەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ رايوندا خىتاينىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى " كۆپ، يىلىغا بۇ رايوندىن " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش " دېگەن نىقاپ بىلەن يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقان باشقا يۇرتلارغا، ھەتتا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىنماقتا.

قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى تېرىلغۇ يەر ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىقتىسادى قىممىتى تۆۋەن بولغان ئاشلىق تېرىيسەن، بىڭتۈەنلىك خىتايلارنىڭ تېرىلغۇ يېرى كۆپ، ئەركىن ھالدا بازاردا پۇل بولىدىغان ئىقتىسادى زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېھقانچىلىقنىڭ ماشىنىلىشىشى، ئېتىز - ئېرىق، سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا پەرق زور.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى ھېسابلانغان تارىم دەرياسى ۋە باشقا دەريا، كۆل - ئېقىنلارنىڭ كونتروللۇقىمۇ ئاساسەن بىڭتۈەننىڭ قولىدا، سۇ كەمچىل بولغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بوز يەر ئېچىش ئىمكانىيىتى يوق.

دېمەك، يۇقىرىقىدەك پەرقلىق سىياسىتىڭدىن ۋاز كەچمىسەڭ، ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن بىڭتۈەنلىك خىتاي دېھقانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى ئادالەتسىزلىك ۋە پەرق مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ.

ئىككى تەرەپنىڭ بۈگۈنكى كىرىمىگە قاراپ باقايلى، مەسىلەن، " تيانشان تورى " نىڭ 2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بىڭتۈەندىكى شەھەرلىك خىتايلارنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 13 مىڭ 500 يۈەندىن، دېھقانلارنىڭ بولسا 6100 يۈەندىن ئاشقان. بۈگۈن خىتاينىڭ رەسمىي ئىستاتىستىكىلىرىدا، جەنوبىي رايونلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1200 - 1500 يۈەن دەپ كۆرسىتىلمەكتە.