خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا يېڭىدىن تۈزۈپ چىققان ' يېزا ئىسلاھات پىلانى' غا باھا ( 2 )

خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ يىل 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزىلىرىغا قارىتا، جۈملىدىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزمەكچى بولغان ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ پىلانىغا، " ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكرى " دەپ چىرايلىق نام قويۇلغان.

0:00 / 0:00

جەمئىي 8 پاراگراف ۋە 36 ماددىدىن تەركىپ تاپقان بۇ پىلاندا، تاكى 2020 - يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر يېزىلىرىغا قارىتا يۈرگۈزىدىغان تۈپ سىياسىتى ھەققىدىكى كونكرېتنى چارە - تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

ئەمەلىيەتتە بۇ پىلان دەل بىر " تۈلكىنىڭ تەقسىماتى " بولۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرى بۇندىن كېيىن يەنە 49 - يىلىدىن بۇيانقىغا ئوخشاش پىلانلىق ھالدا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ، پۈتۈن خىتاينى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى، ھۆكۈمەت نېمىنى بۇيرۇپ بەرسە شۇنى تېرىشى لازىم ئىدى. مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا بۇ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى خىتاينىڭ ياللانما دېھقانلىرىغا ئايلاندۇرۇش سىياسىتىدىن ئىبارەت ئىدى. ھازىرغا قەدەر دۇنيادا بىر ياللانما دېھقاننىڭ روناق تېپىپ باي بولغانلىقىغا دائىر ھېچ بىر ئۆرنەك يوق، ئاخىرقى ھېسابتا روناق تېپىپ نەپ ئالىدىغانلار يەنىلا ياللانما دېھقانلارنى ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ قېنىنى شورايدىغان يەر ئىگىلىرى ئىدى.

شۇڭا، ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا بۈگۈن ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، يەر ئىگىسى بىلەن، ئۇنىڭغا ياللىنىپ ئىشلەيدىغانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت ئىدى. ئەمما بىز شەرقىي تۈركىستاندا سىياسى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان بولۇۋاتقان ۋە ئەركىن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىڭتۈەنلىك خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە قاراپ باقايلى: بۈگۈن خىتاينىڭ رەسمىي ئىستاتىستىكىلىرىدا، بىڭتۈەننىڭ ئومۇمى نوپۇسى 2 مىليون 563 مىڭ 800 نەپەر بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ پەقەتلا 13.7 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىگىلىۋالغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 953 مىڭ 900 گېكتار بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاينى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتى يوق. شەرقىي تۈركىستاندا ئىقتىسادى قىممىتى يۇقىرى بولغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تامامەن ئۇلارنىڭ مونۇپوللۇقىدا.

مەسىلەن، 2007 - يىلى بىڭتۈەننىڭ پاختا تېرىلغۇ يەر كۆلىمى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختا تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ 50.1 پىرسەنتىنى، قىزىلچا تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 34.4 پىرسەنتىنى، ياغلىقدان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى بولسا ئومۇمى تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ 30.1 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. ئەمەلىيەتتە بولسا دېھقانچىلىقتا ئىقتىسادى قىممىتى يۇقىرى بولغان مەھسۇلاتلار بولسا دەل بىڭتۈەن مونوپول قىلىۋالغان يۇقىرىقى 3 خىل مەھسۇلاتتىن ئىبارەت ئىدى.

خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا بىر مو يەرگە ئاشلىق تېرىغان دېھقان، يىل ئاخىرىدا تەخمىنەن 300 كىلوگرام ھوسۇل ئالىدۇ. ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنوبىي رايونلاردا بۈگۈن بىر ئۇيغۇر دېھقانغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئاران بىر مو ئەتراپىدا، سەن بىر يىل قان - تەر تۆكۈپ بىر مو يەردىن ئالغان 300 كىلوگرام بۇغدىيىڭ ياكى قۇنىقىڭنى سېتىپ روناق تېپىشىڭ ياكى قەد كۆتۈرۈشۈڭ مۇمكىنمۇ ؟ شۇڭا ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنوبىي رايونلىرىغا قارايدىغان بولسىڭىز، پۈتۈن يېزا - قىشلاقلارنى خىتاينىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا " دى باۋ خۇ " لار، يەنى يىللىق كىرىمى 700 يۈەندىن تۆۋەن بولغان نامرات ئائىلىلەر قاپلىغان.

خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا، پەقەتلا جەنۇبتىكى ئاتۇش، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ ئۆزىدىلا يىللىق كىرىمى 700 يۈەنگە يەتمەيدىغان بىر مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق تۆۋەن كىرىملىق نامرات ئائىلىنىڭ بارلىقى ۋە بۇلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ، " دى باۋ جىن " دەپ ئاتالغان " سەدىقە " سىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئىستانسىمىزنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئاڭلىتىشلىرىدا، پەيزىۋاتنىڭ قوشئاۋات يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى لى پەمىلىلىك خىتاينىڭ، يۇقىرىدىن بۇ يېزىدىكى نامرات دېھقانلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن ۋە ئۇيغۇر دېھقانلىرى تەرىپىدىن " دى باۋ پۇلى " دەپ ئاتالغان " سەدىقە " سىىگىمۇ خىيانەت قىلىپ، يەپ - ئىچىپ ۋە قىمار ئويناپ يوقاتقانلىقىغا دائىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان ۋە بۇ ھادىسە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى.

دېمەك، مانا بۇ، پۈتۈن خىتاينى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەۋاتقان ۋە ئەمما چاپىنى تىزىدىن ئاشمىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن خىتاي مەتبۇئاتلىرى، " ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكرى " دەپ ئاتالغان بۇ يېڭى ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى بەس - بەستە تەشۋىق قىلماقتا ۋە ئۇنى قانداقتۇر، " ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى روناق تاپقۇزۇشنىڭ سىياسىي ئەڭگۈشتىرى " دەپ ماختاپ كۆككە كۆتۈرمەكتە. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ ئاتالمىش " ئەڭگۈشتەر " دە، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش سىياسىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش، يېزىلاردا " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " نى قانات يايدۇرۇش ۋە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ سىياسى ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش " مىللىي بۆلگۈنچى ۋە قانۇنسىز دىنىي ئۇنسۇرلار " غا قارشى ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، مانا بۇ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى روناق تاپقۇزۇشنىڭ " چارە - تەدبىر " لىرى ئىدى.