خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا يېڭىدىن تۈزۈپ چىققان ' يېزا ئىسلاھات پىلانى' غا باھا ( 3 )

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئېلان قىلىنغان ۋە 2020 - يىلىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزىلىرىغا قارىتا، جۈملىدىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزمەكچى بولغان ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ مەزمۇنىنى يىغىنچاقلاپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﯩﺪﻯ
2008.12.29

بۇ پىلاندا، پۈتۈن خىتاينى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق ھالدا دۆلەتنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن پىلانى بۇيىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا يۈزلەندۈرۈش، كومپارتىيىنىڭ يېزا - قىشلاقلارغا بولغان مۇتلەق ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قارىتىلغان سىياسى نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، ئاتالمىش " قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش " دېگەن نىقاپ بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى دىنسىزلاشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىش، ئاتالمىش " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " ۋە " قوش تىللىق يەسلى بەرپا قىلىش " دېگەن نىقاپ بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە خىتايچىنى مەجبۇرىي تېڭىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش سۈرئىتىنى تىزلىتىش، " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش " دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شىمالىي ۋە شەرقىي رايونلىرىغا، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش ۋە خىتاي قاينىمى ئىچىدە ئۇلارنى ئېرىتىپ يوقىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش "، " 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش "، " مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش " دېگەندەك شوئارلار بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قارىتىلغان سىياسىي بېسىمنى پەيدىن - پەي ئىشقا ئاشۇرۇشتەك بىر قاتار سىياسى غەرەز ۋە مەقسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.

يوقىرىقىلارنىڭ ئىچىدە، " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " سىياسىتى بىلەن، " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش " دېگەن سىياسەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى دېگىدەك كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1949 - يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئۆزگەرمەس تۈپ سىياسەتلىرى ئىدى. باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى، بۈگۈن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئاچ - يالىڭاچلىق ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان، جەنوبىي رايونلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 1500 يۈەنگىمۇ يەتمىگەن ۋە مىليونلىغان دېھقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش " تۆۋەن كاپالەت پۇلى " دەپ ئاتالغان " سەدىقىسى " گە تايىنىپ ھايات كەچۈرۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدا جىددىي قانات يايدۇرۇۋاتقان " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " قا ئاجرىتىۋاتقان غايەت زور مەبلىغى ۋە بۇ جەھەتتە باسقان قەدىمى يەرلىك خەلقنىڭ كاللىسىدا تۈرلۈك گۇمانىي قاراشلارنى پەيدا قىلماقتا.

مەسىلەن، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ 2008 - يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2007 - يىلىغا قەدەر، شەرقىي تۈركىستاندا مەكتەپكە كىرىش ئالدىدا تۇرغان يەرلىك ئۆسمۈرلەرگە قارىتا تەسىس قىلىنغان ئاتالمىش " قوش تىللىق يەسلى " لەرنىڭ سانى 2982 گە، ئۇنىڭدا ئوقۇۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى بولسا 930 مىڭ نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، بۇ خىتايچە يەسلىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىدى. يەنە شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە بۇيىلنىڭ ئاخىرىدىن، كېلەر يىلغا قەدەر بىر مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، جەنۇبتىكى ئاتۇش، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدىكى يېزا - قىشلاقلاردا يېڭىدىن 214 " قوش تىللىق يەسلى " قۇرۇپ چىقىدىكەن.

ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئىلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " قا سەرپ قىلغان زېھنىنىڭ ۋە ئىقتىسادىنىڭ ئازراق بىر قىسمىنى ئۇلارنىڭ ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا سەرپ قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا ئۇيغۇر دېھقانلىرى بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالمىغان بولاتتى. دېمەك، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قارىتا يېڭىدىن تۈزۈپ چىقىلغان ئاتالمىش " يېزا ئىسلاھات پىلانى " بولسا سېپى ئۆزىدىن بىر مۇستەملىكىچىلىك تۈسىنى ئالغان سۈمۈرۈش ۋە ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىش پىلانى ئىدى.

ئۇنداقتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ھەقىقىي يوسۇندا روناق تاپقۇزۇشنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ چارىسى قايسى ؟ مېنىڭچە بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا مەركەزلەشكەن: بىرىنچىدىن، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئۆز ئالدىغا تالان - تاراج قىلىش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، يەرلىك خەلقنى ئۆز تۇپرىقىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىدىن بىۋاستە نەپ ئېلىش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىشى لازىم؛ مەسىلەن، ھازىر خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 9 مىليون 650 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، پۈتۈن خىتاينىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ بىر پىرسەنتىنىمۇ تەشكىل قىلمايدۇ.

ئەمما، پۈتۈن خىتاينىڭ زېمىنىنىڭ 6 دەن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان شەرقىي تۈركىستاندا بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى 138 خىل بولۇپ، پۈتۈن خىتاي بۇيىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى تۈرىنىڭ 80.7 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى نېفىت زاپاس مىقدارى 20 مىليارد 860 مىليون توننا بولۇپ، خىتاي بۇيىچە بايقالغان نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ 30 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. تەبىئىگاز زاپاس مىقدارى 1 تىرىليون 300 مىليارد كۇپ مېتىر بولۇپ، پۈتۈن خىتاي بۇيىچە بايقالغان تەبىيگاز زاپاس مىقدارىنىڭ 34 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. كۆمۈر زاپاس مىقدارى 219 مىليارد توننا بولۇپ، پۈتۈن خىتاي بۇيىچە بايقالغان كۆمۈر زاپاس مىقدارىنىڭ 40 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۈگۈن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 26 مىليون توننىدىن كۆپرەككە، تەبىيگاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2 مىليارد 103 مىليون كۇپ مېتىردىن كۆپرەككە، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بولسا 26 مىليون توننىدىن كۆپرەككە يەتتى. باشقىسىنى قويۇپ تۇرۇپ، پەقەتلا يۇقىرىقى 3 خىل مەھسۇلاتتىن ئېلىنغان پايدىنىڭ 10 پىرسەنتى يەرلىك خەلققە، جۈملىدىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا بۆلۈپ بېرىلگەن بولسا ئىدى، بۈگۈن ئۇيغۇر دېھقانلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ باي دېھقانلىرىغا ئايلانغان بولاتتى.

ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا شەھەر نوپۇسى ئومۇمى نوپۇسنىڭ 61.8 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ 85 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى يېزا - قىشلاقلاردا ياشاپ كەلمەكتە. يەنى، ئۇيغۇر دېھقانلىرى مەسىلىسى بولسا، ماھىيەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن ئىبارەت. شۇڭا بۇ زېمىننىڭ بىر تۈپ گۈل - گىياسىغا قول تەگكۈزگىنىڭدىمۇ، بۇ تۇپراقنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ رازىلىقى ۋە رىزاسىنى ئېلىشىڭ، ئۇنى ئۆستۈرۈپ پەرۋىش قىلغان ئىنساننىڭ ھەققىنى بېرىشىڭ لازىم. ئىككىنچىدىن، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىگە بىۋاستە زىيان سېلىۋاتقان بىڭتۇەننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تېرىلغۇ يەر ۋە سۇ مەنبەسى جەھەتتە قايتىدىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى لازىم. چۈنكى خىتاينىڭ كېيىنكى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، " بىڭتۈەننى قايتىدىن ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش " دېگەن نام بىلەن، بىڭتۈەننىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي رايونلىرىدىكى دېۋىزىيە ۋە تۈەن - مەيدانلىرىنى جەنوبىي رايونلارغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى رايونلاردا تېرىلغۇ يەر ۋە سۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆپىيىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى ئىدى.

مەسىلەن، ھازىر بىڭتۈەننىڭ ئومۇمى نوپۇسى 2 مىليون 584 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، تەركىبىدە 14 دېۋىزىيە ۋە 175 دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق تۈەن - مەيدانى بار. ئىلگىرى بۇ تۈەن - مەيدانلار ئاساسەن ئۇيغۇرلار بىرئاز تارقاق ئولتۇراقلاشقان شىمالىي ۋە شەرقىي رايونلاردا ئورۇنلاشقان ئىدى. بۇ رايونلارنىڭ تېرىلغۇ يېرى كەڭ، سۇ مەنبەسى مول، يەنە كېلىپ بوزيەر ئېچىش ئىمكانىيىتى زور بولغىنى ئۈچۈن، شۇ رايونلاردىكى يەرلىكلەرگە ئانچە چوڭ بىر خەۋپ يەتكۈزمىگەن ئىدى.

ئەمما بۇندىن 2 - 3 يىل بۇرۇن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى، " بىڭتۈەننى قايتىدىن ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش " دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىڭتۈەننىڭ كۆپلىگەن تۈەن - مەيدانلىرىنى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان، ئەمما تېرىلغۇ يەر قىس، سۇ مەنبەسى كەمچىل، بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان جەنوبىي رايونلارغا پىلانسىز ھالدا يۆتكەشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن، جەنوبىي رايونلاردىكى تارىم دەرياسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاساسلىق دەريا، كۆل - ئېقىنلارنىڭ كونتروللۇقى تامامەن بىڭتۈەننىڭ قولىغا ئۆتتى. بۇنىڭ بىلەن جەنوبىي رايونلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى يېڭى ئەمگەك كۈچلىرى ئۈچۈن بوزيەر ئېچىش ئۇياقتا تۇرسۇن، سۇنىڭ قىسلىقى تۈپەيلىدىن ھەتتا مەۋجۇت تېرىلغۇ يېرىنىمۇ قاقاسلىققا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ھازىر بىڭتۈەننىڭ يەرلىشىش خەرىتىسىگە قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ تۈەن - مەيدانلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى 14 ۋىلايەتنىڭ ھەممىسىگە ۋە بۇ ۋىلايەتلەرگە تەۋە 69 ناھىيىگە تارقالغان بولۇپ، دېمەك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ - پۇشقىقى بىڭتۈەننىڭ بىۋاستە دەخىل - تەرۈزىگە ئۇچرىغان.

ئۇندىن باشقا يەنە ،خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا، ئۇلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان "پىلانلىق ئىشلەپچىقىرىش" سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى، ئەگەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئىستراتېگىيىلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن تەقدىردىمۇ، ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچى دېھقانلارغا خۇددى دېموكراتىك ئەللەرگە ئوخشاش رىغبەت مەبلىغى تارقىتىش، باج - سېلىقنى كەچۈرۈم قىلىشقا ئوخشاش ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشى، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ياشاۋاتقان مۇھىتتا ئېچىلغان نېفىتلىك، گازلىق ۋە باشقا زاۋۇت، كان - كارخانىلارغا ئىشچى قوبۇل قىلىشتا ئاۋال يەرلىك دېھقانلارغا ئېتىبار بېرىشى، يەرلىك سانائەت ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى قوغدىشى لازىم.

شۇنىمۇ ئېتىراپ قىلىش لازىمكى، كېيىنكى يىللاردىن بۇيان ئىدارە - جەمئىيەتلەردە، زاۋۇت، كان - كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى كىرىمىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقانلىقى بىر ئەمەلىيەت، ئەمما ئۇلار پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەتلا 4 - 5 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلماقتا، شۇڭا بۇنى قانداقتۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ روناق تېپىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ تەشۋىق قىلىش بولسا ئەمەلىيەتتە سىياسى ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روناق تېپىۋاتقانلىقىنى ياكى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئۆلچەشتە، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلغان ۋە بۇ مىللەتنىڭ ئاساسى مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئۆلچەم قىلىش لازىم!    


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.