بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ ھەسرەت بىلەن " قىلىدىغان ئىش يوق " دېيىشەتتى. جۇڭگولۇق كىشىلەر ئىشكىنى تاقىۋېلىپ قىمار ئوينىشاتتى، ماجاڭ ئوينىشاتتى.
كۈنلەر ئۆتمەكتە، 2009 - يىلى ئۆتۈپ كەتسە ياخشى بولۇپ كېتەر دېيىشەتتى. بەلكى ئەھۋال بۇ بىر يىل ئىچىدە بۇنىڭدىنمۇ بەتتەر بولۇشى مۇمكىن ئىدى.... ئىش تاشلىغان ئىشچىلار مائاشىغا 90 يۈەن قوشۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلالمايتتى.
تاشقى سودىغا تايىنىپ باش كۆتۈرگەن جۇڭگوچە شىركەتلەر بۈگۈن سۈتى ئۈزۈلگەن ئىنەككە ئوخشاپ قالدى. چەتئەلگە يېلىنىپ يالۋۇرۇپ زاكاز تەلەپ قىلاتتى... ئەتىگەندە ئىشقا چىققان ئايال ئىشچى كەچتە قايتىپ كەلگەندە ئۆي ئىجارىسىنىڭ غېمىنى قىلاتتى. نۆۋەتتىكى جۇڭگو ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى جۇڭگو ئەمەس بەلكى، يوشۇرغان ھەقىقىي قىياپىتىنى پۇقرالار ئالدىدا ئاشكارىلاپ قويغان جۇڭگودۇر.
پۇل - مۇئامىلە ئۇرۇشى قارىغاندا ئەمەلىي ئۇرۇشتىنمۇ خەتەرلىك ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ قويدى. ئىشلەپچىقارغۇچىلار، سېتىپ بەرگۈچىلەرنى چۈشىنىشكە باشلىدى، سېتىپ بەرگۈچىلەر، ئىستېمالچىلارنى چۈشىنىشكە باشلىدى. ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتنىڭ دەسمايىسى قانداق جۇغلاندى؟ پايدا ئېلىش ماكانى ئىزدەپ قەيەرگە بارغۇلۇق؟ مەبلەغ سېلىش قىيىنلىشىپ كەتتى، پاي - چەك بازىرى كاساتلاشتى، ئۆزىنى ئۆلتۈرگۈچىلەر كۆپىيىپ كەتتى. ياشىماق قېيىن بولۇپ كەتتى، ھۆكۈمەت ئەنسىرەشكە باشلىدى... مۇنچىۋالا ئادەمگە ئىش تېپىپ بېرەلمىسەك... قوسىقىنى باقالمىسا... بۇلار نېمە قىلىشى كېرەك؟
ئويغىنىپلا پۇلغا - پۇل تېگىشىشنىڭ باھاسىغا قارىساڭ؛ 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى جۇڭگو بانكىسى مۇنداق باھا چىقاردى: فونت سىتىرلىڭ خەلق پۇلىغا 10يۈەن 6 مو، 1 دوللار خەلق پۇلىغا 6 يۈەن 81 مو، بىر كانادا پۇلى خەلق پۇلىغا 5 يۈەن 28 فۇڭ، بىر ياۋرۇ خەلق پۇلىغا 8 يۈەن 5.3 موغا تېگىشىلدى.چاقچاق ئەمەستۇر؟ بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ سانلىق مەلۇمات مۇنداق ئىدى:بىر فۇنت سىتىرلىڭ 14 يۈەن 6 مو،ئامېرىكا دوللىرى 8 يۈەن 2 مو، بىر ياۋرۇ 10 يۈەن 4 مو غا تېگىشىلەتتى. باھا ئۆزگەرمىگەندىمۇ، قىممەت %37.69 تۆۋەنلەپ كەتتى. مائاشىمنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەم دەپ باشلايدۇ، ياڭ يىنپو ئەپەندى. ئۆتكەندە 4 مىڭ يۈەن مائاش ئالاتتىم، ھازىر ئايدا 2500 يۈەن مۇئاش ئالىمەن. 1 - مال زاكاز قىلغۇچىلارنى ئىزدەپ تېپىش تەس. 2 - تاپقاندىمۇ باھا تۆۋەن. 3 - پىرېۋوتنىڭ خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇلۇشى تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇ 3 خىل ئەھۋال ئىش نەدە، قورساق نەدە دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرەلمىدى.
تەۋرىنىپ تۇرغان جۇڭگو ئىقتىسادى زور چىقىم كۆرسەتتى. نامرات رايونلاردا بەلكى ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. ئۈمىدسىزلەنگەن كىشىلەر قارشىلىق كۆرسىتىشتىن باشقا يولنى تاللاپ ئالمايدۇ. شۇ ۋاقىتقا يەتكەندە پۇلدارلار قاتلىمى ياكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە كېلىپ ياردەم قىلىدۇ، قۇتقۇزۇپ قالىدۇ دەپ، ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك! ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىمۇ گۇمران بولۇپ كەتسە نەدىكى ۋاقىت، نەدىكى پۇل، ئەسكەر ئەۋەتىپ سىنى قۇتقۇزۇدىغان؟
شۇ ۋاقىتقا يەتكەندە، ئوخشاشلا مەسىلىگە دۇچ كېلىمىز، ئامېرىكىدىن باشلاپ مالايىشىياغىچە ھەر بىر دۆلەت، ھەربىر دەقىقە، ھەر بىر ئادەم، قىسقىسى تاۋكاغا دو تىكمەكتە. ھاڭنىڭ تېگى - تەكتى نەدە ھېچ كىم بىلمەيدۇ. چىداشلىق بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىڭلار مۇمكىن. جاسارەتكە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. كېلەر قېتىملىق خىرىسنى كۈتۈپ ئېلىڭلار دەيدۇ، - "بېيجىڭ باھارى " ژۇرنىلىنىڭ 9 - سانىغا ماقالە يازغان ياڭ يىنپو ئەپەندى.