خىتاي سۆز - ئىبارە ئەركىنلىكىنى چەكلىدى

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ۋە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەملىكە ئۇيغۈرىستانغا بەلگىلىگەن كۆچمەنلەر ھاكىمىيىتىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ئەڭ ئاخىرقى غالجىرلىق، ئەڭ ئاخىرقى ئەسەبىيلەشكەن دەۋرگە كىرىپ كەلدى.

0:00 / 0:00

كۆچمەنلەر ھاكىمىيىتى يېقىندا ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقىغا زىيان سالىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەرنى چەكلەش توغرىسىدا نىزامنامە ماقۇللاپ، مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا تەستىقلاتقان ئىمىش.

قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى "ئۇيغۇرلار قارىسا، كۆزىنى ئويىمەن، سۆزلىسە تىلىنى كېسىمەن" دەيدىغان، 60 يىلدىن بېرى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان سىياسەتنى "نىزامنامىلاشتۇرۇش"، "قانۇنلاشتۇرۇش،" قانداق سۆزلەيدىغان سۆز - ئىبارىلەرنى بەلگىلەپ بېرىش، "قېلىپلاشتۇرۇش"نى ئىشقا ئاشۇرسا كېرەك. بىر كۈندە بىر ئۇيغۇر قانچە قېتىم ئېغىز ئېچىپ، قانچە جۈملە سۆزلىشى كېرەك ئەمدى، كونكرېت بەلگىلىنىشى كېرەك بولدىغۇ؟

خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى تۈزۈپ تارقاتقان بۇ نىزامنامە خەلقئارا جەمئىيەت تەكرارلاپ تۇرىدىغان سۆز - مەتبۇئات ئەركىنلىكى، پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى، مىللەت بولسا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش ئەركىنلىكى، سىياسىغا ئارىلىشىش، سىياسى تاللاش، ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلاشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلار، ياد بۇلۇپ كەتكەن، خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان، ئۇقۇملاشقان سىياسى ئىبارىلەر، بۈگۈنكى دۇنيادا ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتلەر سۆزلىيەلەيدىغان سىياسى ئىبارىلەر، پەقەت ئۇيغۇرلار سۆزلىيەلمەيدىغان سىياسى ئىبارىغا ئايلاندى.

كىشىلەر بىر جەمئىيەتتە ئورتاق قائىدىلەرنى ئورتاق ئېتىراپ قىلغان ئاساستا، پايدا - زىيان مەنپەئەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك، بىر يەرگە توپلىشپ،جۈغلىنىپ جەمئىيەت تەشكىللەيدۇ. مۇبادا بۇ جەمئىيەتتە ھەقىقىي مەنىدىكى ئادالەت بولمايدىكەن، ئۇنداقتا بۇ جەمئىيەتتە ئومۇم ئېتىراپ قىلغان ئەخلاقىي قائىدىلەرمۇ بولمايدۇ. ئەسلىدە ئادەملەر قائىدىلەرگە ئاساسلىنىپ ئىش بېجىرىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ۋە ئۆمۈرلۈك تۇرمۇشىنى ئادالەت مەۋجۇت بولغان بىر جەمئىيەتتە ئەخلاق ۋە قائىدىلەشكەن تۇرمۇش تەرتىپلىرى يول قويغان دائىرىدە تەشكىللەيدۇ. ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىزلىنىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ ۋە كەلگۈسى تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئادەم سۆزلەيدۇ، مەنپەئەتىگە توغرا كەلگەندە سۆزلەيدۇ، مەنپەئەتىگە توغرا كەلمىگەندىمۇ سۆزلەيدۇ. ئەتىراپىدىكى مۇھىتقا باھا بېرىدۇ ۋە مۇھىتتىن ئۆزىگە باھا ئالىدۇ. مۇستەملىكە جەمئىيەتتە مۇئەييەن رول ئوينايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز - ئىبارىلىرى ئەمدى، "نىزامنامە" ئارقىلىق چەكلەندىمۇ؟

خىتاي كۆچمەنلىرىنى بىر مەنبەلىك مەنپەئەت گۇرۇھى دېيىشكە توغرا كەلسە، بۇ ۋەتەننىڭ ئىگىسى ئۇيغۇرلارنىمۇ بىر مەنبەلىك مەنپەئەت گۇرۇھى دېيىشكە بولىدۇ. مەنپەئەت تەلەپلىرى بىر - بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى مىللەتنىڭ مەنپەئەت قاراشلىرىمۇ بىر - بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، مۇستەملىكە جەمئىيەتتە ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان جەمئىيەت قائىدىلىرىمۇ بولمايدۇ. ئورتاق ئەمەل قىلىدىغان جەمئىيەت تەرتىپلىرىمۇ بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ، ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلىدۇ. ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

مېنىڭ پايدامىغا سۆزلەيسەن، ئۆزۈڭنىڭ پايدىسىغا سۆزلىمەيسەن، مەن پايدا ئالىمەن، ھەر قايسى سەپلەر بويىچە سەن زىيان تارتىسەن، ماقۇل دەيسەن، قوبۇل قىلىسەن، بۇنداق قىلغاندا، سەن شۇنداق زىيان تارتقاندا "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" مۇستەھكەملىنىدۇ. بولمىسا، "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. خىتاي كۆچمەنلىرى كۆچۈپ كىرىدۇ، سەن ئورنۇڭنى بۇشىتىپ بېرىسەن. خىتاي كۆچمەنلىرى ھوقۇقلۇق بولىدۇ، سەن قۇل بولىسەن. قىسقىسى، سىنىڭ پۈتۈن مەنپەئەتىڭ سۆزلىمەسلىكتىن ئىبارەت. نىزامنامىنىڭ مەزمۇنى شۇنداقمۇ؟

ھازىرقى دۇنيادا ئەگەر بىر ئادەم سۆزلەش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە، ئۇ ئادەم تەبىئي ھالدا مەۋجۇتلۇق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن بولىدۇ. ھازىرقى دۇنيادا بىر ھاكىمىيەت مەلۇم ئادەم ياكى مەلۇم مىللەتنى سۆزلەش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە زورلىسا، ئۇ ئادەمنىڭ ياكى مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ.