ئۇيغۇر مەسىلىسى، ئۇيغۈرلارنىڭ كۆپ شەكىللىك، كۆپ تەرەپلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ھەم ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەم مۇستەملىكىچى خىتايلارنىڭ "دۆلەت تېررىتورىيىسى"، "زېمىن پۈتۈنلۈكى"گە مۇناسىۋەتلىك، خەلقئارا قانۇنغا ھەم خىتاينىڭ ئىچكى قانۇنىغا چېتىلىدىغان مەسىلىدۇر.
مەسىلەن، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 4 - ماددىسىدا: " مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۋا خەلق جۈمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس قىسمىدۇر" دەپ، بەلگىلەنگەن. جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېگەن بۇ ئىسىم قەيەردىن كەلگەن؟ ئۇيغۇر تىلى ئەمەسقۇ؟ نېمىشقا ئۇيغۇر تىلىغا كىرىپ قالدى؟ ئۇيغۇرلارغا نېمىشقا مىللى تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم رايون قۇرۇپ بېرىلدى؟ بۇنداق ئاپتونوم رايون قۇرۇپ بېرىش ھوقۇقىنى جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە كىم ھاۋالە قىلدى؟ جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن 5 يىل بۇرۇن قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتى 2 - جۈمھۈرىيەت قەيەرگە كەتتى؟
ئۇيغۇر مىللىتى دۆلەت قۇرۇشقا ھوقۇقلۇق بولغاچقا، دۆلەت قۇرۇش ھوقۇق سۇبيېكتى سۈپىتىدە ھەر بىر ئۇيغۇر مۇ ھوقۇق سۇبيېكتى بولغاچقا، ئۇيغۇرلار تەبىئىي ھوقۇقلارغا تايىنىپ تەبىئەت ئىچىدە دۆلەت قۇرغان ئىدى. ئەمدى ئايلىنىپ كېلىپ 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، نېمىشقا خىتاي مىللىتى ئۇيغۇر مىللىتىگە ئاپتونومىيە قۇرۇپ بېرىدىغان ھوقۇقلۇق مىللەتكە ئايلىنىپ قالدى؟ نېمىشقا 5 يىل بۇرۇن قۇرۇلغان بىر مىللەتنىڭ جۇمھۇر ىيىتى، 5 يىل كېيىن قۇرۇلغان يات بىر مىللەت جۇمھۇرىيىتىنىڭ "ئايرىلماس قىسمى" بولۇپ قالدى؟ ئەگەر "قانۇن" بويىچە "ئايرىلماس قىسمى" بولۇپ قالغان بولسا، بۇ "قانۇن" نېمە "قانۇن"، قانداق " قانۇن"، ئۇ "قانۇن" قېنى؟ ئەگەر زورلۇق بىلەن "ئايرىلماس قىسمى" بولۇپ قالغان بولسا،تارىخى رىئال ھالەت، تاجاۋۇز قىلىنغان تارىخىي رىئال ھالەت بولۇپ قالىدۇ.
قانۇن بىلەن ھەل قىلىشقا توغرا كەلسە، تاجاۋۇزچىلىقنىڭ تارىخى پاكىتلىرىنى قانۇن بىلەن ئاغدۇرغىلى بولامدۇ؟ بەلكى خەلقئارا مەيداندا شۇنداقتۇر، لېكىن خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق بولسۇن، خىتاينىڭ قانۇنلىرىدا پۇقرالارغا بېرىلگەن ھوقۇق شەكىللىرى بولسۇن، خىتاينىڭ "قانۇنى"غا ئاساسلىنىپ ھەل قىلىش ئۈچۈن شەرت - شارائىت كېرەك بولىدۇ. يەنى مەسىلەن، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قانۇنلۇق ھەددى - ھەرىكەتلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان قانۇن سىستېمىسى بولۇشى كېرەك، ئەڭ مۇھىمى قانۇندا بەلگىلەنگەن، جەمئىيەتتە قېلىپلاشقان،ئىجتىمائىي ئادالەت قائىدىلىرى، تەرتىپلىرى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، بۇنىڭ ئۈچۈن توغرىلىساق، "ئايرىلماس قىسمى"، "قانۇن"دا قانۇنلاشقان مۇشۇ بىر سىياسى ئىبارە ئىجتىمائىي ئادالەتتىن يىراق بىر ئىبارە ياكى "قانۇن"لاشتۇرغۇچى "قانۇن" ئىجتىمائىي ئادالەتتىن يىراق تۈزۈلگەن قانۇندۇر.
ماركىس، "ئىجتىمائىي ئادالەت قانۇن تۈزۈشنىڭ ئاساسىدۇر" دەپ كۆرسەتكەن. خىتاينىڭ تۈزگەن قانۇنلىرى ئىجتىمائى ئادالەتكە يېقىن كەلمىسە، يەنە قانداق ئەھۋالدا قانۇنغا ئاساسلىنىپ، يەنە قانداق مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىز مۇمكىن؟ قانۇن تۈزگۈچىلەر، قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىلار، قانۇننى شەرھىلىگۈچىلەر تۈزۈلگەن قانۇننىڭ ئىگىسىدۇر. قانۇن پەقەت قانۇن تۈزگۈچىلەرنىڭ مەنپەئەتىگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق مەنپەئەت تەلەپلىرى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنمىگەن ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان. ئۇيغۈرلارنىڭ مەنپەئەتى "ئايرىلماس قىسمى" دەيدىغان زوراۋانلىقنىڭ يېزىق شەكلى ئارقىلىق ئىنكار قىلىنغان. شۇڭا ھەر قانداق جايدا، ھەر قانداق چاغدا خىتاي تۈزگەن "قانۇ ن" لارغا ئا ساسلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى توغرىسىدا ئىزدىنىش ئاكتىپ ئۈنۈم بەرمەيدىغان بىھۇدە ھەرىكەتتۇر.
قانۇن بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ئىككىنچى خىل شەكلى، مىللەت تەشكىللىنىپ، كوللېكتىپ كۈچكە ئايلىنىپ ھەيۋە كۆرسىتىپ، قانۇن ئۆزگەرتىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇنغا تەدبىق قىلىشنى بىرلىشىپ تەلەپ قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەت تەلەپلىرىنى پەقەت كۈچ ئالدىدا ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن.
مەسىلەن، 2003 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى 1مىليۇن ھوڭكۇڭلىق نامايىش قىلىپ خىتاينىڭ ھوڭكۇڭغا تاڭماقچى بولغان،" نېگىزلىك قانۇن" ىنىڭ 23 - ماددىسىنىڭ روھىغا ئاساسلىنىپ تۈزۈلگەن، خىتاينىڭ قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان قانۇننىڭ ماددىلىرىنى رەت قىلدى.
20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا قارا تەنلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ، قايتا - قايتا زور كۆلەملىك نامايىش تەشكىللىگەن مارتىن لوتىركىڭ شۇنىڭ ئۈچۈن غەلىبە قىلدىكى، ئامېرىكا بۇ دۆلەت ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت ئىدى، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ قانۇن ئېڭى، قانۇن چۈشەنچىسى، قانۇن بىلەن كۆرەش قىلىپ، مەنپەئەتلىرىنى قانۇننىڭ كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئاكتىپلىقى، بەلكى ھەرىكەتچان ئاكتىپلىق ھەتتا ئادالەتپەرۋەر ئاق تەنلىك ئامېرىكىلىقلارنىڭمۇ قارا تەنلىكلەرنىڭ نامايىشىغا قوشۇلۇپ مارتىن لوتىركىڭنى قوللىشى، مارتىن لوتىركىڭ ئېلىپ بارغان تىنچ يول بىلەن قانۇنلۇق كۆرەش قىلىشنى غەلبىگە ئېرىشتۈرگەن ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىدى.
2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۇيغۇرلار ئادەتتە دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىدىغان "قىزىل بايراق"نى، خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى كۆتىرىپ نامايىشقا چىقتى. ئاخىرى نېمە بولدى؟ دۆلەت باشقۇرغۇچى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ يول بىلەن قىلغان نامايىشىنى قانلىق باستۇردى. ماكان شەرت - شارائىت بىلەن تەمىنلىمىسە، قانۇنلۇق كۆرەش قىلىشمۇ بىھۇدە گەپ بولۇپ قالىدۇ.