بۇ 'كېلىشم' نىڭ مەزمۇنى راستىنلا شۇنداقمىدۇ؟

تور بەتلىرىنى ئارىلاۋېتىپ "بوشۈن" تور بىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىگە تۇيۇقسىز كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. "1944‏ - يىلى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قورۇلۇشىنىڭ باش ئاخىرى" ماۋزۇلۇق بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ئەننا خانىم تەيۋەنلىك ( ئاڭلىشىمچە بۈيۈك ئىرا تور بىتىدە باش تەھرىر بولۇپمۇ ئىشلىگەن ئىكەن.)

0:00 / 0:00

ماقالە 2006‏ - يىلى 9‏ - ئاينىڭ 4‏ - كۈنى "بوشۈن" تور بىتىدە ئېلان قىلىنغانOpens in new window ]

بولۇپ، ماقالىنى كۆرۈپ شۇ ۋاقىتتا پايدىلانغان ۋە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىغا ئېلىپ چىققان ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر بولسا، مەن بۈگۈن بۇ ماقالىنى قايتا ئىشلەشكە تۇتۇنغىنىمدا شۇ ئۇيغۇرلاردىن ئەپۇ سورايمەن دەپ ئويلىدىم.

ماقالىنى تونۇشتۇرۇشتا، مەلۇم قىسقارتىشلار بىلەن تەييارلاپ چىقتىم.

"1949‏ - يىلى 6‏ - ئايدا، ‏ - دەپ باشلايدۇ ئاپتور ئەننا خانىم،‏ - ليۇ شاۋچى ئۆمەك باشلىقى بۇلۇپ، مەركىزى كومىتېتنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى موسكۋاغا بېرىپ جۇڭگو، سوۋېت مۇناسىۋىتى توغرىسىدا سۆھبەت باشلىدى. دىڭ لىچۈن سىياسى كاتىپ بۇلۇپ بەلگىلەندى. سۆھبەت جەريانىدا سوۋېتلەر تەرەپ 3 ۋىلايەت كۈچلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەربىي جەھەتتە گومىنداڭنى ئىسكەنجىگە ئېلىشقا بولىدۇ دەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداق قىلىپ مەركىزى كومىتېت دىڭ لىچۈننى مەركەزنىڭ ۋەكىلى قىلىپ بەلگىلەپ 3 ۋىلايەتكە ئالاقىلىشىشكە ئەۋەتتى...."

ئاپتور ئەننا خانىم مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: "دىڭ لىچۈن1949‏ - يىلى 8‏ - ئاينىڭ 14‏ - كۈنى (تاللىۋالغان ۋاقىتقا قاراڭ) غۇلجا شەھىرىگە كېلىپ، دىڭ لىچۈن رادىئوگراممىسىنى ئورۇنلاشتۇردى ... دىڭ لىچۈن ماۋزېدۇڭنىڭ 3 ۋىلايەتنىڭ ۋەكىل ئەۋەتىپ جۇڭگو خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا يازغان خېتىنى ئەخمەتجان قاسىمىغا يۈز تۇرانە تاپشۇردى ... 8‏ - ئاينىڭ 17‏ - كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلدى...."

ئاپتور ئەننا خانىم مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: "1949‏ - يىلى 8‏ - ئاينىڭ 26‏ - كۈنى شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولدى( ئىلاۋە بۇ كۈن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان كۈن ئەمەسمىدى.)

ئاپتور مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: "ماۋزېدۇڭ 1949‏ - يىلى 12‏ - ئاينىڭ 16‏ - كۈنى موسكۋاغا بېرىپ ستالىننىڭ 70ياشقا كىرگەنلىكىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشماقچى بولدى. ( "ماۋزېدۇڭ توغرىسىدا ئاشكارىلانمىغان ھېكايىلەر" ماۋزۇلۇق كىتابتا 12‏ - ئاينىڭ 6‏ - كۈنى دېيىلگەن) 1 ئايدىن كېيىن ماۋزېدۈڭ دۆلەت ۋەزىرى جۇئىنلەينى موسكۋاغا چاقىرىپ كەلدى. ( ئۇنداقتا جۇئېنلەي 1950‏ - يىلى 1‏ - ئاينىڭ 6‏ - كۈنى موسكۋاغا يىتىپ كەلگەن بولىدۇ) 1950 ‏ - يىلى 2‏ - ئاينىڭ 12‏ - كۈنى جۇڭگو، سوۋېت ئىككى تەرەپ ماۋزېدۈڭ بىلەن سىتالىننىڭ رىياسەتچىلىكى ئاستىدا جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى جۇئېنلەي بىلەن سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى ئولىيا ۋىشىنىسكى "جۇڭخۋا خەلق رېسپۇبلىكىسى، سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى دوستلۇق، ئىتتىپاقداشلىق ئالاھىدە كېلىشىمى"گە ئىمزا قويدى.

ئاپتۇر ئەننا خانىم داۋاملاشتۇرۇپ: " "كېلىشىم" 19 ماددىدىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ، "كېلىشىم"نىڭ 19‏ - ماددىسىدا:" كېلىشىم" ئىنتايىن مەخپىي خاراكتېرىغا ئىگە . "كېلىشم "ئىمزالىغان ئىككى تەرەپ (ئىككى دۆلەت) نىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار، ئېلان قىلىش(ئاشكارىلاش) قا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. لېكىن بۇ مەخپى "كېلىشىم" 1950 - يىلى 7 - ئاينىڭ 16‏ - كۇنى، ئامېرىكا تاشقى سىياسەت ئىشخانىسى تەرىپىدىن نيۇيورك شەھىرىدە ئاشكارىلاندى(ئېلان قىلىندى). بۇ "كېلىشم" نىڭ 17‏ - ماددىسى بۇ ماقالىدە مۇھاكىمە قىلىنغان مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن ماقالىنىڭ ئاستىغا ئىلاۋە قىلدىم دەپ كۆرسەتتى.

" "كېلىشىم " نىڭ 17 - ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەندى: "كېلىشم" ئىمزالىغان ئىككى تەرەپ (ئىككى دۆلەت) ئىچكى موڭغۇلىيىدە، شىنجاڭدا، تىبەتتە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا قوشۇلىدۇ، بۇ مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى ئىككى تەرەپ ئورتاق مەسئۇل بۇلۇپ قوللايدۇ."

بۇ توغرىدا تىبەتلەرنىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولۇۋاتقانلىقىنى شەخسەن مەن كۆرۈپ يېتەلمىدىم.

قايتىپ كىلەيلۇق، 1950‏ - يىلى ماۋزېدۇڭ بىلەن سىتالىن ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان "كېلىشم" نىڭ مەزمۇنى راستىنلا شۇنداق بولغان بولغىمىدى ؟ بۇ "كېلىشم" نېمىشقا ئىجرا قىلىنمىدى؟

خىتاينىڭ ئىجرا قىلىشىغۇ مۇمكىن ئەمەس. سىتالىن نېمىشقا "كېلىشم" بويىچە ماۋزېدۇڭغا بېسىم ئىشلەتمىدى، كورىيە ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى سىتالىننى تەمتىرىتىپ قويدىمۇ ياكى ماۋزېدۇڭنىڭ كورىيىگە ئەسكەر چىقىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سىتالىن، ماۋزېدۇڭ بىلەن يەنە باشقا مەخپىي شەرتنامە ئىمزالاپ يۇقىرىقى "كېلىشىم" نى بىكار قىلغانمۇ ۋە ياكى سىتالىن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ بۇ "كېلىشم" نى ئىجرا قىلغىچە 1953 ‏ - يىلى سىتالىن ئۆلۈپ كېتىپ، "كېلىشم" شۇ پېتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېسىلىپ قالدىمۇ ؟