تەيۋەنگە كەلسەك، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش تەيۋەننىڭ دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىلىرى بار تۇرۇقلۇق، ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت شەكلى بار تۇرۇقلۇق مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش پەقەت ئىدېئولوگىيىلىك كۆرەش ساھەسىدىلا چەكلىنىپ كەلمەكتە.
مەسىلەن، لى دىڭخۇينىڭ 7 دۆلەت نەزەرىيىسىنى تەشەببۇس قىلىشى، سابىق پرېزىدېنت چىن شۈيبيەننىڭ ئىككى دۆلەت نەزەرىيىسىنى تەشەببۇس قىلىشى ۋە ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلاش توغرىسىدا داۋراڭ سېلىشى پەقەت ئىدېئولوگىيىلىك تالاش- تارتىش قىلىش ساھەسىدىلا قېلىپ قالدى. خوڭكۇڭغا كەلسەك، گەرچە يېڭى باشلىنىش دېگىلى بولمىسىمۇ، يېقىندىن بېرى خوڭكۇڭ دېموكراتلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە مۇنازىرە قىلىپ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشلىرى كەڭ جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
2010 - يىلى 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى بۈيۈك ئىرا تور بىتىگە ماقالە يازغان زىڭ جېمىڭ ئەپەندى : خوڭكۈڭلۇقلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشىنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بېسىمى پەيدا قىلدى دەپ كۆرسەتكەندە، مەيلى خوڭكۈڭ، مەيلى ئۇيغۇرلار، مەيلى جەنۇبىي موڭغۇلىيە بولسۇن، خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىمىغان بولسا، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايتتى دەيدىغان سەپسەتىلەشكەن "مەنتىق" ىنى كۆتۈرۈپ چىققان بولىدۇ. مەسىلەن، مۇستەملىكە ئۇيغۈرىستاندا خىتاينىڭ بېسىم ئىشلىتىشى ۋە بېسىم ئىشلەتمەسلىكى دەيدىغان مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. ئۇيغۇرنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇرىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ۋاقىتتىلا بەلگىلەنگەن سىياسەتتۇر. خىتايلارنىڭ بەلگىلەنگەن سىياسىتىگە قارشى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش بىلەن قارشى تۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ 60 يىل بۇرۇن بەلگىلەنگەن سىياسىتىدۇر.
خىتايلار ئولتۇراقلاشقان، يېڭىلا ئەنگىلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن خىتايلارنىڭ ئەپكىشىگە قايتىپ كەلگەن خوڭكۈڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشنى شۇنىڭ ئۈچۈن باشلىدىكى، خوڭكۇڭلۇقلارنىڭ ھامان بىر كۈنى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشى مۇقەررەر بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەلەپنىڭ پۇرسەتتىن ئاۋۋال ئوتتۇرىغا چىقىشى، خوڭكۇڭلۇقلارنىڭ كەلگۈسىگە، ئىستىقبالىغا ئىشەنمىگەنلىكىدىن تۇغۇلغان سىياسىي ھەرىكەتتۇر.
"بەزى خوڭكۈڭلۇقلار تەيۋەندە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدىغان ئىنتايىن زور كۇچ بار، شۈڭا خوڭكۈڭنىڭمۇ مۇستەقىل بولۇشىدىن ئۈمىد بار دەيدىغان بولسا، بۇ پۈتۈنلەي خاتا سەزگۈ بۇلۇپ، تەيۋەن بىلەن خوڭكۈڭ بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنىڭ ئەمەلگە ئىېشىشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن خوڭكۇڭ مۇستەقىل بولالمايدۇ،" دەيدۇ، زىڭ جېمىڭ ئەپەندى.
ئاپتور بىرىنچى بولۇپ تاتلىق سۇ مەسىلىسىنى تىلغا ئالىدۇ. يەنى جۇڭگو خوڭكۈڭنى تاتلىق سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ دېمەكچى بولىدۇ. مۇبادا خوڭكۇڭ بىلەن گۇاڭدۇڭ بىرلىشىپ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلسىچۇ؟ 2 - خوڭكۇڭ ئىقتىسادى جەھەتتە جۇڭگوغا بېىقىنىپ قالدى دەيدۇ، ئۇنداقتا جۇڭگو ئىقتىسادى جەھەتتە خوڭكۈڭغا بېقىنىپ قالمىغانمۇ؟ 3 - تەيۋەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي جەھەتتە كاپالىتىگە ئېرىشكەن دەيدۇ. ئۇنداقتا خوڭكۈڭ دېموكراتىيە جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ كاپالىتىگە ئىېرىشمىگەنمۇ؟ 4 - مىللەتچىلىك يول قويمايدۇ دەيدۇ ئاپتور. جۇڭگولۇقلارنىڭ مىللەتچىلىكى بىلەن قوساق باققىلى بولمايدۇ، ئەينى چاغدا گومىنداڭنى قوللىغانلارمۇ خىتاي مىللەتچىلىرى ئىدى، گومىنداڭنى تاشلىۋەتكەنلەرمۇ يەنە شۇ خىتاي مىللەتچىلىرى ئىدى. ھازىر خىتاي ھاكىيىمىتىنى قوللاۋاتقانلارمۇ خىتاي مىللەتچىلىرى بولغاندەك، ۋاقتى كەلگەندە خىتاينىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى تاشلىۋىتىدىغانلارمۇ يەنە شۇ خىتاي مىللەتچىلىرىدۇر.
ئۇ چىلىك، بۇ چىلىك، ئۇ ئىزم، بۇ ئىزم مەنپەئەتىزمنىڭ ئالدىدا ھېچنەرسىگە دال بولالمايدۇ. مەنپەتىزمنىڭ شەكلى ئىككى خىل بولىدۇ.
1 - باياشاتلىق، پاراۋانلىق قوغلىشىش، 2 - پاراكەندىچىلىك، تەھدىت، ھالاكەتكە دۇچ كېلىش. ئىككى خىل مەنپەئەت شەكلىنى تاللاشقا دۇچ كەلگەندە، خىتاي مىللەتچىلىرى تارىختا سىياسى مەيدانىنى ساقلاپ قالالمىغان ئىدى. مەسىلەن، گومىنداڭنىڭ داڭلىق گېنېرالى ئۈرۈمچى سۆھبىتىنى ھۆددىگە ئالغان جاڭ جىجۇڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە جاسۇس بۇلۇپ، ك.گ.ب غا تىزىملىتىپ ستالىنغا ئىشلىگەن ئىدى.
غەرب دۇنياسى خوڭكۈڭنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللىمايدۇ، دەيدۇ زىڭ جېمىڭ ئەپەندى. قوللاشمۇ، قوللىماسلىقمۇ پىشىپ يېتىلگەن ۋاقىتقا توغرا كەلگەندە يۈز بېرىدىغان ئىشتۇر ئەپەندىم. تەلەيدە بوڭ - بوڭ!