ئېچىلغۇسى شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىغا ھەقىقىي ئۇيغۇرلارغۇ قاتنىشالمايدۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيدىغان ئادەملەردىن مەسىلەن، نۇر بەكرىدەك ئادەملەردىن كىملەر تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇلۇشى مۇمكىن؟ ئېچىلىدىغان "شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى" زادى قانداق خىزمەت يىغىنى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن؟ يىغىن ئۈچۈن بەلگىلەپ بېرىلگەن سىياسى مۇقام مۇنداق بولدى: "ئىقتىساد تەرەققىياتى"، " شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقى"، "ھالقىما تىپلىق تەرەققىيات"، "بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشى" مەركىزى سىياسى قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ يۇڭكاڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىيا سەتچىلىك قىلىپتۇ. قالتىس ئىشقۇ بۇ؟ يىغىنغا مەمۇرىي ئەمەلدار ئەمەس مۈلكى ئەمەلدارنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ھەربىي كۈچنى ئىشقا سېلىشتىن، ساقچى كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىشتىن دېرەك بېرەمدۇ، خۇددى شىنجاڭ (مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستان) ھازىرلا خىتاينىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك....
1 - سۆھبەت يىغىنغا مەركىزى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىپتۇ. "شىنجاڭ" مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا كادىرلار باشتىن - ئاخىر ئالماشتۇرۇلىدۇ، دېگەنلىكمۇ، بۇ؟ 2 - سۆھبەت يىغىنغا مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىپتۇ. تور بەتلىرى، تېلېفون يوللىرى تاقىۋېتىلدى. مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا پەقەت خىتايلارنىڭلا سۆزلىشىگە يول قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش كېرەك دېگەنلىكمۇ، بۇ؟ 3 - سۆھبەت يىغىنغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىلى قاتنىشىپتۇ. بۇ ئىش كىشىنى چوڭقۇرراق ئويغا سالىدىكەن ... مىللىي مەسىلە تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا دىپلوماتىيە مەسىلىسى ئەمەسمىدى؟ 4 - سۆھبەت يىغىنغا دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى قاتنىشىپتۇ. "شىنجاڭنى ئاچىمىز " خىتاي كۆچمەنلىرىنى شىنجاڭغا تۆكىمىز دېگەنلىكمۇ، بۇ؟ 5 - سۆھبەت يىغىنىغا جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىدىن ۋەكىل قاتنىشىپتۇ. بۇ دېگەنلىك ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇمىز، پىلانلىق تۇغۇتنى نازارەت قىلىمىز، ئۇيغۇرلارنى ساقچىنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەيمىز دېگەنلىكمۇ، بۇ؟
ئۇنىڭدىن باشقا يىغىنغا "شىنخۇا گۇرۇھى"، "جۇڭگو نېفىت شىركىتى"، "جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى شىركىتى" قاتارلىق مەركەزگە قاراشلىق كارخانىلارنىڭ باشلىقلىرى قاتنىشىپتۇ. "شىنجاڭ" مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشنىڭ ئۇسۇل - چارىلىرىنى ئۆزئارا مۇھاكىمە قىلىدىغان بۇ شىركەتلەر يەرلىك ئۇيغۇرلارغا نېمە بالالارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا ئىقتىسادى بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلار دەل مۇشۇ مەركەزگە قاراشلىق شىركەتلەردۇر.
سۆھبەت يىغىنىدا تەرەققىيات مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىپتۇ. 60 يىلدىن بېرى خىتاي كۆچمەنلىرى ھەر تەرەپتىن تەرەققىي قىلدى. ئۇيغۇر خەلقى "شىنجاڭ" مالىيىسىنى قېپىندۇردى. خىتاي كۆچمەنلىرى "دۆلەت" ھېسابىغا ھەقسىز داۋالاندى، مەكتەپلەردە ھەقسىز ئوقۇدى، تۇرالغۇ ئۆيلەردە ھەقسىز ئولتۇردى. ئۇيغۇر دېھقانلىرى قۇمنى كۆپە قىلىپ ياتتى، بىر كەتمەندىن باشقا ھەر قانداق بىر نېمە يوق بولدى.
سۆھبەت يىغىنىدا "مۇقىملىق" مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىپتۇ. مۇقىملىقنى بۇزۇۋاتقانلار زادى كىملەر؟ خام نېفىت، تەبىئىي گازنى ھەقسىز ئېلىپ كېتىش، ئالتۇن كولاپ ھەقسىز ئېلىپ كېتىش، ئاش - تۇز، تۆمۈر رۇدىسى، كۆمۈر كانلىرىنى كولاپ ھەقسىز ئېلىپ كېتىش، بۇ مۇقىملىقنى بۇزغانلىق، يەنە كېلىپ مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك كۆچمەنلەر ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ مۇقىملىقنى بۇزغانلىق بولماي نېمە؟
يىغىننى ئاچقانغا يارىشا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بارلىق ھوقۇق "شىنجاڭ" ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلا بولسا، مۇقىملىقمۇ ھەل بولىدۇ، مىللىي مەسىلىمۇ ھەل بولىدۇ، ئىستىقبالنى تاللاش ھوقۇقىمۇ ئۇيغۇرنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولىدۇ. جانابلار! مەسىلىنىڭ تۈگۈنى ھوقۇق مەسىلىسىدۇر.
