"جۇڭگو ئەزەلدىن بىر دۆلەتنى بوزەك قىلغان ئەمەس"، ئەزەلدىن بوزەك قىلغۇدەك كۈچۈڭ بولسا بوزەك قىلار ئىدىڭ جۇڭگو! بۈگۈن باشقىلارنى بوزەك قىلالايدىغان كۈچنى غەرب دۇنياسى ساڭا ھەدىيە قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالما! مۇستەملىكە بولۇپ قالغان دۆلەت ئۇيغۇرىستاندا، ھەتتا ئايال نامايىشچىلارغا كالتەك قورال بىلەن ھەيۋە قىلدىڭ، باستۇرۇشتىن قورقۇپ كەتكەن خەلقئارا جەمئىيەتمۇ ئارتۇقچە ئىنكاس قايتۇرالمىدى. بۇ بوزەك قىلغانلىق بولماي نېمە؟ "ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئشلىرىغا ئارىلاشقان ئەمەس"، ۋيېتنام ئۇرۇشى باشلانغاندىن باشلاپ ئاخىرلاشقىچە ۋيېتنام ئۇرۇشىغا ئارىلاشمىغانمۇ؟ كامبودژانىڭ ئىچكى ئشلىرىغا ئارىلاشمىغانمۇ؟ كامبودژانىڭ پادىشالىق ھاكىمىيىتىگە ئىچكى ئاغدۇرمىچىلىق قىلمىغانمۇ؟ 1965 - يىلى ھىندونېزىيىلىك كوممۇنىزمچى ئايدىتنى قوللاپ، ھىندونېزىيىنى ئىچكى ئۇرۇشقا كۈشكۈرتمىگەنمۇ؟ 1963 - يىلى "يۇگوسلاۋىيە سوتسىيالىستىك دۆلەتمۇ؟"، " خىرۇششىفنىڭ بىر قاچا قورداق كوممۇنىزمى" قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسەتلىرىگە ئارىلاشمىغانمۇ؟
ئىچكى ئشلىرىغا ئارىلىشىش ياكى ئارىلاشماسلىق خىتاي سىياسەتۋازلىرىنىڭ سىياسەت مەنتىقىسىدە زادى قانداق تەبىرگە ئىگە بولۇشى كېرەك؟ بۇ تەبىر، "مەن ئارىلىشىمەن، سەن مېنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمغا ئارىلاشما" دېگەنلىك بولسا كېرەك.
قانداق ئىش، بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى بولىدۇ؟ چوڭ دۆلەت جۇڭگو، بىخەتەرلىك كومىتېتىغا ئەزا بولغان جۇڭگو، ب د ت نىڭ نىزامنامىسىغا ئۆزى ئەمەل قىلمىسا، مەسىلەن، ئۆزى ئمزا قويغان "پۇقرالار ھوقۇقى، سىياسى ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى" نى ھازىرغىچە تەستىقلىمىسا، ئىجرا قىلمىسا. مەسىلەن، "ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت تەرەققىيات ھوقۇقى خەلقئارا ئەھدىنامىسى" نى خىتاينىڭ خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەستىقلاپ تارقاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئىجرا قىلمىسا، بولۇپمۇ ھازىرغىچە مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا تەتبىق قىلمىسا، خەلقئارا جەمئىيەت نېمىشقا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ؟ ھېلىمۇ ئارىلاشمايدىكەن خەلقئارا جەمئىيەت!
بۇ قانۇنلار خەلقئارا جەمئىيەت يەنى ب د ت غا ئەزا بولغان دۆلەتلەر ئورتاق تۈزۈپ، ئومۇمىي ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان قانۇنلاردۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىمزا قويغان ئىكەن، ئىجرا قىلمىسا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇق، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى، سۆز - مەتبۇئات ئەركىنلىكى بويىچە يۇقىرىقى قانۇنلارنىڭ روھىغا ئاساسەن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى بولىدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يەردە ئىچكى ئىش، تاشقى ئىش دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى قانۇنلارنىڭ روھى بويىچە ئۆزلىرى "ئىچكى ئىش" دەپ قارىغان مەسىلىلەرنى مەسىلەن، ئۇيغۇرىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋېتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ، ئاندىن قانۇنلارنىڭ روھى بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا "ئارىلىشىش" ھوقۇقى بولىدۇ.
ھەر قانداق بىر دۆلەت خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە "زىيان" سالغىنى يوق. خەلقئارا جەمئىيەت "جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرى" غا ئارىلاشقان بولسا، پەقەت يۇقىرىقى قانۇنلارنىڭ روھى بويىچە ئارىلاشتى.
خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرىستان مەسىلىسى بويىچە "جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرى"غا ئارىلاشقان بولسا، شۇ خەلقئارا جەمئىيەت ئەينى چاغدا 20 - ئەسىرنىڭ 40 يىللىرىدا ئۇيغۇرىستاندا قۇرۇلغان مىللىي دۆلەتنى مۇنقەرز قىلىپ خىتايغا قوشۇپ بەرگەن خەلقئارا جەمئىيەت ئىدى. بۈگۈن ئەمدى يەنە شۇنداق ئارىلىشىدىغان ۋاقىت كېلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ. چۈنكى، خەلقئارا جەمئىيەت بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھالۇ - دەردىگە، ئەرز شىكايەتلىرىگە قۇلاق سېلىۋاتىدۇ. خىتاي بۇنى نېمىشقا ھار ئېلىپ كەتكۈلۈك!