ئۇيغۇرنىڭ مۇتەپەككۇرى، شائىرى، يازغۈچى مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئەسلەيمىز

مۇتەپەككۇر دېسە ئۇيغۇرنىڭ مۇتەپەككۇرى، بىلىم ۋە ئەخلاق بىلەن مىللەتكە ئۈلگە بولغۇچى كىشى، يازغۇچى دېسە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلەمدارى، شائىرى دېسە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شائىرى، ئۇيغۈر مىللىتىگە يورۇق تاڭ تىلىگۈچى ياكى سىياسى مەنىدىكى مىللەتنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئۆمۈر بۇيى كۆرەش قىلغۇچى مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى، 1995‏ - يىلى 10‏ - ئايدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.

0:00 / 0:00

جىنازا كۆتۈرگەن كىشىلەرنىڭ قاتارى شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر كالوننىغا ئايلاندى. شۇ كۈنى قارىسام ئۈرۈمچى شەھىرىدە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلار بىر كوچىغا قاپسىلىپ گويا دولقۇنلۇق دەريا ھاسىل قىلغاندەك بىلىندى. ئۇيغۇرلار مۇتەپەككۇرىنى ئۇزاتماقتا ئىدى، ئادەملەر يىغلايتتى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن قىسمەتلەرنى بەلكى ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن قىسمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ يىغلايتتى.

جىنازا كۆتۈرۈش، مېيىت ئۇزىتىشتىن باشقا، بارلىق ئادەملەرنىڭ قەلبىدە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقىنى بىر نۇرلۇق ئۈمىدنى كۈتۈپ ئېلىش بولماستىن، بەلكى ئۈمىدلىرىنى، ئارزولىرىنى، تەلەپلىرىنى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردىن كېيىنكى ھاياتنىڭ مۇجىمەل تەلەپلىرىنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى.

ئادەملەرنىڭ كۆڭلى يېرىم ئىدى. بىراق بۇ ئادەملەر ۋاقىتلىق مۇسىبەتنىڭ ئازابلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئەسلى تۇرمۇشقا قايتىپ كەلگەنلىرىدە، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، - بىزلەرگە نېمە بۈيۈك مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى دەپ، بىر - بىرىگە سوئال قويغاندا، يەنە شۇ ئادەملەر - "ئىز"، "ئويغانغان زېمىن"، داستانلىرى، رۇبائىيلىرى ۋە لىرىك شېئىرلىرىغا تېماتىك ئىدىيە بولغان لېكىن، قارىغۇلارچە، مەقسەتسىز تەۋەككۈلچىلىك بىلەن تەسۋىرلىگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرىنى ئەمەس، بەلكى جاسارەتكە، كۈرەشكە رىغبەتلەندۈرگۈچى، زامانغا تىكىلىپ قارىغۇچى ۋە زامانغا سوئال تاشلىغۇچى ئىشەنچ بىلەن تولۇپ تاشقان روھنى، كەلگۈسىگە ئاشىنا قىلغۇچى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرىنى كېيىنىكى ھەر بىر ئەۋلادقا قالدۇرۇپ كەتتى دەپ، جاۋاب بېرىشەتتى.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەركىنلىككە ئىزدەنگۈچى، ئەركىنلىكنى مەدھىيىلىگۈچى، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى يازغۇچى ئىدى، شائىر ئىدى. ئەركىنلىكنىڭ تارىخى ئەلۋەتتە شائىرغا مەلۇم ئىدىكى، - مۇرەسسەسىز توقۇنۇشنىڭ تارىخى ئىدى. شائىرنىڭ ئەركىنلىككە قاراتقان ئېتىقادى، ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۆزى ئۈچۈن كېرەك بولغان ئېتىقادتىن ھالقىپ كەتتى.

ئادەم ئۆزىگە ئىشىنىشى - قايسى تەخلىتتە ئۆزىگە ئىشىنىشى كېرەك ئىدى؟ مىللەت ئالدىدا مەسئۇلىيەت، مىللەت ئالدىدا ئەخلاق، مىللەت ئالدىدا سالاھىيەت تەييارلاش، يەنى مىللەت ئالدىدا ئادەم تەييارلاش، سالاھىيەت بۇ ئادەم دېگەنلىكتۇر. نېمىشقا؟ چۈنكى، مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇچى ئادەم، - بۇ سالاھىيەت دېگەنلىكتۇر. مىللەت ئالدىدا مىللەتنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى بىلىۋېلىپ تەلەپچان زاماننىڭ مۇددىئا - مەقسەتلىرىنىڭ يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈش، - بۇ ئىشەنچنى مەنبەئە قىلغان ھالدا يەنە ئىشەنچ تەييارلاشنىڭ يوللىرى ئىدى.

مىللەتكە ۋەزخانلىق كېرەك ئىدى. مەنىۋىيەتنىڭ ئەدەبىيات شەكلى ئارقىلىق ۋەزخانلىق قىلىش ئۈچۈن بەدىئىي ئەسەرلەردە گۈزەللىك يارىتىشقا توغرا كېلەتتى." گۈزەللىك - ئىختىيارى نەرسە، تەجرىبىلەشكەن مەنىۋى شات - خۇراملىق پەيدا قىلغۇچى سەزگۈ"، - بۇ گۈزەللىك ئىدى. گۈزەللىك ۋە ئۇنىڭ قارشى تەرىپى خۇنۈكلۈك ھەر قانداق ماددى بارلىقنىڭ خاسلىقى ئەمەس بەلكى، ھېسسىياتقا تەئەللۇق يەنە بەلكى، مىللى ھېسسىياتقا تەئەللۇق مۇنازىرىسىز ئالاھىدىلىك ئىدى. مەرھۇم يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر "ئىز"، "ئويغانغان زېمىن" قاتارلىق ئەسەرلىرىدە توقۇنۇشنى - مىللى توقۇنۇشنىڭ تارىخىنى، ئەركىنلىكنىڭ تارىخىنى تەسۋىرلىدى. ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ روھىي ئالىمىگە، يېتمەكچى بولغان نىشانىغا تەئەللۇق بولغان گۈزەللىك - ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. مەرھۇم يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر زاماننىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇپ زاماننى مىللەت ئۈچۈن سۆكتى.

ياۋروپادا زامانلاردىن - زامانلارغىچە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆرەش قىلىش، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدە مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇشنىڭ رومانتىزملىق شەكلى بۇلۇپ ئىپادىلىنىپ كەلگەن بولسا، ئىپادىلىنىشنىڭ سىياسەت تەرەققىياتى ئامېرىكىدا، فرانسىيىدە ئىنقىلاب بىلەن، ئەنگىلىيىدە لىبېرالىزملىق ئىسلاھات بولۇپ ئاياقلاشقان بولسا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەنىۋى سورۇنى - ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە رىيالىزىملىق ئىجادىيەت مېتودى بىلەن جۇشقۇن قەلەم تەۋرەتكەن مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى، 90‏19 - يىللاردا بارىن ئىنقىلابىنىڭ 1997 - يىلى ئىلى قوزغىلىڭى، ئىلى نامايىشىنىڭ نەزەرىيىۋى يېىتەكچى ئىدىيىسىنى ۋە جامائەت پىكرىنى تەييارلىغان يازغۇچى ئىدى. ياتار جايىڭ جەننەت بولسۇن مۇتەپەككۇرىمىز!