يازغۇچى روبېرت سامېلسۇننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئويغىنىشى ھەققىدىكى ماقالىسى

2010‏ - يىلى 2‏ - ئاينىڭ 18‏ - كۈنى "بۈيۈك ئىرا" تور بىتىنىڭ مۇخبىرى تيەن چىڭ "ۋاشىنگتۇن پوچتىسى گېزىتى"دە مەخسۇس سىتون يازغۇچى روبېرت سامېلسۇن ئەپەندىنىڭ 15‏ - كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىنى تەرجىمە قىلىپ تور بىتىگە چاپلىدى.

0:00 / 0:00

مەخسۇس سىتون يازغۈچى سامېلسۇن: يېقىندا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەردىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ سىياسىئونلىرى، سودا - تىجارەت، پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى سەرخىللىرى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا خىتاي كوممۇنىستلىرى توغرىسىدا خاتا ھۆكۈم قىلغان ئىكەن، باياشاتلىققا ئېرىشكەن جۇڭگو، ئەكسىچە خىتاي كوممۇنىستلىرىنى ئۆزۈمچىلىك قىلىشقا، بۇ پارتىيىنى بارلىق سىياسەتلىرىدە ئاۋۋال ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، دۇنيانىڭ تەرتىپلىرىنى ئويلىمايدىغان، پەقەت كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇشىنىلا كۆزلەيدىغان بىر پارتىيىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى دەپ، كۆرسەتتى.

خۇداغا مىڭ شۇكرىلەركى، ئامېرىكىلىقلار ئويغاندى. ئامېرىكىلىقلار جۇڭگونى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە خىتاي كوممۇنىستلىرىنى بۇ قېتىم چۈشىنىپتۇ. كېىچىكىپ قالغان بولسىمۇ بۇ قېتىم چۈشىنىپتۇ.

سابىق پرىېزىدېنت كىلىنتۈن ئەينى چاغدا: "جۇڭگو بىلەن ئاكتىپ ئالاقىدە بولۇش سىياسىتىمۇ ئامېرىكىنىڭ مۆلچەرلىگەن ئۈنۈمىگە ئېرىشەلمىدى... مۇستەبىتلەر بېرلىن تېمى ئۆرۈلگەندەك ئۆرۈلىدىغان ئاقىۋەتتىن ساقلىنىپ قالالمايدۇ" دەپ كۆرسەتكەن. ئەسلىدە سۇنىڭ بېشى لاي ئدى. روزۋېلىت ئەينى چاغدا: "ئۈرۈشتىن كېيىن قۇدرەتلىك، بىرلىككە كەلگەن جۇڭخۋا مىنگونىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ياپونىيە تەسلىم بولغان ۋە ئەنگىلىيە - فرانسىيە - گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى گۇرۇھى ئاسىيا - تىنچ ئوكىيان رايونىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن پەيدا بولغان بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ" دەپ قارىغان. ["ئىتتىپاقداشلا ۋە رەقىپلەر" جۇن گارۋېر. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 494 - بەت] بۈگۈن دۇنياغا خىتايدىن كېلىۋاتقان ئاپەتنىڭ نېگىزى دەل ئە نە شۇ" قۇدرەتلىك، بىرلىككە كەلگەن "جۇڭگو سىياسىتىنىڭ كاساپىتىدىن كېلىۋاتىدۇ.

خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ دۇنيا سودىسىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى، كوپىنھاگېن شەرتنامىسىنىڭ گۇمران بولۇشى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ يادىرو قوراللىرى مەسىلىسى بويىچە ئىرانغا يان باسقانلىقى، شىمالىي كورىيە ۋە تەيۋەنگە ھەربىي قورال - ياراق سېتىپ بېرىش مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر بو يىچە جۇڭگو نىڭ مەيدانى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتكەن مەخسۇس سىتون يازغۇچى سامېلسۇن ئەپەندى: "ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۇنيا توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرى پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدۇ، ئىزدىنىدىغان نىشانىمىز مۇقىملىق، ھەرگىزمۇ ئمىپېرىيە قۇرۇش ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى.

سامېلسۇن، "جۇڭگو دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا" ماۋزۇلۇق كىتابنىڭ مەزمۇنىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: "جۇڭگو بىلەن ئامېرىىكا ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ زور توقونۇشنىڭ يۈز بېرىشىدىن ۋە مىللىي قەدىر - قىممەت توقونۇشىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ" دەپ كۆرسەتكەندىن باشقا، ئامېرىكىدا 19 ئورگان، سودا - تىجارەتچىلەر جەمئيىتىنىڭ پرېزىدېنت ئوباماغا خەت يېزىپ"جۇڭگو يېڭىدىن ئختىرا قىلىش قائىدە - پرىنسىپلىرى بويىچە جۇڭگو بازىرىدا ئامېرىكا شىركەتلىرىنى كەڭ دائىرە بويىچە چەتكە قېقىشى ۋە ئىلغار تېخنىكىنى تاپشۇرۈشقا زورلىشى مۇمكىن" دېگەنلىكىنى ماقالىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.