بىر نەپەر مۇخبىر " لىتۋادىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىر تەكلىپ لايىھىسى سۇنۇپ، دالاي لاما بارلىق تىبەت خەلقىنىڭ ھەقىقىي ۋەكىلى، خىتاي ئالدىنقى ئەسىردە تىبەتكە تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋالغان دېدى. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ " دەپ سورىغاندا باياناتچى جياڭ يۈ مۇنداق دېدى " تىبەت ئىشلىرى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك زور ئىش. بۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى. دالاي لاما بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى زىددىيەت مىللىي مەسىلە ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىمۇ ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك زور ئىش. بۇ مەسىلىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ مەيدانى مۇستەھكەم، بىز سىرتتىن كەلگەن ھەر قانداق بېسىمغا باش ئەگمەيمىز، ھېچقانداق يول قويمايمىز."
ھۆرمەتلىك جياڭ يۈ خانىم! ئىگىلىك ھوقۇق دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ مەنىسى نېمە؟ قاچاندىن باشلاپ يەنە نېمىشقا خىتاي مىللىتى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى تىبەتتە ۋە مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا " ئىگىلىك" ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان بولۇپ قالدى؟ نېمىشقا ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرىستاندا، تىبەتلەر تىبەتتە ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزەلمەيدىغان بولۇپ قالدى؟ بۇ مىللەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزۈش سالاھىيىتىنى، ھوقۇق يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى كىملەر تارتىپ ئالدى؟ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر دېمەكچىمەنكى، تېخى يېقىندىلا دۆلەت قۇرغان، ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن مىللەتلەر ئىدىغۇ؟
ئامېرىكىلىق ئالىم خانىس مورگىن تۇ ئەپەندى " دۆلەتلەر ئارا سىياسەت" ماۋزۇلۇق كىتابىدا " ئىگىلىك ھوقۇق، بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى نېمە؟ قايسى نەرسىلەر ئالاھىدە دۆلەتلەر ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن سىغىشالمايدۇ، قايسى نەرسىلەر سىغىشالايدۇ؟ ھازىرغىچە قالايمىقان پىكىرلەر مەۋجۇت بولۇپ كەلدى" دەپ كۆرسەتكەن. ئىگىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى 16 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تېررىتورىيىلىك مىللىي دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا چىققان كۈندىن باشلانغان يېڭى ھادىسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئېسىڭىزدە بولۇشى كېرەككى، باياناتچى جياڭ يۈ خانىم، سەئىدىيە دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ دەۋىردىكى مىللىي دۆلىتى ئىدى." قانۇن ساھەسىدىكى بىر ئىبارە سۈپىتىدە ئىگىلىك ھوقۇق شۇنداق دەۋىردىكى - نېگىزلىك پاكىت - مەلۇم تېررىتورىيە تەۋەلىكىدە - مەركەزلەشكەن ھوقۇقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك "دەپ كۆرسەتكەن مورگىن تۇ ئەپەندى.
مەيلى تىبەتلەر بولسۇن، مەيلى مۇستەملىكە ئۇيغۇرلار بولسۇن 20 - ئەسىرنىڭ 40 - 50 - يىللىرىدا ئۆزلىرىگە تەئەللۇق تېررىتورىيە ئىچىدە "مەركەزلەشكەن ھوقۇق" نى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقان ئىدى. سىز ئۈچۈن ئېيتقاندا باياناتچى خانىم، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك دېگەن ۋاقتى ئۆتكەن ئىبارىنى تەكرارلاپ ئولتۇرماي، ئىگىلىك ھوقۇقىمىز نەگە كەتتى دەپ ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى نەگە كەتتى ؟،دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىشىڭىز كېرەك ئىدى؛ بۇ توغرىدا ئۇيغۇر، تىبەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىزدىنىشىڭىز كېرەك ئىدى.
دالاي لاما بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى زىددىيەت مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس.... ۋاھاكازا. دېدىڭىز، توغرا دەيسىز. 1998 - يىلى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سابىق پرېزىدېنت كلىنتون بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ سابىق رەئىس جياڭ زېمىن بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە: مېنىڭچە تىبەت مەسىلىسى دىنىي مەسىلە ئەمەس، سىياسى مەسىلە دەپ كۆرسىتىپ دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا جياڭ زېمىنگە ھەيدەكچىلىك قىلغان. قارىغاندا باياناتچى خانىم تىبەت مەسىلىسىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنگەن ئوخشايدۇ.
خانىس مورگىن تۇ ئەپەندى يۇقىرىقى كىتابىدا خۇلاسىلاپ مۇنداق پىكىر قىلغان : 2 - نۇقتىدا ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى ھەم قانۇنلۇق شەرھىلەش مەسىلىسى، ھەم سىياسى ھۆكۈم قىلىش مەسىلىسى؛ 3 - نۇقتىدا مۇبادا مەلۇم تېررىتورىيە ئىچىدە ھوقۇق تەقسىم قىلىش ئەمەلىي ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان ئىكەن، ئۇنداقتا، بۇ تېررىتورىيە ئىچىدە ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ تەۋەلىكى ھەل قىلىنماي ۋاقىتلىق ئېسىلىپ قالغان بولىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.
شۇڭا جانابى باياناتچى خانىم سىز، خىتاينىڭ ئاتالمىش ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئاتالمىش قانۇنىڭىز ئارقىلىق شەرھىلىسىڭىز، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرچۇ؟ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر سىزنىڭ باياناتىڭىزنى، "قانۇن" لىرىڭىزنى سىياسەت ئارقىلىق ئىنكار قىلىپ، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان تېررىتورىيە ئىچىدە ئۆزلىرىگە تەئەللۇق ئىگىلىك ھوقۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ.