'ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يولىنى توسۇۋالغۇچى يولۋاس'

سىنگاپوردا چىقىدىغان "بىرلەشمە سەھەر گېزىتى"دە 2010 - يىلى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى رىن جىڭجىن ئەپەندىنىڭ "ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيىسى ۋە خىتاينىڭ تاقابىل تۇرۇشى" ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2010-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاپتور ماقالىسىدە: "يېڭى يىل باشلىنىش بىلەنلا ئامېرىكا دىپلوماتىيىسى ئۆزگىرىشكە باشلىدى، يولۋاس يىلى كەلمەي تۇرۇپلا تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىشنى قارار قىلىش، دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، پروۋۇت مەسىلىسى، قىسقىسى ئەنئەنىۋى ۋە غەيرى ئەنئەنىۋى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئامېرىكا،جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يولىنى توسۇۋالغۇچى يولۋاس بىر كېچىدە پەيدا بولدى " دەپ كۆرسەتتى.

بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەنگە ھەربى قورال - ياراق سېتىپ بېرىش، "تەيۋەن ئىشلىرى مۇناسىۋەت قانۇنى"غا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە سىر ئەمەس ئىدى. پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشى 1990‏ - يىللاردىن باشلانغان بىر خىل تەرتىپ بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىرى تاشلىۋەتمەي داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان دۆلەت سىياسىتى ئىدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر تەرىپى شۇكى، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى رۇسىيە ئىمپېرىيىسى يىمىرىلىپ 15 دۆلەتكە پارچىلانغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن تاشقى سىياسەتنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىدى. خۇددى ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلغاندا سەددىچىن سېپىلىگە چىقىپ سەيلى - ساياھەت قىلىشى، جۇڭگونىڭ چېگرا پاسىلى مانا مۇشۇ يەردە دېيىشتىن بىشارەت بەرگەندەك بىر ئىش ئىدى. ئامېرىكا دىپلوماتىيىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئالامەتلەر ئەسلىدە ئەنئەنىۋىيلەشكەن ئالامەتلەر بولۇپ، بۇ قېتىم پەقەت بىر يىل كېچىكىپ قالدى خالاس.

ئاپتور داۋاملاشتۇرۇپ: "ئامېرىكا ئەزەلدىن (بەلكى ئەبەدىي) ئۆزىنىڭ مەنپەئەت دائىرىسىنىڭ سىرتىدىن دىپلوماتىك سىياسەت بەلگىلەشنىڭ ئاساسلىرى ۋە سەۋەبلىرىنى ئىزدىگەن ئەمەس. دۇنيادا ھەر قانداق ھازىرقى زامان ئەقلىگە ئىگە بىر دۆلەت، ئۆز ئالدىغا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈنلا، دىپلوماتىك پائالىيەت ئېلىپ بارمايدۇ. تەيۋەنگە ھەربى قورال - ياراق سېتىپ بېرىش، تىبەت مۇستەقىللىقى، "شىنجاڭ" مۇستەقىللىقى، پۇل - مۇئامىلە ئشلىرىنى نازارەت قىلىش، پروۋۇت، تاشقى سودا، كىلىمات ئۆزگىرىشى،ئاتموسفېراغا زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىش قاتارلىق ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە "ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلغۇچى" مەسىلىلەر، ماھىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە تاشلىغان قىلتىقىدۇر" دەپ كۆرسەتتى.

پىكرىمىزگە كېلەيلۇق. خىتاي بولسىلا، ھەتتا تەيۋەندە بولامدۇ، خوڭكۈڭدا بولامدۇ، ھەممىسى ئوخشاش بولامدۇ نېمە؟ بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىش، تىبەت مۇستەقىللىقى، "شىنجاڭ" مۇستەقىللىقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىتى بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟ يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ دائىرىسىگە قويغاندا، پەقەت ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ئەخلاق پرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلا بولسا، ئامېرىكا ئەلۋەتتە شۇنداق رايونلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى توغرىسىدا سىياسەت بەلگىلەيدۇ. مۇبادا تىبەت مۇستەقىللىققا، "شىنجاڭ" مۇستەقىللىققا ئېرىشىدىغان بولسا، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دۆلەت تېررىتورىيىسىگە قوشۇپ ئالمايدۇكى، دۇنيادىكى دۆلەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغان بولسا، يېڭى مۇستەقىل بولغان بۇ دۆلەتلەرگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. تەيۋەنگە كەلسەك، تەيۋەن مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىشى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تەيۋەننى ئامېرىكىنىڭ ئارمىيىسى ئازاد قىلدى.

ئاپتور ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ: "30يىلدىن بېرى ئامېرىكا ئىزچىل ھالدا ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. ئامېرىكا، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايمەن دېسە، ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتى ياخشى بولۇپ كەلدى؛ يامانلاشتۇرىمەن دېسە ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتى سوغاق شامالغا دۇچ كەلدى" دەيدۇ.

ئاپتور بىلمەمدۇكى، 1980 - يىلىدىن كېيىن جۇڭگوغا سودىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى تەقدىم قىلغاندا، ئامېرىكا يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان، بۇ قانداقتۇر نوقۇل ھالدا ئامېرىكا قۇدرەتلىك دۆلەت كۈچىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكى ئەمەس. بەلكى ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەخلاقى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئەخلاقى، بۇ دۆلەتنىڭ سىياسى ئەخلاقى بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن دېسەك توغرا بولىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا، بېرىمەن دېسە جۇڭگوغا بېرەلىگەندەك، ئالىمەن دېسىمۇ جۇڭگودىن ئالالايدۇ.

تولۇق بەت