"2010 - يىلى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى "جۇڭگوغا نەزەر" تور بېتىدە جۇ يۈڭكاڭنىڭ ماقالىسىنى تەھلىل قىلغان ۋۇ پەن ئەپەندى، خىتاينىڭ زىددىيەتلىرىنى مۇنداق تەھلىل قىلدى: "جەمئىيەت بايلىقىنى تەقسىم قىلىشنىڭ تەكشىسىزلىكى، مونوپول قىلغۇچى دەللال بۇرژۇئازىيىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋېلىشى، بايۋەچچىلەر گۇرۇھى، بانكا، پۇل - مۇئامىلە خوجايىنلىرى،" دېدى ۋۇپەن شۇ يەردىلا توختاپ قالدى.
بىزنىڭچە، بۇنىڭ ئەكسىچە بۈگۈن خىتاي جەمئىيىتىدە زىدددىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈرلۈك، ئېغىرلىق ۋەزنى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، خىتاينىڭ بارلىق زىددىيەتلىرى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا، ئۇيغۇر بىلەن خىتاينىڭ دۈشمەنلىك ۋە مۇستەملىكە مۇناسىۋەتلىرىگە يۈكلەندى.
جۇڭگو - بۇ دۆلەتتە ئەخلاق دېسەڭ ئەخلاق يوق، سىياسەت دېسەڭ سىياسەت يوق، قانۇن دېسەڭ قانۇن يوق. يالىڭاچ زوراۋانلىق - ئەخلاقتىن يىراق زوراۋانلىق، سىياسەتتىن يىراق زوراۋانلىق، قانۇن دەستەكلىمىگەن زوراۋانلىق بۇ، يالىڭاچ زوراۋانلىقتۇر.
جۇڭگودا يېڭى تەرەققى قىلغان كاپىتالىزم - ئەبجەش كاپىتالىزم ياكى ئايرىم نەزەرىيىسى يوق، پەقەت خىتايچە فېئودال ئىدىيىلەر، ماركىسچە ماتېرىيالىستىك ئىدىيىلەر، كاپىتالىزمچە مەنپەئەتپەرەسلىك يەنى دىڭ شىياۋپىڭچە فراگماتىزملىق ئدىيىلەر بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن، خۇددى بىدىلىكتىكى سېرىق ئوتتەك بىر - بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن ياكى دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا يالغان بولسىمۇ غايىسى، پىكرى يوق ياكى جۇڭگونىڭ رىياللىقى توغرىسىدا چۈشەنچە، بىلىملىرى يوق بولغان بۇ جەمئىيەت، بۈگۈنكى جۇڭگو - خىتاي جەمئيىتىدۇر.
بۇ جەمئىيەتنىڭ ھۆكۈمران ئىدىيىسى - ئاچ كۆزلۈك بىلەن پايدا - مەنپەئەت قوغلىشىش، ھوقۇققا تايىنىپ مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ئىقتىساد ساھەسىگە يۈرۈش قىلىشى، ئىقتىسادقا تايىنىپ مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە خىتايدا سىياسەتكە تەسىر كۆرسىتىشى، ئاتالمىش قانۇننى مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلىدىغان "قانۇن"غا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى، دۆلەت كۈچى ساقچى، ئارمىيىنى مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان، خىيانەتچى - پارىخورلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان قارا قوللار، قارا جەمئىيەت گۇرۇھلىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش مانا بۇ، بۈگۈنكى جۇڭگو - خىتاي جەمئيىتىدۇر.
تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە پارىخور خىتايلار، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ زىددىيەتلىرىنى ئۇيغۇر بىلەن خىتاينىڭ مىللىي زىددىيەتلىرى ئۈستىگە يۈكلەپ قويۇپ، سەكراتقا چۈشكەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زەئىپلەشكەن ئۆمرىنى ئۇزاتماقچى بولدى. شۇ ئارقىلىق قاقتى - سوقتى قىلىپ تاپقان بايلىقىنىڭ ئۆزىگە تەۋەلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى بولدى.
ھەتتا جۇڭگوغا مەبلەغ سالغان چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ پايدا - زىيان مەنپەئەتلىرىنىمۇ، ئۇيغۇر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، خىتاي پارچىلىنىپ كەتسە سىلەر قىزىقىدىغان بازار، سىلەر جان باقىدىغان خىتاي بازىرى تۈگىشىدۇ، شۇڭا كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا ئازراق سۆزلەڭلار، سىياسەت بەلگىلىگەندە دىققەت قىلىڭلار دېمەكچى بولدى. "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىق" ىدىن كېيىن، سېكرېتار ۋاڭنىڭ 27 دۆلەت ئەلچىلىرىنى ئۈرۈمچىگە يېتىلەپ كەلگەنلىكى دەل شۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.
ئەگەر بىر ئەلدە قانۇن بولىدىغان بولسا، زىددىيەتلەرنى تۆۋەنگە ئىتتىرىش، يۇقىرىغا ئىتتىرىش دەيدىغان گەپ بولاتتىمۇ. بارىن ئىنقىلابىنى، ئىلى ئىنقىلابىنى، ئۈرۈمچى نامايىشىنى باستۇرۇشقا خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چۈشۈرگەن تۇرۇقلۇق، بۈگۈن "زىددىيەتلەر" نى تۆۋەنگە چۈشۈرەمدىكەن؟ زىددىيەتلەرنىڭ يەنە بىر تەرىپى ئۇيغۇرلارنىڭ پىكرىگە مەركىزى ھۆكۈمەت قۇلاق سالمامدىكەن؟ قائىدە شۇكى، سالاپەتلىك مۇستەبىت ئۆزگىرىشكە مەجبۇر بولغاندا، تۇتامى يوق شاللاق مۇستەبىتكە ئايلىنىدۇ خالاس.