جۇڭگو تۆتىنچى قەدەمدە نېمە قىلىشى مۇمكىن؟

كىشىلەرگە مەلۇمكى، جۇڭگونى بۈگۈنكىدەك بايۋەچچە ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان دۆلەت ئامېرىكا ئىدى. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا ياردەم بېرىىشى پۈتۈنلەي ئنسانپەرۋەرلىكنى ئاساس قىلاتتى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاپىتى ئىچىدە قالغان جۇڭگو، تارتقۇلۇقنى تارتىپ لېكىن ئاتتىن چۈشسىمۇ تېخى ئۈزەڭگىدىن چۈشمىگەن جۇڭگو، ياردەم ئىزدەپ تۆت تەرەپكە تەلمۈرۈپ تۇرغاندا پرېزىدېنت نىكسون ياردەم قولىنى ئۇزىتىپ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئامېرىكا 1980 - يىللاردىن باشلاپ جۇڭگوغا سودىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى تەقدىم قىلىپ خىتاينى ھەم سىياسى ھەم ئىقتىسادى ھالاكەتتىن ساقلاپ قالدى.

0:00 / 0:00

سابىق پرېزىدېنت كلىنتون "ئاكتىپ ئالاقىدە بولۇش" جۇڭگو سىياسىتىنى يولغا قويغان بولسا، سابىق پرېزىدېنت بوش "ھەمكارلاشقۇچى، رىقابەتلەشكۈچى" قوشۇمچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا - تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەكىتلەيدىغان جۇڭگو سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشىگە يول تۈزلەپ بەردى.

ئامېرىكىلىقلار جۇڭگونىڭ ئىسلاھات سىياسىتىگە ياردەم بەردى. ئامېرىكىلىقلار جۇڭگونى دۇنيا سودا سىستېمىىسىغا ئېلىپ كىردى. ئەمدىلىكتە جۇڭگو، دىڭ شىياۋپىڭ بەلگىلەپ بەرگەن "ئالدىغا چىقماسلىق" سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، جۇڭگو،ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە قاتتىق مەيدانىنى ئپادىلەشكە باشلىدى. بۇ يىللارنىڭ ئالدى - كەينىدە جۇڭگو ئۆزىنى قالتىس چاغلاشقا باشلىدى. بولۇپمۇ غەرب دۇنياسى ئىقتىسادى قىيىنچىلىق دەۋرىگە كىرىپ قالغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئۆزىنى "كۈچەيدىم" دەپ چاغلاپ غەرب دۈنياسىنى زەيىپلەشتى دەپ چاغلىدى.

خىتاينىڭ خاپىلىقىنى پەيدا قىلغان مەسىلە ئەسلىدە كونا مەسىلە - تەيۋەن مەسىلىسى كونا مەسىلە، تىبەت مەسىلىسى كونا مەسىلە، پەقەت گوگۇل شىركىتى ۋەقەسىلا يېڭى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا - تىجارەت مەسىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مەسىلە سۆز - ئبارە ئەركىنلىكىدىن ئبارەت قىممەت قاراشلىرىغا تەئەللۇق نازۇك مەسىلە سەزگۈر مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە تىبەت مەسىلىسى، تەيۋەن مەسىلىسى 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن بېرى ياكى ئامېرىكا،جۇڭگو ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇنا سىۋەت ئورناتقاندىن بېرى تەكرارلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىرى 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن باشلاپلا تىبەت مەسىلىسى بويىچە ئوخشاش ھەرىكەتنى تەكرارلاپ كەلدى. لېكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى، "قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز" دېگەندىن باشقا ھېچقانداق ھەرىكەتتە بولمىغان. تەيۋەن مەسىلىسى ھەم شۇنداق.

نېمىشقا بۇ قېتىم بۇ ئىككى كونا مەسىلە جۇڭگونى بۇنچىۋالا خاپا قىلىپ قويدى.

2008 - يىلى ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ھارپىسىدا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تىبەتتە قانلىق قىرغىنچىلىق قىلدى، 2009 - يىلى خىتاي دۆلەت بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۈرۈمچىدە قانلىق قىرغىنچىلىقنى يولغا قويدى. بۇ خىتاينىڭ قورقۇپ كەتكەنلىكىمۇ ياكى جەمئيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىپ بۇنىڭدىن چوڭراق ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ ياكى جۇڭگونىڭ ئۇنۋېرىسال دۆلەت كۇچىنى، مىللەتچىلىك ئىدېئولوگىيىسىنى غەرب دۇنياسىغا كۆرسىتىپ قويماقچى بولدىمۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتى 21‏ - ئەسىر خىتاي ئەسىرى بولىدۇ دېگەندەك، ئەگەر جۇڭگو ئىقتىسادى جەھەتتە مۇئەييەن كۈچكە ئىگە بولۇپ داۋاملىق تەرەققى قىلىدىغان بولسا، فاشىست مۇسسولىننىڭ يولىدا مېڭىشى كېرەكمۇ، مەسىلەن، گېتلېر ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدى كەينىدە يەھۇدىلارنى قىرغىن قىلىشقا تەييارلىق قىلغاندەك، جۇڭگو ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ھارپىسىدا تىبەتلەرنى قىرغىن قىلدى. 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىدا گېتلېر يەھۇدىلارنى قىرغىن قىلغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى قانلىق قىرغىن قىلدى. ئەمدىلىكتە دېموكراتىك دۆلەت ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يىرىكلەشتۈردى. جۇڭگو تۆتىنچى قەدەمدە نېمە قىلىشى مۇمكىن؟

بىراق، 2010 - 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ب ب س مۇنداق خەۋەر تارقاتتى: پرېزىدېنت ئوباما، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشقا يېڭى تەيىنلەنگەن ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەندە، جۇڭگو، ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. باياناتچى چىن گاڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئامېرىكىنىڭ دائىمى مۇئاۋىن دۆلەت ئشلار كاتىپى سىتانبېرگ ئەپەندى، ئامېرىكىنىڭ تىبەت مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلىقىنى قايتا شەرھىلىدى. باياناتچى چىن گاڭ، ئۆز ‏ - ئارا ئشىنىش ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى تەكىتلىدى.