بۇ يولدا قانچىلىغان تىبەتلەر يورۇق دۇنيادىن ۋىدالاشتى، قانچىلىغان تىبەتلەر ئورنىدىن دەس تۇردى؟ 3 - ئاي تىپتىنچ ئۆتۈپ كەتتىمۇ؟ ياق ئايرىم جايلاردا تىبەتلەر نامايىش قىلدى، ئايرىم جايلاردا ساقچى پونكىتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى، ھەتتا ئۆزىگە ئوت يېقىپ، خۇۋاڭخې دەرياسىغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈم بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى.
3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنى ئازاد قىلىشنىڭ 50يىللىقىنى خاتىرىلىگەن بولدى، تىبەتلەر كىروپوستونوي قۇللار ئىدى، - بىز ئازاد قىلدۇق، دېدى خىتاي ھۆكۈمىتى. تىبەتلەرنى، تىبەتلەرنىڭ قولىدىن خىتايلار ئازاد قىلىپ قويغان بولسا، بۇ قانداق ئازادلىق؟! خۇددى خىتاي پۇقرالىرىنى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ زۇلمىدىن، خىتاينىڭ كوممۇنىست پارتىيىسى "ئازاد" قىلىپ قويغاندەك، بىر ئىشمۇ، بۇ؟ بۇنداق ئازادلىق خىتاينىڭ تىلى بىلەن تەرىپلىگەندە "سىنىپى ئازادلىق" دەپ ئاتىلاتتى. ئازادلىقنى تىبەتلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەتبىقلىغاندا قائىدە بويىچە مىللى ئازادلىق بولىشى كېرەك ئەمەسمىدى؟ ئۇنداقتا خىتايلارنىڭ تىبەتلەرنى ئازد قىلىپ قويىشى بۇ قانداق ئازادلىق؟
بۇ ئازادلىق ئەمەس. بەلكى، ئەينى چاغدا ھوقۇق تالىشىپ ئۇرۇش ئىچىگە كىرىپ قالغان بىر مىللەتنىڭ ئىككى پارتىيىسىنىڭ مەسىلەن، خىتاينىڭ گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ تىبەتكە مىللى ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنىڭ تارىخى ۋاقتى ئاخىرلىشىپ، تىبەتكە مىللى ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىككىنچى پارتىيىسى - كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تىبەتكە يىتىپ كەلگەنلىكى، تىبەتلەرنى ئازاد قىلغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ؛ بەلكى پوچتا ئاتلىرىنى يەڭگۈشلەش، ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بۇ خىل شەكلىنى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۇخىل شەكلىگە ئالماشتۇرۇش دېگەنلىكتۇر. ئالماشتۇرۇش جەريانىدا پارتىيىلەر ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ، لېكىن مىللى مۇستەملىكىچىلىك ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ.
مىللى ئازادلىق بىلەن سىنىپى ئازادلىق ئۇقۇملىرىنىڭ چەك - چېگرىسىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋېتىپ، تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى، ئازادلىق تەبىرى بىلەن نىقابلاپ، ھەم تىبەت خەلقىنى ھەم پۈتۈن دۇنيانى ئالداپ، كۇچ بىلەن تەييارلىغان پاكىتنى تەن ئېلىشقا كۆندۈرۈپ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تىبەتكە مۇستەملىكە مىللى ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقلىرىنى قانۇنلۇق ھۆكۈمرانلىق، يوللۇق ھۆكۈمرانلىق قىلىش دەرىجىسىگە كۆتۈرمەكچى بولدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 28 - مارت تارقاتقان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي رەھبەرلىكى بىخەتەرلىك تەرتىپلىرى بويىچە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندا ئاۋالقى تەيۋەن، ئاتالمىش شىنجاڭ، تىبەت تەرتىپىلىرىنى يېقىندا، تىبەت، ئاتالمىش شىنجاڭ، تەيۋەن تەرتىپلىرىگە ئۆزگەرتىپتۇ، بۇ نېمە دېگەنلىك، تىبەتلەرنى باستۇرىمىز دېگەنلىكمۇ؟
28 - مارت گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، تىبەت مەسىلىسىگە ئوخشاشلا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئېيتقاندا، دالاي لاما بىلەن قايتا سۆھبەت باشلاش توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدىكى ئىش ئىكەن.