جۇڭگونىڭ قاتتىق پوزىتسىيىسىگە دۇچ كەلگەن ئامېرىكىنىڭ سىياسى ئەربابلىرى: زورلاشتىن باشقا ئۇسۇلنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. ھازىر قارىساق، - دېيىلدى ماقالىدە، - ۋاقىئەلەر تېخىمۇ ئوسال يۈزلىنىشكە تەرەققى قىلمىدى بەلكى ئىككى تەرەپ تۇيۇقسىزلا ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىدىن بوشاپ كېتىشتى.
جۇڭگو پۇل بىرلىكى سىياسىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شا بىن 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خەلق پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى ئۆستۈرۈدىغانلىقى توغرىسىدا سىگنال تارقىتىپ: جۇڭگو ناھايىتى تىزلىك بىلەن پېرېۋوت كۇرسىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك دېدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گەيتنېر 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى: پرېزىدېنت ئوباما ھۆكۈمىتى، خەلق پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە، جۇڭگوغا تولۇق پۇرسەت بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ دەپ كۆرسەتتى.
گەيتنېر، 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگونى پۇلنى كونترول قىلغۇچى دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزۈشنى كېچىكتۈرۈپ قارار قىلىدىغان بولدى دەپ جاكارلىدى.
تەھلىلچىلەر، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو، پۇلنىڭ قىممىتى مەسىلىسىدە سودا قىلىشتى دەيدىغان قىياسلارغا ئوخشىمايدىغان بىر تەرەپ شۇكى،ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى تېلېفوندا سۆزلەشكەن كۈنى، ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسى بويىچە، تۇنجى سۆھبەت ۋەكىلى جېلىل بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتاتتى. جېلىل مۇخبىرغا سۆھبەت بايان قىلغاندا، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، ئىككى تەرەپ بىردەك - ئىراننى جازالاش كۈچتىن قالدى دەپ قارىدى دەپ كۆرسەتتى. باياناتچى چىن گاڭ مۇخبىرنىڭ بۇ توغرىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، جۇڭگونىڭ مەيدانى ئىنتايىن ئېنىق ۋە ئىزچىل دەپ كۆرسەتتى.
"بىرلەشمە سەھەر گېزىتى"دە 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى: "ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىللىپ قېلىشى يالغان ئىللىپ قېلىش " ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە ئامېرىكا، سابىق تەيۋەن كومىتېتىنىڭ رەئىسى دوگلاس پائولنىڭ، 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مۇخبىر كامنا ئارورانىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى بىر - بىرى بىلەن تېخىمۇ يىراقلىشىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، تەيۋەنگە ھەربىي قورال - ياراق سېتىپ بېرىش مەسىلىسى، دالاي لاما مەسىلىسى، سودا سۈركىلىشى، گوگۇل شىركىتى مەسىلىسى، خەلق پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسى قاتارلىق يېڭى مەسىلىلەر ياكى كونا مەسىلىلەرنىڭ تېخىمۇ گەۋدىلىنىشى، ھەممىسى ئەسلىدىنلا مۇستەھكەم ئاساسى بولمىغان ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۇپۇرۇلۇپ كەلدى، دېگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈردى.
دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا بىر - بىرىگە ئېھتىياج چۈشكەندە قىلتىرىقلىق گەپ قىلىشنى توختىتىپ، بىر مەزگىل ئۆتۈپ كەتكەن ھامان كېلەر باسقۇچتا يەنە كىم، كىمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدۇ؟ نۆۋەتتە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى ئامېرىكا، جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە كۆلەڭگە تاشلاپ تۇرغان مەسىلىدۇر. دوگلاس پائول ئېيتقاندەك، ئەسلىدىنلا ئاساسى ئاجىز بولغان ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتى يەنە يېڭى زىددىيەتلەرنىڭ يۇپۇرۇلۇپ كېلىشىگە دۇچار بولۇشى مۇمكىن.