پرېزىدېنت ئوباما نوتۇق سۆزلىگەندە: سابىق سوۋېتلەردە تۇنجى قېتىم ئاتوم بومبىسى ياساشقا قاتناشقان 92 ياشلىق ئاركادىي بېرىشنىڭ "ئىنسانىيەتنىڭ ھامان بىر كۈنى يادرو قوراللىرىغا ئېھتىياجى بولمايدىغان، تىنچلىقتىن، خاتىر جەملىكتىن بەھرىمەن بولىدىغان دۇنيانىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دېگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرۈپ پرېزىدېنت ئوباما "شۇڭا تىنچلىقنى قوغلىشىش، خاتىرجەملىكتىن بەھرىمەن بولۇش، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق، 21 - ئەسىردە دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە پۇقرالارنىڭ بۇرچى بولۇپ قېلىشى لازىم " دەپ كۆرسەتتى. پرېزىدېنت ئوباما يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: "يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى چەكلەش شەرتنامىسى بويىچە ئامېرىكىنىڭ بەرگەن ۋەدىسى ئامېرىكا بۇ دۆلەت بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ ئاساسى. پرىنسىپقا ئەمەل قىلىدىغان دۆلەت ئىنتايىن زور بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ۋە پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ، مەجبۇرىيەتنى رەت قىلغان دۆلەت يېتىم قالىدۇ." بۇ سۆزنىڭ مەنىسىگە ئىزدەنسەك، قىزىم ساڭا ئېيتاي كېلىنىم سەن ئاڭلا دېگەنلىكمۇ، يە ياكى....
4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى جۇڭگونىڭ رەئسى خۇ جىنتاۋ ۋاشىنگتونغا يىتىپ كەلدى. پرېزىدېنت ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ كۆرۈشۈشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. جۇڭگو ئىراننى جازالاشنى قوللامدۇ، قوللىمامدۇ؟ ۋاشىنگتۇنىنىڭ دىپلوماتلىرى جۇڭگو مەلۇم دائىرىدە ئىراننى جازالاشنى قوللىشى مۇمكىن دېيىشتى. يەنە بەزىلەر، جۇڭگو قانچىلىك قوللايدۇ، بىر نېمە دېمەك تەس دېيىشتى. ئەمما بۇلارنىڭ ئەكسىچە، يەنە بەزى كىشىلەر دائىم، ئىران بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئىراننىڭ خام نېفىىتىگە باغلىنىپ قالدى، شۇڭا جۇڭگو ئىراننى جازالاشقا قوشۇلۇشنى خالىمايدۇ، دېيىشىدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە، خىتاينىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، خىتاينىڭ كورىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئوخشاشلا شاھماتتىكى پىچكا بىلەن شاھنىڭ مۇناسىۋىتىدۇر. پاكىستان، ئىران، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئاسىيادىكى ھەمراھ دۆلەتلىرى بۇلۇپ، بۇ دۆلەتلەرنى قوللاش ۋە بۇ دۆلەتلەرگە ھەر خىل ياردەم بېرىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ھەم ئاسىياغا تەھدىت سالالايدۇ ھەم ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىغا تەھدىت سالالايدۇ. يادرو تېخنىكىسىنى ئىران نەدىن ئالدى، كورىيە نەدىن ئالدى، رۇسىيە بەرگەنمۇ ياكى خىتاي بەرگەنمۇ؟ دۇنيا بۇ توغرىدا ھېچقانداق خەۋەر تارقاتقىنى يوق. ئاتوم قازىنى ياساپ بېرىمىز، ئاتوم ئېلېكتىر ئستانسىسى ياساپ بېرىمىز دەيدىغان گەپلەر دۇنيادا ئېقىپلا يۈرۈيدىكەن، خىتاي ئىران بىلەن كورىيەگە نېمە تەييارلاپ بەرگەندۇ ؟!
بۇ قېتىم ۋاشىنگتۇندا پرېزىدېنت ئوباما رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلىۋاتقان 47 دۆلەت قاتناشقان "خەلقئارا يادرو قوراللىرى بىخەتەرلىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى"نىڭ، ئاتوم قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە، ئاتوم قوراللىرى سىناق قىلىشنى توختىتىش جەھەتتە، ئاتوم قوراللىرىدىن ئېشىپ قالغان رادىئاكتىپ ئەخلەتلەرنى ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشاۋاتقان رايونلارغا تۆكمەسلىك جەھەتتە، دۇنيا جامائىتى 47 دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرىنى ئۈمىد قىلىدۇ.