پۇلنىڭ قىممىتى ۋە ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتى

دوۋىي تور بېتىنىڭ "دوۋىي مالىيە بېتى" 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى مۇنداق خەۋەر تارقاتتى: جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى، مەتبۇئاتلارنىڭ سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ جۇڭشەن، خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو دەسلەپكى قەدەمدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى دېگەنلىكى توغرىسىدا تارقاتقان خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلدى. ئامېرىكا، جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسى نازۇك پەيتتە تۇرغانلىقتىن، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ توغرىدا ئىپادە بىلدۈرۈشى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايتتى.

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە خىتاي مەتبۇئاتلىرى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ جۇڭشەن، گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىگە قاتناشقان مەزگىلدە، ئامېرىكا بىلەن كېلىشىش ئارقىلىق، ئامېرىكا، جۇڭگو دەسلەپكى قەدەمدە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، جۇڭگونىڭ تاشقى سودا سىياسىتى مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان بولدى، خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مۇقىملىقنى ساقلايدىغان بولدى، دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما شىنخۇا تورى خەۋەر تارقىتىپ: "مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ توغرىدا تارقاتقان خەۋىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. جۇڭشەن ھېچقاچان مۇنداق دېمىگەن" دەپ كۆرسەتكەن.

يېقىندىن بېرى ئامېرىكا، خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسى توغرىسىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە توختىماي بېسىم ئىشلىتىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنىڭ خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىگە ئارىلىشىشىنى ئۈمىد قىلمايتتى.

4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خۇ جىنتاۋ ۋاشىنگتوندا پرېزىدېنت ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندە: جۇڭگو ئوبوروت تۈزۈمىنىڭ كونكرېت ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ۋەزىيىتىگە، تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ۋە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىغا ئاساسلىنىپ ئەتراپلىق ئويلىشىمىز، بولۇپمۇ، تاشقى بېسىم ئاستىدا بىر تەرەپ قىلمايمىز، دەپ كۆرسەتكەن.

خۇ جىنتاۋ يەنە، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش، ئامېرىكا، جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا سودا تەڭسىزلىكىنى ھەل قىلالمايدۇ، ئامېرىكىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ، سودا - تىجارەتتە كۆرۈلگەن تەتۈر پەرق بويىچە تەدرىجى تەدبىر قوللىنىپ، ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىشنى كۆپەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا - تىجارەت تەڭلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىيىتىمىز يوق، دەپ كۆرسەتكەن.

ئەگەر خۇ جىنتاۋ يۇقۇرىقىدەك سۆزلىگەن بولسا، جاڭ جۇڭشەننىڭ "پۇل قىممىتى مەسىلىسى بويىچە ئامېرىكا، جۇڭگو ئىككى دۆلەت كېلىشىم ھاسىل قىلدى" دېگەنلىكى يالغان بولىدۇ. ياكى "ئىچكى جەھەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ"، خۇ جىنتاۋ شۇ دەرىجىدە چوڭ سۆزلىگەن بولسا، ئەلۋەتتە بۇ ئىش، جۇڭگولۇق پۇقرالارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن شۇنداق چوڭ سۆزلىگەن ئىش بولىدۇ. ئەگەر ھەر ئىككى ئېھتىماللىقنى يوققا چىقارغاندا، خۇ جىنتاۋ شۇ دەرىجىدە كۆرەڭلىك بىلەن چوڭ سۆزلىگەن بولسا، ئامېرىكا، خىتاي ئوتتۇرىسىدا سەزگۈر مەسىلە بولۇپ ئىپادىلىنىۋاتقان خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسى ھازىرغىچە، ھېچ بولمىغاندا بۈگۈنگىچە ئامېرىكا، جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلىنماي ئېسىلىپ قالغان مەسىلە بولۇپ قالىدۇ. لېكىن، خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى ئۆسـتۈرۈشنىڭ تەخىرسىزلىكى بۇنداق ئېسىلىپ قېلىشنى رەت قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ مەسىلە، خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئەتىگە ياكى ئۆگۈنلۈككە قالدۇرۇپ قويغىلى بولمايدىغان مەسىلە بولۇپ، ئامېرىكىدا ئىشسىز قالغانلارغا ئىش تېپىپ بېرىش، دۇنيا ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش، تەتۈر پەرقنى تۈگىتىش، ئامېرىكا، جۇڭگو سودىسىنى، دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى داغدام يولغا ئېلىپ چىقىشتىن ئىبارەت سەزگۈر مەسىلىدۇر.

قايتىپ كېلەيلۇق. ماتېرىياللار ئىسپاتلىدىكى دەپ كۆرىسەتتى دوۋىي مالىيە بېتى، "جۇڭگۇ ئېكسپورت شىركەتلىرىنىڭ پايدىسى ئازغىنا پايدا، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆستۈرۈلگەن ھامان بىر قىسىم ئوتتۇرا - كىچىك كارخانىلار خەلقئارا رىقابەتكە يۈزلىنەلمەيدۇ، ھەتتا بۇ شىركەتلەرگە پۇل قەرز بەرگەن بانكىلارنىمۇ سۆرەپ كېتىدۇ."

ئاپتور گۇڭ شىڭلى "بوشۇن" تور بېتىدە "ئامېرىكا پۇل قىممىتى خەنجىرىنى كۆتۈرۈپ كىمنى قورقۇتماقچى" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، "خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى 2005 - يىلىدىكىدەك كىچىك كۆلەمدە ئۆسـتۈرۈلىدىغان بولسا، (بىر مۇچەن، ئىككى مۇچەن ئەتراپىدا) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىشى مۇمكىن. شۇ ۋاقىتتا خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆستۈرۈلگەندە، سودا تەتۈر پەرقىگىمۇ كۆپ تەسىر كۆرسەتمىگەن ھەم خىتاينىڭ ئىقتىسادىغىمۇ كۆپ تەسىر كۆرسەتمىگەن. بىراق، ئامېرىكا بۇ قېتىم خىتاي پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆسۈش دەرىجىسىنى 5%تىن 15% گىچە مۆلچەرلىدى، بۇ دېگەنلىك خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى نۆۋەتتە 21% ئاساسىدا ئۆستۈرۈلگەندە، ئومۇمى ئۆسۈش دەرىجىسى 30% ئەتراپىدا بولىدۇ دېگەنلىكتۇر دەپ مۆلچەرلەندى " دەپ كۆرسەتتى.

قارىغاندا، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسى بويىچە ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتى تار كوچىدا ئۇچرىشىپ قالىدىغاندەك تۇرامدۇ نېمە؟