خىتايدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مىللەتچىلىك

مېنىڭ بىلىشىمچە، ھازىرقى دۇنيادا مىللەتچىلىكنى سىياسەت ۋە ئىقتىساد ساھەسىدە غالجىرلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چىققان، ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە ۋە قوشنا ئەللەر خەلقلىرىگە مىللەتچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئىككىنچى بىر دۆلەت يوق. ئەگەر بار دېيىلسە، بۇ دۆلەت جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە بۇ دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان سىياسەتۋازلارنىڭ مىللەتچىلىكىدۇر.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2010.04.23
Xu-jintaw-Urumchide-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞﻧﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
news.sina.com.cn دىن ئېلىندى.

مىللەتچىلىك ھازىرقى دۇنيادا ئىلىم ۋە سىياسى سوتسىئولوگىيە ساھەسىدە ئىككى خىل كاتېگورىيە - ئەقلى مىللەتچىلىك ۋە رادىكال مىللەتچىلىك دەيدىغان ئىككى خىل ئۇقۇم شەكلىدە ئىستىمال قىلىنىپ كەلدى.

ئەقلى مىللەتچىلىك - ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، بارلىق مىللەتلەرنى باراۋەر ھوقۇقلۇق ئورۇندا قويۇش، بىر دۆلەت تېررىتورىيىسىدە ھوقۇق تەقسىماتى ۋە ئىستىمال بويۇملىرى تەقسىماتى يەنى دۆلەتنىڭ مىللى دارامىتىنى تەقسىم قىلىش پرىنسىپلىرىنى كونكرېت جارى قىلىش جەھەتلەردە، دۆلەت ھوقۇق شەكلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن يەنى پادىشاھلىق دۆلەتمۇ، دېموكراتىك دۆلەتمۇ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، پاراۋانلىقتىن بارلىق مىللەتلەر تەڭ بەھرىمەن بولۇش پرىنسىپىنى ئاۋۋال قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئاندىن جەمئىيەتتە جارى قىلىش، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلىگەندە، مۇناسىۋەتلىك ئىككىنچى بىر مىللەتنىڭ ھەق - ھوقۇق تەلەپلىرىنى چەتكە قاقماسلىقتىن ئىبارەت ئەقلى مىللەتچىلىكنىڭ ئىپادىلىرى دېموكراتىك ئەللەردە ئومۇمىي مېھرىبانلىق، ئۆز ‏- ئارا كۆيۈنۈش ئاساسىدا بىر جەمئىيەتنىڭ پاراۋانلىقىنى ئورتاق ياراتتى ۋە پاراۋانلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئشقا ئاشۇرۇپ كەلدى.

رادىكال مىللەتچىلىك - ئۆزۈمچىلىك، ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، "ئىرق ئەلاچىلىقى"، " ئېتنىك مىللەت ئەلاچىلىقى"، "ئېتنىك مىللەت مەركەزچىلىكى"، "ھوقۇقلۇق ۋە ھوقۇقسىز مىللەتلەر پەرقى" نەزەرىيە، سىياسەت ساھەسىدە تىلغا ئېلىنماي، نىقابلىنىپ ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلىنىۋاتقان، دۆلەت ھوقۇقىنى يالىڭاچلا مىللەتنىڭ ھوقۇقىغا باراۋەر قىلىۋېلىپ، ئارمىيە ۋە ساقچى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى، دۆلەت ھوقۇقى ۋە پارلامېنت ھوقۇقى، ئاممىۋىيلاشقان ھوقۇق ساھەلىرىدىن، ھوقۇقلۇق نازارەت قىلىش پونكىسسىيىلىرىدىن ئايرىۋېتىپ ئارمىيىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ يات مىللەتلەرنى باستۇرۇش، قانۇننىڭ كۈچىگە ئەمەس، ساقچىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، ئاجىز مىللەتلەرنى باستۇرۇش، ئىچكى قىسىمدا يولغا قويۇلغان مىللەتچىلىكنى تاشقىرىغا قارىتىلغان مىللەتچىلىك بىلەن گارمونىك ھالدا بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىگە ئايلاندۇرۇش، مانا بۇ، سېپى ئۆزىدىن رادىكال مىللەتچىلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.

بۈگۈن خىتاي كوممۇنىستلىرى ھۆكۈمرانلىقىدىكى جۇڭگو، مەسئۇلىيەتسىز خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان جۇڭگودۇر.

2008‏ - يىلى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تىبەتلەرنى باستۇرغان جۇڭگو ھۆكۈمىتى، 2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ، تىبەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمرانى بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا خىتايلارنىڭمۇ قانۇنلۇق ھۆكۈمرانى ئەمەسلىكىنى ھەرىكىتى ئارقىلىق تولۇق ئىسپاتلىدى.

خىتاينىڭ رادىكال مىللەتچىلىرى ئۇيغۇر بىلەن تىبەتلەر ئالدىدا ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇيغۇر، تىبەتلەرگە زوراۋانلىق بىلەن قورال ئىشلىتىش ئارقىلىق جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېگەن بۇ دۆلەتنىڭ مۇستەملىكىچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى رادىكال مىللەتچىلىكنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىپادىلىدى. خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچكى قىسىمدا يولغا قويۇلۇۋاتقان مىللەتچىلىك سىياسىتىنىڭ رادىكال تەركىپلىرىگە مەنبەئە بولغۇچى فېئوداللىق قانداشلىق، فېئوداللىق ئالەم قارىشى، فېئوداللىق كىشىلىك قارىشى، فېئوداللىق مىللەت قارىشى ھېچقانداق بىر زاماندا ئۆزگىرىپ كەتمەي داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

ئەمدى بۈگۈن، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى رادىكال مىللەتچىلىكنى تاشقىرىغا - جۇڭگو بىلەن سودا ۋە سىياسى ئالاقىلەردە بولۇۋاتقان بارلىق دۆلەتلەرگە قاراتقاندا، ئىقتىسادى مىللەتچىلىك بىلەن تاقابىل تۇرىدىغان بىر يولنى تاللاپ ئالدى.

"ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى" 2010 - يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى مۇنداق خەۋەر ئاڭلاتتى: جۇڭگو ئەمەلدارلىرى ئۇزۇندىن بېرى ئاغرىنىپ كېلىۋاتقان چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا كاپالەت بېرىپ: جۇڭگو كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېچىۋىتىلگەن مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ھازىرلاپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئادىل رىقابىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دېگەن. لېكىن "يېقىندىن بېرى ئاز بولمىغان چەتئەل شىركەتلىرى ئاغرىنىپ، جۇڭگودا مەبلەغ سېلىش مۇھىتى بۇرۇنقىغا يېتىشەلمەي قالدى،چەكلەش ۋە توسالغۇ پەيدا قىلىش كۈنسايىن كۆپەيدى، بەزى پۇرسەتلەر ئاۋۋال خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ شىركەتلىرىگە بېرىلىپ، چەتئەل شىركەتلىرىنى رىقابەتلىشىش ئەۋزەللىكىدىن ئايرىۋەتتى، دېيىشتى.

ئارگىنتىنالىق بىر سودىگەر ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا مۇنداق سۆزلەپ بەردى "جۇڭگو چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگودا سودا قىلىشىنى چەكلەيدىغان نۇرغۇنلىغان سىياسەتلەرنى بەلگىلەپ چىقتى ... چەتئەل شىركەتلىرى ئورنىغا جۇڭگو ئۆزىنىڭ شىركەتلىرىنى دەسسەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ ....

نىزامنامىلەرگە، قانۇن، پرىنسىپلىرىغا ئىمزا قويۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن جۇڭگو، ئەمدى بۈگۈن نوقۇل ئىقتىسادى مىللەتچىلىكنى نىزامنامىلارنىڭ ئورنىغا قويغان جۇڭگو بولۇپ قالدىمۇ؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.