ۋاڭ جىن سىتالىننىڭ ھىماتىغا ئېرىشپمۇ، شىڭ شىسەي سىتالىننىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپمۇ، ما جۇڭيىڭ سىتالىننىڭ مەدەت بېرىشىگە ئېرىشپمۇ، دىڭ لىچۈن سىتالىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئېرىشىپمۇ، ھېچقايسىسى مۇستەملىكە ئۇيغۈرىستاندا ئەبەدىي ھوقۇقى باقىۋەندىلىكنى ئىشقا ئاشۇرالىغان ئەمەس. مەسىلەن، لۇڭ شۇجىن مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا ئۇيغۈرلارنى، "نېمە دېگەن تولا خەق، بۇ" "نېمە دېگەن قالاق خەق، بۇ" دەپ، ھاقارەت قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئۇيغۇر ئاھالىسىنى ياقا تەرەپلەرگە تارقاقلاشتۇرۇپمۇ، ھوقۇقى باقىۋەندىلىكنى ئىشقا ئاشۇرالىغان ئەمەس.
ۋاڭ ئېنماۋ ئۈرۈمچىگە ئىككى قېتىم كېلىپ كەتتى. ئۇ، ئۈرۈمچىدە دۆڭكۆرۈكنى قانغا بويىماقچى بولغان ئىدى، ئىشقا ئاشۇرالمىغان. لېكىن يەنە باشقا ۋاڭ ئسىملىك ۋاڭ لېچۈەن دۆڭكۆرۈكنى، ئۈرۈمچىنى ئۇيغۇرنىڭ قېنىغا بويىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ تەقدىر، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ھەر نېمە قىلىپمۇ پۇت تېرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمدى بۇ قېتىم، ۋاڭنىڭ كېتىشى، جاڭنىڭ كېلىشى ئەمەلىيەتتە ھوقۇقى باقىۋەندىلىكنى ئىشقا ئاشۇرغانلىق ھېسابلانمايدۇ. بەلكى، مۇستەملىكە ئۇيغۈرىستاندا، مۇستەھكەم پۇت تېرەپ تۇرالمىغان خىتاي مۇستەملىكە ھۆكۈمەت ئاپاراتىنىڭ، يەرلىك بەگ - دوغىلارنى دائىم دېگۈدەك يەڭگۈشلەپ تۇرىدىغانلىقىنى، ھەر دەۋىرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە يارىشا، ئىنقىلاب بىلەن ئويغىنىپ تۇرغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەملىكىچى مەركىزى ھۆكۈمەتنى، يەرلىك بەگلەرنى يەڭگۈشلەپ تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىپ، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنى داۋاملىق پاراكەندە قىلىدىغانلىقىنى، تاكى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنى ئۇيغۇرىستاندىن قوغلاپ چىقارمىغىچە، خىتاينىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرمىغىچە بىر كۈنمۇ توختىمايدىغانلىقىنى ئسپاتلاپ بەردى.
پاكىت شۇكى، "شىنجاڭ مەسىلىسى" بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا، جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى "شىنجاڭ مەسىلىسى" بولۇپ قالدى.
2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خۇ جىنتاۋ ئىتالىيىدە ئېچىلىدىغان 8 دۆلەت يىغىنىغا قاتنىشىشتىن ۋاز كېچىپ، يىغىننى يېرىم يولدا بىكار قىلىپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇ ئۈرۈمچىگە ئىككى قېتىم بېرىپ، ئۆزىچە يوليۇرۇق بەرگەندەك بولدى، ئاخىرقى قېتىم "شىنجاڭ بەك قورقۇنچلۇق" دەپ خۇلاسە چىقاردى. چۈنكى مىڭ جيەنجۇ، خۇ جىنتاۋلار ئۇيغۈرلارنىڭ ئويغىنىپ كەتكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. بۇ قېتىم خىتاينىڭ 9 كىشىلىك مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ۋاڭنى يۆتكەپ كېتىپ، جاڭنى ئۈرۈمچىگە سېكرېتار بولۇشقا بەلگىلىدى.
"شىنجاڭ" قاچان تىنچ بولىدۇ؟ بەگ ۋە دورغىلارنى ئالماشتۇرۇش سىياسەتنى ئالماشتۇرۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. پەقەت بارلىق ھوقۇق، ئومۇملاشتۇرغاندا سىياسى ھوقۇق، كادىرلار نى بەلگىلەش ھوقۇقى، ئىقتىساد ھوقۇقى، ساقچى تەشكىللەش، ئارمىيە تەشكىللەش ھوقۇقى، سىياسى تاللاش ھوقۇقى، ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلاش ھوقۇقى، قىسقىسى، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندە، "شىنجاڭ" مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستان تىنچلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان بولىدۇ. ھوقۇقنى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا تىنچ يول بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئەگەر بىلسە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسىدۇر.