ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يېڭى خىيالى

2010 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بېيجىڭلىق يازغۇچى يۈ زېيۈەن ئەپەندىنىڭ "جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا تەپەككۇر ئايدىڭلاشتى، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنىڭ ئورنىغا قويۇپ، شىنجاڭنى تەرەققى قىلدۇرماقچى بولدى" دەيدىغان ئۇزۇن ماۋزۇلۇق ماقالىسى "بىرلەشمە سەھەر گېزىتى"دە ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

<
يېڭى تەپەككۇر بويىچە بولغاندا، "شىنجاڭنىڭ ئقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، مىللى زىددىيەتلەرنى ئېرىتىپ، ئۈزۈن مۇددەتكىچە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئشقا ئاشۇرار" ئىمىش. تەپەككۇرنىڭ بۇ خىل شەكلىنى يېڭى تەپەككۇر دېگۈچە، مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى خىيالى دېيىشكەن بولسا، توغرا بولاتتى.

"شىنجاڭ" ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئۇسۇل چارىلىرى نېمە؟ ئىقتىساد ئۆز ئالدىغا تەرەققى قىلىدىغان ھادىسە ئەمەس، ھوقۇق بىلەن قوشۇلۇپ كېلىپ تەرەققى قىلىدىغان ھادىسىدۇر. ھوقۇق تەشكىللەيدۇ، ھوقۇق تەقسىم قىلىدۇ، ھوقۇق پىلانلايدۇ، ھوقۇق ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

ئىقتىساد ھوقۇقتىن ئايرىلىپ تەرەققى قىلالمايدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى يوق.

مۇستەملىكە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت ھالىتىگە دىققەت قىلساق، ئۇيغۇر يېزىلىرىغا دادۈيجاڭ، شاۋدۇيجاڭ بولغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى قوشقاندا، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئوتتۇرا ئەسىر جەمئىيىتىگە ئوخشاشلا قۇللۇق - قۇلدارلىق جەمئىيەت ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان جەمئىيەتتۇر. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىساد قۇرۇلمىسى دېھقانچىلىق. خىتاينىڭ سانائەت تورلىرىغا خام ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن خىتاينىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئەڭ تۆۋەن ئىجتىمائىي سېتىۋېلىش سەۋىيىسىدە تۇرۇپ ئستىمال قىلىش. مانا بۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رىيال ھالىتىدۇر.

"ياردەم" قىلغۇچى خىتايلار بۇ جەمئىيەتنىڭ قايسى تەركىپلىرىگە "ياردەم" قىلىشى مۇمكىن؟ ئۇيغۇرلارغا يىنىك سانائەت، ئېغىر سانائەت تورلىرىنى قۇرۇپ بېرىشى مۇمكىنمۇ؟ ھازىرقى تىل بىلەن ئېيتقاندا، يېزا - بازار كارخانىلىرىنى قۇرۇپ بېرىشى مۇمكىنمۇ؟ مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس.

ھەتتا ئىستىبداتلىق، ئەقىللىق ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىر ئىشنىڭ يولىنى تۇتقان بولسا، خىتاينىڭ قولىدىكى بانكا سىستېمىلىرى ئۇلارغا بانكىدىن ئىناۋەتلىك قەرز بېرىشى مۇمكىنمۇ؟ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا يېزا ئىگىلىكىگە مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇرلارنى بېيىتىشنى، ئۇيغۇرلارغا پاراۋانلىق يارىتىپ بىرىشنى كۆزدە تۇتامدۇ؟ مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس.

خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى پىلانى خىتاي مۇستەملىكە ئاپپاراتىنىڭ ھوقۇق شەكىللىرىنى - ئارمىيە، ساقچى، قوراللىق ساقچى، ئەدىلىيە ئاتالمىش قانۇن، بىڭتۈەن، خىتاي كۆچمەنلىرى يەنى خىتاي مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىنىڭ زاپاس كالونى مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ كۈچەيتىش، ئۇيغۈرلارغا مىللىي ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ شەكلىنى كونا مۇستەملىكىچىلىكنىڭ قۇرۇلمىسى ئىچىدە كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر ئىشلەپچىقىرىش كۇچلىرىنىڭ خام ئەشيا ئىشلەپچىقىرىشىنى، خىتاي سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىياسى، ئىقتىسادى زۇلۇم شە كىللىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇيغۈرلارنىڭ مەنىۋىي سەۋىيىسى، ماددى قېپىنىشنىڭ دەرىجىسىنى ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيىدە تۇتۇپ، ئۇيغۇرنىڭ ئىدىيىۋى ئويغىنىشىنى ئىپتىدائىي بىخ ھالىتىدە تۇنجۇقتۇرۇش، خىتاينىڭ خىيالى بىلەن بىرلەشكەن، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇپ مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈرۈش تەپەككۇرىنىڭ يېڭى دەۋىردە باش كۆتۈرۈشى بولۇپ ھېسابلاندى.

بۇنىڭ ئۈچۈن، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى مۇستەملىكە ئۇيغۈرىستانغا مەبلەغ سالغۇچى خىتاي شىركەتلىرىگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى، ھاۋا يوللىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. قاتناش يوللىرىدىن پايدىلىنىدىغانلار - ھەربىي كالوننا ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى كالوننسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل كۇچتۇر.

بۇ پىلاننىڭ ئالدىنقى قەدىمى ئورنىدا قەشقەر كونا شەھەر چېقىپ تۈزلەندى، غۇلجا شەھەر خەلقى سەھرالارغا قوغلاندى، كورلا شەھىرى خىتايلاشتۇرۇلدى، پىچان، تۇرپان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى بازىسىغا ئايلاندۇرۇلدى. يۇقىرىقى تەرەققى قىلدۇرۇش سىياسەتلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى سېستىمىلىق يوقىتىش، پىلانلىق تۇغۇت، قولغا ئېلىش، ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۈرلارنى سېستىمىلىق يوقىتىش، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، ئۇيغۇر كادىرلىرىنى خىزمەت ئورۇنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش، كۆچمەن خىتايلارنى شەھەرلەشتۈرۈش، ئۇيغۇرلارنى سەھرالاشتۇرۇش بۇ قېتىمقى "شىنجاڭ" خىزمەت يىغىنىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا پىلانى بولۇپ بەلگىلەندى.

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، داۋاملىق ئويغىنىش - داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىش، ئىقتىسادى جەھەتتە قەد كۆتۈرۈش، سىياسى جەھەتتە قەد كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت بىر مىللەتكە ئۇدۇم بولغان كۈرەش شەكىللىرى ئىچىدە ھازىرقى زامانغا خاس بولغان ئۇيغۇرلار نىڭ ئويغىنىشى، ھازىرقى كۈندە "شىنجاڭ" مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى تەپەككۇر شەكلى بولۇپ قالدى.