يالغانچىنىڭ يالغانلىرىغا يالغانچىنىڭ قەۋمى ئىشەنمىسە، باشقا قەۋملەر ئىشەنمەيدۇ. ھازىرغىچە بىلىشىمىزچە، تېخى ئۇيغۈرنى بويسۇندۇرالىغان بىرمۇ خىتاي يوق! ياكى ئۇيغۈرنى بويسۇندۇرالايدىغان بىر خىتاي تېخى ئانىسىدىن تۇغۇلغىنى يوق! گېپىمىز گەپ بولىدىغان بولسا شەرت شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەقەللىسى ئاپتونوم رايون دېگەن قانۇنى بويىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىللىنىشىگە رۇخسەت قىلىپ باقسۇنچۇ؟! ئاپتونوم رايون مەمۇرىيىتى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىم تەشكىللىشىگە رۇخسەت قىلىپ باقسۇنچۇ؟! شۇ ۋاقىتقا يەتكەندە بويسۇندۇرۇش - بويسۇندۇرالماسلىق توغرىسىدا گەپ قىلسا بولىدۇ.
غېنى باتۇرنى كىم بويسۇندۇرۇپ بەردى؟ روسىيىلىك تۆت ئۇرۇس بويسۇندۇرۇپ بەردى يەنى ئۇيغۇرنىڭ مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابىنى مۇنقەرز قىلىپ خىتايغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئەمەسمىدى؟ غېنى باتۇرنى سىتالىننىڭ كۈرۈپ باقماقچى بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان خىتاي يازغۇچى ئۇيغۇرنىڭ باتۇرى غېنى باتۇرنىڭ قانداق باتۇر ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئوخشايدۇ.
ئەگەر خىتاي غېنى باتۇرنى تىللىماقچى بولسا " قولۇڭدىكى قورالنى نېمىشقا تاشلىدىڭ؟كىم سىنى قولۇڭدىكى قورالنى تاشلا دېدى؟ كىم سىنى ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قال دېدى؟ كىم سىنى خىتاينىڭ ئاتالمىش ئازادلىق ئارمىيىسىنى ماناس دەرياسىنىڭ بويىدا قارشى ئال دېدى؟ " دەپ، غېنى باتۇر موسكىۋادا داۋالىنىپ ياتقاندا " سىتالىن، نىيەتلىرىدىن يانسىلا، بىز ئۇيغۇرلار قان كېچىپ كۈرەش قىلدۇق، مۇستەقىللىقىمىزنى نابۇت قىلىۋەتمىسىلە، خىتاي دىڭ لىچۈنگە بەك ئامراق بۇلۇپ كەتتىلە، ئۇنىڭ ئورنىغا ماڭا ئامراق بولسىلا سىتالىن جانابلىرى، بۇ ۋەتەن ئۇيغۇرنىڭ سىتالىن جانابلىرى " دېمىدى دەپ تىللىسا، خىتايلار غېنى باتۇرنى شۇنداق تىللىغان بولسا توغرا تىللىغان بۇلاتتى. مىڭ ئەپسۇس يەنە خىتايلىقىنى قىلىپتۇ، - دە!
غېنى باتۇرنى" بويسۇندۇردى" دېگەن جۈملىدىكى گېنېرال ۋاڭ جىن كىم ئىدى؟ سىتالىن ۋاڭ جىننى ئايروپىلانغا ئولتارغۇزۈپ قارا شەھەرگىچە ئايلاندۇرغان ئىدى. سىتالىن ھەربىي ئاپتوموبىللارنى ئەۋەتىپ خىتاينىڭ ئاتالمىش ئازادلىق ئارمىيىسىنى 1949 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە ئۇيغۇرىستانغا ئېلىپ كىرىپ بولغان. شۇنداق، شۇ ۋاڭ جىن دەسلەپتە ئۇيغۇرىستانغا يېتىپ كەلگەن خىتاينىڭ گېنېرالى ئىدى.
1991 - يىلى شەرقى ياۋرۇپادا ۋە سابىق سوۋېتلەردە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن پەيتلەردە، يەنە شۇ ۋاڭ جىن ئاتالمىش شىنجاڭغا ئەسكەر يۆتكەپ كەلگەن ئىدى. چۇچۇپ كەتكەن جۇڭنەنخەينىڭ بەگلىرى ئولتۇرالمايدىغان كېسەلگە گېرىپتار بولۇپ قېلىپ، ئەسكەر بىلەن قوشۇپ ۋاڭ جىننى ئەڭ خەتەرلىك رايون - ئاتالمىش شىنجاڭغا ئەۋەتكەندە ... دەل شۇ چاغدا 1991 - يىلى8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى گورباچىف قىرىمدا نەزەربەند قىلىندى، شىخەنزىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ۋاڭ جىن قەدەھ كۆتۈرۈپ، "شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى، ئاللا بۇرۇن شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى" دېگەن ئىدى. كىم بىلىدۇ؟ 3 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئەتراپىدا قەشقەردە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان ۋاڭ جىن، گورباچىفنىڭ موسكىۋاغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى، سىياسى ئۆزگىرىش قوزغىغان يانايىفلارنىڭ قولغا ئىېلىنغانلىقىنى ئاڭلىغاندا ئولتۇرغان ساپاغا چىقىرىۋەتكەن ئىكەن. بۇ گەپ پۈتۈن "شىنجاڭ" دا پۇر بۇلۇپ كەتكەن.
قارىغاندا مۇستەبىتنىڭ باتۇرلىقىمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ، قورقۇنچاقلىقىمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ. مېنىڭچە، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋاڭ جىن بىلەن كېيىنكى ۋاقىتتىكى ۋاڭ جىن ئوخشاش ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى چاغدا ئۇيغۈرنىڭ مىللىي ئارمىيىسى تېخى ئۆزگەرتىلمىگەن تۇرسا، ۋاڭ جىن نېمىشقا غېنى باتۇرنى بويسۇندۇرغان بولىدۇ ياكى بويسۇندۇرماقچى بولىدۇ؟