جۇڭگودا ئۆي - ئىمارەت تىجارىتى گۇمران بولامدۇ ؟

خىتاينىڭ نۇرغۇنلىغان قەلەمكەشلىرى، ئىقتىسادشۇناسلىرى، ھەتتا ئىقتىسادشۇناس لاڭ شيەنفىڭ، خې چىڭليەن، جياڭ جادۈن، خۇ شاۋجاڭ قاتارلىقلار جۇڭگودا ئۆي - ئىمارەت تىجارىتى گۇمران بولىدۇ، دەپ ئۇزۇندىن بېرى نۇرغۇنلىغان ماقالىلەرنى يېزىپ كېلىشتى. مەنمۇ خىتاي قەلەمكەشلەر ئىسپاتلاپ چىققان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئومۇميۈزلۈك گۇمران بولۇشتىن ئاۋۋال، جۇڭگودا ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ھالقىسى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان ئۆي - ئىمارەت تىجارىتى ئاۋۋال گۇمران بولىدۇ دېگەن كۆز قاراشقا كەلگەن ۋە شۇنداق مەزمۇندا لېكسىيىلەر سۆزلىگەن ئىدىم. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى داۋاملىق تەرەققى قىلىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

غەلدە - غەش گەپلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك، بىر دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ گۇمران بولۇشى بۈگۈن بىلەن ئەتىنىڭ ئىچىدە يۈز بېرىدىغان ھادىسە ئەمەس. مەسىلەن، بىر دۆلەتتە ئۆي - ئىمارەت تىجارىتى گۇمران بولغان ھامان، باشقا ساھەلەر جۈملىدىن دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى سىستېمىسى، ئېغىر سانائەت سىستېمىسى ۋەھاكازا ساھەلەرمۇ شۇ ھامان گۇمران بولىدۇ دەيدىغان قائىدە يوق. گەرچە ئىقتىسادى بىرلىكنى ئاساس قىلغان ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ، بىر ساھە گۇمران بولغاندا 2 - بىر ساھە نورمال تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ.

يېقىندا دۇنياۋى ئىقتىسادى كىرزىس باشلانغاندا، ئىسلاندىيە دۆلىتى ئىقتىسادى كرىزىسقا پېتىپ قېلىپ گۇمران بولدى،ھۆكۈمەت تەختتىن چۈشتى. ئارقىدىنلا دۇبەينىڭ ئىقتىسادى گۇمران بولدى، بىراق، بىر ئەرەب دۆلىتى دۇبەينى گۇمران بولۇشتىن ساقلاپ قالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن گرېتسىيە مالىيە كرىزىسىغا پېتىپ قېلىپ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئىلتىجا قىلدى. ياۋرۇپا ئىتتىپاقى 11 مىليارد دوللار ئىناۋەتلىك قەرز بېرىشنى قارار قىلدى.

دۇنيا ئىقتىسادى بىر گەۋدىلەشكەن ھازىرقى دۇنيادا ئەگەر بىر دۆلەتتە بىر تال كېسەك چېقىلىپ كەتسە، شۇ ھامان 2 - بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

2010 - يىلى5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى"بۈيۈك ئىرا" تور بېتىدە "جۇڭگودا ئۆي - ئىمارەت تىجارىتى گۇمران بولغاندىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئاقىۋەتلەر" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ۋۇ پەن، ساۋ يەن قاتارلىق نەزىرىيىچىلەر يۇقىرىقى ماقالىدە: جۇڭگودا ئۆي - ئىمارەت تىجارىتى گۇمران بولغاندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىستلىرى بارلىق كرىزىسنى خىتاي پۇقرالىرىغا ئىتتىرىپ قويىدۇ"، "جۇڭگودا ئۆي - ئىمارەت تىجارىتىنىڭ گۇمران بولۇشى ياپونىيە ۋە ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ... جۇڭگو يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەن جەمئىيەت ھالىتىگە كىرىپ قالىدۇ ... سانسىزلىغان ئائىلىلەر ئۆي - ئىمارەت سېتىۋېلىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۈرۈل - كېسىل گۇمران بولىدۇ ..." دەپ ھۆكۈم قىلدى.

ئۇرۇشتىن كېيىن تولۇق ئەسلىگە كېلەلمىگەن سابىق سوۋېتلەرنىڭ ئىقتىسادى 40 يىلدىن كېيىن 1990 - يىلى گۇمران بولدى. ئىمپېرىيە يىمىرىلدى. 1911 - يىلىدىن تاكى 1949 - يىلىغىچە ئىچكى ئۇرۇشتىن، دەسلەپكى 10 يىلدا مىلىتارىستلار ئۇرۇشىدىن، كېيىنكى 28 يىلدا كوممۇنىستلارغا قارشى ئىچكى ئۇرۇشتىن، ياپونغا قارشى ئۇرۇشتىن قۇتۇلالمىغان گومىنداڭ - جياڭ جېشى ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىسادى 1947 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ۋە رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمىدىن ئايرىلىپ قېلىپ بىر كېچىدە گۇمران بولدى. ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلدى.

ئىقتىساد بىر گەۋدىلەشكەن ھازىرقى دۇنيادا، ۋاختانا - ۋاخ يېتىپ كەلگەندە، جۇڭگو ئىقتىسادى كرىزىسقا پېتىپ قالسا،ھەر قانداق بىر دۆلەت جۇڭگو ئىقتىسادىغا ياردەم قىلىپ، ئىقتىسادى بوھراندىن ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. بىراق، جۇڭگو ئىسلاندىيە، دۇبەي ياكى گرېتسىيە ئەمەس. جۇڭگو ئىنتايىن زور دۆلەت. شۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، بۇ دۆلەتكە بىر نەچچە يۈز مىليارد، ھەتتا تېرليۇن دوللار پۇل ياردەم قىلىپمۇ، بۇ دۆلەتنى ئىقتىسادى كرىزىستىن قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. بەلكى دۇنيادا بۇنداق ياردەم بېرەلەيدىغان بىر دۆلەتمۇ يوق. شۇڭا جۇڭگودا ئۆي - ئىمارەت تىجارىتىنىڭ گۇمران بولۇشىدىن ئەنسىرىگەن ساۋ يەن ئەپەندى بىلەن ۋۇ پەن ئەپەندىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ.

كوزا كۈندە چېقىلمايدۇ، كۈنىدە چېقىلىدۇ.