تاڭ قاراڭغۇسىدا 'ياردەم' نامىدا بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش

بۇ يىل 1 - ئايدىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا، خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يالغانچىلىق بىلەن تىكلىگەن قىسمەن خەلقئارا ئوبرازى تامامەن تۆكۈلۈپ بولدى. چەتئەل دۆلەت باشلىقلىرى، شۇنچە جىددىي تەييارلىق قىلىپ، 4 - ئاينىڭ 30‏ - كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن شاڭخەي كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، بۇ كۆرگەزمىگە نەزەر - كۆزىنىمۇ سېلىپ قويمىدى.

0:00 / 0:00

بۇ ئارىلىقتا خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە، ھادىسىلەر قايرىلىپ قېلىپ ماھىيەت ئاشكارىلىنىپ قالدى. يەنە ئامېرىكا تەرەپنىڭ سەمىمىي مۇناسىۋەت قىلىش قائىدىلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتى قوپاللىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن 2008 - يىلى ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ھارپىسىدا تىبەتلەرنى قىرغىن قىلغان خۇ جىنتاۋ، 2009 - يىلى خىتاينىڭ "دۆلەت بايرىمى" ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىپ، " تىبەتلەرنى، ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان دۇنيا، كۆرۈۋال بۇلارنى، بىز ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىمىز " دېگەندەك بولدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە مۇستەبىتلىكىنى ئاشكارىلاپ "ئىناۋىتىنى"، "ئابرويىنى" تۆكۈۋالدى.

ئەمما، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۆزلىرىنىڭمۇ مۇشۇ ئالقاندەك دۇنيادا ياشايدىغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەر بىلەن باردى - كەلدى قىلىدىغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئېلىم - بېرىم قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىدىن باشقا دۆلەتلەرگە ۋە ئۆزىدىن باشقا دۇنياغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىنىۋالمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندە، تىبەتكە "ياردەم" قىلماقچى، مۇستەملىكە ئۇيغۇرغا "ياردەم" قىلماقچى بولدى.

خىتاي، گەرچە بۇ سىياسىتى يالغان بولسىمۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياپ، تىبەت ۋە مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستان رايونىغا مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى.

1 - ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ ئامىل - ھوقۇق. ساختا ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۇيغۇرنىڭ ھوقۇقىنى ئۇيغۇرغا قايتۇرۇپ بېرىشى مۇمكىنمۇ؟

2 - ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىدا ئىككىنچى ھەل قىلغۇچ ئامىل - ھازىرقى زامان ئۇچۇر - ئالاقە سىستېمىلىرىدىن پايدىلىنىپ، مۇستەقىل ئىدىيىۋى - پىكىرلەرنى مۇستەقىل تەرغىپ قىلىش، بىر جەمئىيەتنىڭ ئىجادى، ئىختىرا كۈچىنى قېزىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش. خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بۇخىل ھەل قىلغۇچ ئامىللارغا قانداق پوزىتسىيە تۇتتى؟ قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئورگانلىرى تۈزۈپ چىققان جازالاش تەدبىرىنىڭ 1 - ماددىسىدا: " دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىدىكى، ماقالىلەر ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، ھۆكۈمەت تۈزگەن تارىخ كىتابلارغا زىت مەزمۇندىكى تارىخى ئەسەرلەرنى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغۇچىلار..."غا 15يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى بېرىدىغانلىقى بايان قىلىندى. ھازىرقى كۈندە، ساقچى ئورگانلىرى قانۇن تۈزۈپ ئېلان قىلىدىغان زامان يىتىپ كەلگەندە، خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە پايدىلىق بولسىلا، سۈيئىستىمالچىلىققا پايدىلىق بولسىلا، شۇنىڭ ئۆزى ھەقىقەت بولۇپ تۇرغاندا،مەقسەتنىڭ "شىنجاڭ"نىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش دەيدىغان ۋاستە بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟

3 - ئۇيغۇر ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش. ئەركىن سىياسەت ئارقىلىق قوزغاش، كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ئاكتىپلىقىنى قوزغاش، قانۇنلۇق كاپالەت بېرىش ئارقىلىق ئاكتىپلىقىنى قوزغاش. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، يەر، سۇ، پۇل بىلەن قوزغىلىدۇ. قېنى بۇ نەرسىلەر؟ قولغا ئېلىنغان گۇناھسىز ئۇيغۇرلار، بالىلار ۋە ئاياللارنى، جاي - جايلاردىكى تۈرمىلەردىن جەمئىيەتكە قويۇپ بېرىپ، ئەركىن سىياسەت ئارقىلىق ئاكتىپلىقنى قوزغاشقا بولىدۇ. بۇ ئىشلار قىلىندىمۇ؟ قانۇنى كاپالەت بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشنىڭ ئورنىغا، شېئىر، ھېكايە، رومان يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن كىشىلەرگە 15يىللىق قاماق جازاسى بېرىش بىلەن تەھدىت سېلىپ، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستان ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىتارىزملىق ھاكىمىيەت، ساقچى قانۇن چىقىرىدىغان ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغاندا، مۇستەملىكە جەمئىيەتنى قىيامەت - قايىم بولغان جەمئىيەت دېيىشكە بولمامدىكەن؟

ئۇيغۇرىستاننى ئاۋۋال خىتاينىڭ بىر سەندۇڭ ئۆلكىسى بۇلاڭ - تالاڭ قىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسى تاڭ ئېتىش ئالدىدا بۇلاڭ - تالاڭ قىلىدىغان بولدى. ھەممىمىزگە مەلۇمكى،كىشىلەر ئۇنتۇپ قالمىدىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى 1997 - يىلى 10 - ئايدا، 1998 - يىلى 3 - ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ "ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت ھوقۇقى خەلقئارا ئەھدىنامىسى"گە، "پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى"گە قول قويغان ئىدى.

خەلقئارا جەمئىيەت مەجبۇرلاش باسقۇچىغا كىرگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىمەن دېسىمۇ ئىجرا قىلىدۇ بۇقانۇنلارنى، ئىجرا قىلمايمەن دېسىمۇ ئىجرا قىلىدۇ بۇ قانۇنلارنى.