خۇ جىنتاۋ ئەسلى قانداق تەكلىپ بېرىشى كېرەك ئىدى؟

2010 - يىلى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى موسكۋادا قىزىل مەيداندا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەپ ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلدى. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگىلا مېركېل، خىتاينىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ قاتارلىق باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى، رۇسىيىنىڭ پرېزىدېنتى مېدۋېدېف، باش مىنىستىرى ۋىلادىمىر پوتىن قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن ھەربىي كۆرەك مەيدانىدا بىللە بولدى. قىزىقى ۋە يېڭى خەۋەر شۇ بولدىكى، بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتقا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قىسمەن ئەسكىرى قىسىملىرى قاتناشتۇرۇلدى.

0:00 / 0:00

فاشىزمنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر باشقا چاغلاردا ئەسكىرى قىسىملارنى ئەۋەتىپ، رۇسىيە ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە ھەربىي پاراتقا قاتنىشىدىغان ئىش ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان، بۇ قېتىم ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەسكىرى قىسىملىرى قىزىل مەيداندا ھەربىي پاراتقا قاتناشقاندا، بەلكى تۇنجى قېتىم ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر ياكى ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەسكىرى قىسىملىرى ھەربىي پاراتقا قاتناشقاندا، ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، ناتو موسكۋادا قىزىل مەيداندا ھەربىي پاراتقا قاتناشقان بولىدۇ. تېخى يېقىنغىچە ناتونىڭ شەرققە كېڭىيىشىگە قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان رۇسىيە، نېمىشقا توساتتىنلا ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەسكىرى قىسىملىرىنى موسكۋادا ھەربىي پاراتقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى؟ رۇسىيە بىلەن ناتونىڭ مۇناسىۋەتلىرى تەرەققىياتى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقتىمۇ ياكى ئەسلىدىكى مۇناسىۋەتلەر يېڭىدىن - يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتىمۇ؟

ھەربىي كۆرەككە قاتناشقان خۇ جىنتاۋ، پرېزىدېنت مېدۋېدىفقا تەكلىپ بېرىپ: ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا ئىشلار توغرىسىدا سۆز قىلىش ھوقۇقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەھلىلچىلەر : خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپى، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ نۆۋەتتە خەلقئارا ئىقتىسادى، سىياسى ساھەلەردە بەھرىمەن بولۇۋاتقان ھوقۇقىدىن رازى بولمىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، دېيىشتى.

بىر دۆلەتنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا سۆزلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى،ئۇ دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچى ۋە ئىقتىسادى كۈچىگە باغلىق بولمايدۇ، بەلكى مېنىڭچە، شۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت خاراكتېرى ۋە دۆلەت ئەخلاقىغا باغلىق بولىدۇ، خۇ جىنتاۋ ئەپەندى.

خۇ جىنتاۋ ئەپەندى، پرېزىدېنت مېدۋېدىف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش جەھەتتە 4 نۇقتىلىق تەكلىپ بېرىپ، 3 - نۇقتىسىدا "3 خىل كۈچلەر"گە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ قىزىل مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتقا تەكلىپ قىلىنمىغانلىقى توغرىسىدا ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شاڭگاڭلىق ھەربىي ئىشلار ئوبزورچىسى ما دىڭشىڭ ئەپەندى مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇلارنىڭ ھەممىسى خرىستىئان دىنى دۆلىتى، جۇڭگولۇقلار دىنغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق تەنلىك، جۇڭگولۇقلار بولسا سېرىق تەنلىك. 'سېرىق ئاپەت' توغرىسىدا غەم - غۇسسىلەر ئۇلارنىڭ مېڭىسىدە ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ. شۇڭا رۇسىيىلىكلەر ياكى غەربلىكلەر بولسۇن، جۇڭگولۇقنى 'ئۆزىمىزنىڭكىلەر' دەپ قارىمايدۇ.

خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىمقى موسكۋا سەپىرىدە، پرېزىدېنت مېدۋېدىفقا ۋە ۋىلادىمىر پوتىنغا، يۇقىرىقى 4 نۇقتىلىق تەكلىپنى بەرمەي، ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ يەنى كېيىنكى 10يىلدا رۇسىيىنىڭ غەرب دۇنياسىغا سىڭايان بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ: سابىق سوۋېتلەر ھۆكۈمىتىنىڭ، رۇسىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا 1939 - يىلى تۈزۈلگەن رۇس - گېرمان شەرتنامىسىنى 1989 - يىلى بىكار قىلىپ، بالتىق بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىشىغا زېمىن تەييارلاپ بەرگەنلىكىنى، 1990 - يىللاردا ۋە يېقىندا كاتىن ئورمانلىقى ۋەقەسىنى پاش قىلىپ، ستالىن قەتلى قىلغان 20 مىڭ پولشا ئەسكەرلىرى پاجىئەسىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئەمدى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلە رۇسىيە فېدېراتسىيىسى بىرلىشىپ، 1945 - يىلى ئىمزالىغان "جۇڭگو - سوۋېت شەرتنامىسى"نى ۋە 1950 - يىلى ئىككىنچى قېتىم ئىمزالىغان "جۇڭگو - سوۋېت شەرتنامىسى"نى بىكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋېتەيلى دېگەن بولسا، خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىم پرېزىدېنت مېدۋېدىفقا توغرا تەكلىپ بەرگەن بولاتتى.