ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:
1 - جۇڭگو ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى دىپلوماتىك ئويۇن دەپ قارايدۇ. 2 - جۇڭگودا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، جۇڭگونىڭ ئىچكى مەسىلىسى بولۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەر قانداق ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى، دىپلوماتىك مەسىلە، بۇ توغرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز دەپ، قارىمايدۇ.
ئامېرىكىدا كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلۈش، كونكرېت ئېيتقاندا، ھەر بىر ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى جاكارلانغان كۈندىن باشلاپ باشلانغان ئىدى. بىر دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىككىنچى بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئارىلاشقانلىقى ھەرگىزمۇ بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ھېسابلانمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1999 - يىلى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان 40 دۆلەت يىغىنىدا "كىشىلىك ھوقۇق ئىگىلىك ھوقۇقتىن ئەلا" نەزەرىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ب د ت نىڭ سابىق كاتىپى كوفىى ئاننانمۇ بۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
شۇڭا، ئامېرىكا ھەر يىلى جۇڭگودا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات تەييارلىغاندەك،جۇڭگومۇ ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدا دوكلات تەييارلاشقا تامامەن ھوقۇقلۇق.
غەرب دۇنياسى، سابىق شەرقى ياۋرۇپا سوتسىيالىستىك ئەللىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە ئېلىشقان، ئۇرۇشتىن كېيىن ئۆتۈپ كەتكەن 65 يىللىق سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تارىخىنى، ئىككىلەنمەي كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۆرەش قىلىش تارىخى دېيىشكە بولىدۇ.
يالتا يىغىنىدا شەرقى ياۋرۇپا سابىق سوۋېتلەرگە بېقىندى قىلىپ بېرىلگەن. سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە سابىق سوۋېتلەردە كىشىلىك ھوقۇق قەھرىمانى ساخاروپ ئوتتۇرىغا چىقتى، سابىق سوتسىيالىستىك دۆلەت پولشادا ۋاۋىسا ئوتتۇرىغا چىقتى، سابىق چېخ - سېلوۋاكىيىدە ۋاسلاۋ خاۋېل ئوتتۇرىغا چىقتى، جەنۇبىي ئافرىقىدا ماندېلا ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ كىشىلەر 20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا دۇنيانىڭ سىياسى قىياپىتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى.
بۇ كىشىلەر ئەينى چاغدا ئامېرىكا خەلقىنىڭ ۋە غەرب دۇنياسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى سابىق سوۋېتلەر ۋە باشقا شەرقى ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، يۇقىرىقى پائالىيەتچىلەرنىڭ پائالىيەت ماكانىنى ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداپ قالغان. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە "دىپلوماتىك ئويۇن" بولۇپ قالغان بولسا، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى كۈرەش ئىدى، گاۋ خۇڭمىڭ ئەپەندى.
"جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى نەزەرگە ئىلمايدۇ" ياكى سىز دېگەندەك، "دىپلوماتىك ئويۇن "دەپ قارايدۇ. لېكىن چىڭىغا چىققاندا، ۋاقتى كەلگەندە بۇ "دىپلوماتىك ئويۇن"نىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى جۇڭگو ئوبدان چۈشىنىدۇ.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلار كاتىپى سىتان بېرگ ئەپەندى، 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى مۆلچەرلەپ، يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا،جۇڭگو ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتى ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى"دە مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مەزمۇنلار... كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر دەپ كۆرسەتكەندە، بەزى يادرولۇق مەسىلىلەر جۈملىدىن تەيۋەن بىخەتەرلىكى... جۇڭگو ھۆكۈمىتى دالاي لاما بىلەن بىر جۇڭگو رامكىسى ئىچىدە سۆھبەت قۇرۇشى... تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلىنىدۇ دەپ كۆرسەتتى.
شۇنداق، گاۋ خۇڭمىڭ ئەپەندى، شۇنىڭغا ئىشىنىشىڭىز كېرەككى، سىز ۋە بىز كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇملىرىنىڭ كونا ۋە يېڭى تەبىرلىرىنى ئۆگىنىپ ئەتراپىمىزدىكى رىئال ھادىسىلەرگە باھا بېرىپ ئولتۇرغاندا، ئەپەندىم تەكىتلەيمەن، تارىخ باشقا بىر يول بىلەن مېڭىپ كېلىدۇ.