'ئادەملەرنى قۇتۇلدۇرۇڭلار، بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇڭلار'

1919 - يىلى خىتاينىڭ داڭلىق يازغۇچىسى لۇشۈن "سەۋدايى خاتىرىسى" ماۋزۇلۇق ئەسىرىدە "جۇڭگو جەمئىيىتى ياكى فېئودالىزم ئادەملەرنى يەپ كەتتى. ئادەملەرنى قۇتۇلدۇرۇڭلار!" دەپ توۋلىغان، ئارىدىن تەخمىنەن 60 يىل ئۆتكەندە بېيجىڭلىق يازغۇچى ليۇ شىنۋۇ "سىنىپ مۇدىرى" ماۋزۇلۇق ئەسىرىنى يېزىپ، "جۇڭگو جەمئىيىتى ئوخشاشلا فېئودال سوتسىيالىزم بالىلارنى يەپ كەتتى، بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇڭلار !" دەپ توۋلىدى.

0:00 / 0:00

كوممۇنىستلار، 1950 - يىلىدىن 1980 - يىللارغىچە 30 يىل ئىچىدە "جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭگوغا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى"دەپ توۋلاشتى. بۇنداق توۋلاشنىڭ بىر خىل ئەپسانە، ھەتتا سىياسى ئەپسانىمۇ بولالمىغان ئەپسانە ئىكەنلىكىنى 30 يىللىق پاجىئەلەرنىڭ ئەمەلىيىتى پۈتۈن جۇڭگو پۇقرالىرىغا كۆرسەتتى.

يازغۇچى لۇشۈن، خىتاينىڭ تەبىئىتىنى، خىتاينىڭ خاراكتېرىنى ئوزگەرتىشكە پۈتۈن ئۆمرىنى سەرپ قىلدى، ئۆزگەرتەلمىدى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭگو جەمئىيىتىگە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلمىدى، پەقەت جياڭ جېشىنىڭ ئورنىغا ماۋزېدۇڭنى ئېلىپ كەلدى خالاس. جۇڭگودا يۈز بەرگەن بارلىق ئىنقىلابنىڭ مەقسىتى ھەرگىز جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئەمەس، بەلكى پەقەت ئادەم ئۆلتۈرۈشنى ئىنقىلابنىڭ مەقسىتى قىلىپ كەلگەن. يازغۇچى لۇشۈن بۇ توغرىدا "بىر ئورۇندۇقنى ئورنىدىن يۆتكەش ئۈچۈن جۇڭگودا ھېسابسىز قان تۆكۈلىدۇ، لېكىن ئورۇندۇق يەنىلا ئورنىدىن يۆتكەلمەيدۇ" دەپ كۆرسەتكەن. ھېسابسىز قان تۆكۈلدى، جۇڭگودا يەنىلا ئورۇندۇق ئورنىدىن يۆتكەلمىدى. 1989 - يىلى فېئودال سوتسىيالىزم تيەنئەنمېن مەيدانىدا بالىلارنى يەپ كەتتى. 1990 - يىلى خىتاي فېئودال مۇستەملىكىچىلەر بارىن يېزىسىدا ئۇيغۇر بالىلارنى يەپ كەتتى. 1997 - يىلى غۇلجا شەھرىدە ئۇيغۇر بالىلارنى يەپ كەتتى. 2008‏ - يىلى لخاسادا تىبەتلىك بالىلارنى يەپ كەتتى. 2009 - يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە ئۇيغۇر بالىلارنى يەپ كەتتى....

ئەزەلدىن جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسى زىددىيەتلىرىنى باشقىلارغا ياكى پۈتكۈل جەمئىيەتكە ئىتتىرىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ سىياسى ھاكىمىيىتىنى تەھدىتتىن ساقلاپ قېلىشقا ئادەتلەنگەن خىتاي رەڭۋازلىرى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ زىددىيەتلىرىنى تىبەتلەرنىڭ ئۈستىگە ئىتتىرمەكچى بولۇپ مەغلۇپ بولدى. زىددىيەتلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ زىممىسىگە ئىتتىرىپ قويماقچى بولغاندا، ئوخشاشلا مەغلۇپ بولدى. ئەمدى سەددىچىننىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي، سىياسى زىددىيەتلەر يەنە گەۋدىلىك ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

لۇشۈن ئەپەندى"ئادەملەرنى قۇتۇلدۇرۇڭلار!" دەپ توۋلىغان بولسا، ليۇ شىنۋۇ ئەپەندى "بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇڭلار!" دەپ توۋلىغان بولسا، قۇتۇلدۇرالمىدى. ئاخىرى جۇڭگودا ماۋزېدۇڭ، دىڭ شاۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قۇرۇپ چىققان فېئودال سوتسىيالىزم بالىلارنىمۇ، ئادەملەرنىمۇ يەپ كەتتى.

2010 - يىلى 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بۈيۈك ئىرا تور بېتى مۇنداق خەۋەر قىلدى: بىر يېرىم ئاي ۋاقىت ئىچىدە فۇجيەننىڭ نەنفىڭ شەھىرىدە، گۇئاڭدۇڭنىڭ جېنجياڭ شەھىرىدە، گۇئاڭشىنىڭ لياۋجۇ شەھىرىدە، گۇئاڭشىنىڭ خېفۇ ناھىيىسىدە، جياڭسۇنىڭ تەيشىڭ شەھىرىدە، سەندۇڭنىڭ خۇئەيفاڭ شەھىرىدە، شەنشىنىڭ نەنجېڭ ناھىيىسىدە 80 نەپەردىن ئارتۇق كىچىك بالا - يەسلىدىكى بالىلار، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بالىلار چاناپ ئۆلتۈرۈلدى" دەپ كۆرسەتتى، "شەيئىلەر چەككە يەتكەندە، ئۆزىنىڭ ئەكس تەرىپىگە ئۆزگىرىدۇ..." دەپ يازدى ئاپتور ماقالىسىدە.

خىتاينىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئالاھىدە ئوبزورىدا مۇنداق توۋلىدى: "ساقلاپ تۇرغاندا چىقىش يولى بولمايدۇ... كوممۇنىستلار توغرىسىدا خام - خىيال قىلساڭ، ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيدۇ ... پەقەت ھەرىكەت قوللىنىپ، شىددەتلىك ھەرىكەت قوللىنىپ، ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش بۇ نەتىجىدۇر. جۇڭگو خەلقى، يەنە كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدۇ! ھوقۇقنى خەلقنىڭ قولىغا ئالساقلا، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئۈمىد تۇغۇلىدۇ."

شۇنداق، خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بۇ دەرىجىلىك كەسكىن چاقىرىقىنى ھەرگىز خاتا دېگىلى بولمايدۇ.