ئۇيغۇرلار تەقدىرىنى خەلقئارا سىياسەت تارىخىدىن ئىزدىمەكتە

نۆۈۋەتتە دۇنيانىڭ نۇرغۇن ئەللىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى ۋاشىنگتونغا جەم بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كېلەچىكىنى مۇزاكىرە قىلماقتا. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي مەملىكەت ئىچىدىكى بەزى زىيالىيلار يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان يىغىنلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

0:00 / 0:00

مەملىكەت ئىچىدىكى بەزى زىيالىيلار قۇرۇلتايغا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ قۇرۇلتايدىن كۈتىدىغان ئارزۇ - تىلەكلىرىنى بايان قىلغان.

رادىئومىزنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوبزورچىسى سىدىقھاجى روزى ئەپەندى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەكتۇبى توغرىسىدا ئوبزور ئېلان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.