مۇستەقىللىقمۇ ياكى ئاپتونومىيىمۇ ؟

2009 - يىلى 5 - ئاينىڭ 18‏ - كۈنى ئامېرىكا خەلقئارا دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ زالىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ 3‏ - نۆۋەتلىك ۋەكىلىرىگە قانۇنشۇناسلار لېكسىيە سۆزلىگەندە، ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش توغرىسىدا ئۇيغۈرلارغا تەكلىپ بېرىشتى.

0:00 / 0:00

ئۆتكەن يىلى 4 - ئاينىڭ 18‏ - كۈنى بېرلىندا سىياسىي كۇرس ئېچىلغاندا ئاپتونومىيە مەسىلىسى بۇ دەرىجىدە تەكىتلەنمىگەن ئىدى. ئۇنداقتا، ۋەزىيەت قىستاپ كەلدىمۇ دەپ سوئال قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. سىياسىيغا قىزىققۇچى ئۇيغۇرلار مۇنداق پىكىر قىلىشتى:

1. مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۈرلار كىمدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدۇ؟ ئۇيغۈرلار ئەلمىساقتىن بېرى خىتاي بىلەن بىللە ياشاپ ئەمدىلىكتە زامان ئۆزگەرگەندە، خىتايدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتامدۇ؟ ئەسلا ئۇنداق ئەمەس . ئۇيغۈرلار تارىختا دۆلەت قۇرغان خەلق ئىدى.

2. 1955‏ - يىلى ئۇيغۈرىستاندا قۇرۇلغان ئاتالمىش "شىنجاڭ ئۇيغۈر ئاپتونوم رايونى" ئۇيغۈرلار تەلەپ قىلىپ قۇرۇلغان ئاپتونوم رايون ئەمەس.

3. ئۇيغۈرلار ھېچكىمدىن ھېچنەرسە تەلەپ قىلمىدى. 1944‏ - يىلى ئۇيغۈرلار قوراللىق ئىنقىلاب ئارقىلىق ئىككىنچى قېتىم دۆلەت قۇرۇپ، بۇ دۆلەت 1949‏ - يىلى 10‏ - ئاينىڭ 1‏ - كۈنى خىتاينىڭ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالدى.

4. كىشىلىك ھوقۇق داۋاسى ھامان بىر كۈنى ئاخىرىدا مۇقەررەر سىياسىي داۋاغا ئايلىناتتى. ئامېرىكىدەك دېموكراتىك دۆلەتلەرگە كېلىپ كىشىلىك ھوقۇق داۋاسى قىلىۋاتقان ئۇيغۈرلار پەقەت شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەخلاقى مەسئۇلىيىتىگىلا تايىناتتى. بۇ دۆلەتلەر ۋاقتى كەلگەندە خىتاي دۆلىتى بىلەن ئۇيغۈرلار ئوتتۇرىسىدا خۇددى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆھبىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلغاندەك، ئۇيغۇرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىنى ئوينايتتى.

5. ئۇيغۈرلار مەسىلىسى دېموكراتىك دۆلەتلەر چوقۇم ئارىلىشىدىغان خەلقئارا مەسىلە بولۇپ قالغاندا، ئۇيغۈرلار مەسىلىسى دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە ئالاقىدار مەسىلە بۇلۇپ قالىدۇ. زۆرۈر تېپىلمىسا، ئەخلاقىي ھېسداشلىق، ئەخلاقىي قوللاش دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقىپ كېتەلمەيدۇ.

6. مەسىلە مۇنداق: 1939‏ - يىلى ئىمزالانغان "سۆۋېت - گېرمان شەرتنامىسى" بويىچە سابىق سوۋېتلەر بالتىق بۇيىدىكى 3 دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. بۇ دۆلەتلەر 1991 - يىلى رۇسىيە پارچىلىنىش دەۋرىگە كىرگەندە ئەينى چاغدا قۇرۇلغان دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بىر پاي ئوق ئاتماي نامايىش ئارقىلىق مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. قىزىقى شۇ يەردىكى، ب ب س 2005‏ - يىلى 5‏ - ئاينىڭ 6‏ - كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ 1989‏ - يىلى 5‏ - ئاينىڭ ئالدىنقى ھەپتىسىدە سابىق سۆۋېتلەر ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ: 1939‏ - يىلى ئىمزالانغان "سۆۋېت - گېرمان شەرتنامىسى" سىتالىننىڭ شەخسى ئىشى ئىدى، ھۆكۈمەت ۋە خەلق بىلەن ئالاقىسى يوق ئىش ئىدى دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا تارقاتقان ئىدى. ئۇنداقتا 1945‏ - يىلى موسكۋادا ئىمزالانغان "جۇڭگو - سۆۋېت شەرتنامىسى"، 1950‏ - يىلى موسكۋادا ماۋزىېدۇڭ بىلەن سىتالىن ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان "جۇڭگو - سۆۋېت شەرتنامىسى" كىمنىڭ ئىشى ئىدى؟ سىتالىننىڭ شەخسى ئىشى ئەمەسمىكەن؟

جاڭ رۇڭ ۋە خالىدەي يازغان "ماۋ زېدۇڭ توغرىسىدا بىلىنمىگەن ھېكايىلار" ماۋزۇلۇق كىتابتا 1989‏ - يىلى 5 - ئاينىڭ ئالدىنقى ھەپتىسىدە سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى 1939‏ - يىلى ئىمزالانغان،"سۆۋېت - گېرمان شەرتنامىسى" توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، 10 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى سابىق سوۋېتلەرنىڭ سابىق سېكرىتارى گورباچىفنى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

گورباچىف 1989‏ - يىلى 5‏ - ئاينىڭ 15‏ - كۈنى بېيجىڭغا يىتىپ كەلدى. دەل مۇشۇ پەيتتە، دېموكراتىك خىتاي ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭدا 100 مىڭ كىشىلك نامايىش ئۇيۇشتۇرغان چاغ ئىدى. شۇنداق خەتەرلىك پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى نېمىشقا گورباچىفنى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى؟ شۇ ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى سۆۋېتلەر "سۆۋېت - گېرمان شەرتنامىسى" نى بىكار قىلدى، ئەمدى سۆۋېتلەر "جۇڭگو - سۆۋېت شەرتنامىسى" نى بىكار قىلامدۇ ‏ - يوق دەيدىغان تەھدىتكە دۇچ كەلگەنمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟

دىڭ شىياۋپىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن گورباچىف شۇ چاغدا نېمە توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن؟ بۈگۈنچۇ ؟ ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى خۇددى شۇنداق، ئاپتونومىيىمۇ ياكى مۇستەقىللىقمۇ دەيدىغان ئاچا يولغا دۇچ كەلگەندە، خەلقئارا سىياسەت تارىخىغا بۇلۇپمۇ 2‏ - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر تارىخىغا قانداق مۇراجىئەت قىلىشى كېرەك؟