كوممۇنىزم، سوتسىيالىزم بىلەن نىقابلانغان بولشىۋېكلار ئىمپېرىيىسىنىڭ پارتىيىۋىلىك، دۆلەتچىلىك نامىدا مىللىي ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇش ئاسارىتىدە، بالتىق بويىدىكى 3 دۆلەت پۇقرالىرى ئىشكىتىن چىققاندا، مەھەللىلەردە بىر - بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا، ئۆز - ئارا سالام - سائەتتە بولغاندا "ۋاگۇندا ئۇچرىشىمىز" دېيىشەتتى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى نېمە دېگەنلىك ئىدى؟
ستالىن ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش، 3 دۆلەتكە رۇسىيىلىك كۆچمەنلەرنى كۆچۈرۈپ كېلىش،مىللى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، 3 دۆلەت پۇقرالىرىنى ۋاگون - ۋاگونغا قاچىلاپ يىراق سىبىرىيىگە، ئىچكىرى رۇسىيىگە، يىراق ئوتتۇرا ئاسىياغا يۆتكەپ كەتكەن. بەزىدە تونۇش - بىلىشلەر، بەزىدە دەسلەپتە ئايرىۋېتىلگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى پويىزنىڭ ۋاگۇنلىرىدا ئۇچرىشىپ قالاتتى. ئۆز - ئارا سالاملىشاتتى. سالاملىشىشنىڭ بەلگىسى ھېسابلانغان "ۋاگۇندا ئۇچرىشىمىز" دېگەن ئىبارە، 3 دۆلەت پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدا ئومۇملىشىپ، مۇستەملىكە مىللەت تۇرمۇشىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى، چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.
ئۇيغۇرلار "ۋاگۇندا ئۇچرىشىمىز" دېگەن ئىبارىنى ئۆگەنگەنمۇ؟ 2007 - يىلى 1 مىليون 500 مىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن يۆتكەپ كېتىلدى. 2009 - يىلى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى قەشقەر خەۋەرلەر تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى ئەمگەك كۇچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش خىزمىتىدە، ئىككى قولدا چىڭ تۇتۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرنى يوقىتىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، 2009 - يىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە زور تۈركۈمدە ئەمگەك كۈچىنى سىرتلارغا يۆتكەپ كەتكەن.
قەشقەر ھۆكۈمەت ئاخباراتى 2009 - يىلىنىڭ 1 - پەسلىدە مەزكۇر ۋىلايەت تەۋەسىدىن 200 مىڭ 4 يۈز ئادەمنىڭ سىرتقا يۆتكەپ چىقىپ كېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئاجىز چاغلىغان ئۇيغۇرلار ياكى "ۋاگۇندا ئۇچرىشىمىز " دېيەلمىدى ياكى "غانجۇغاندا ئۇچرىشىمىز" دېيەلمىدى. ياكى "تۈرمىدە ئۇچرىشىمىز " دېيەلمىدى.
200 مىڭ ئادەم ... بىر دۆلەت ئارمىيىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئىنسانلارغۇ - بۇ؟! 200 مىڭ ئادەم تەشكىللىنىپ نامايىش قىلىدىغان بولسا، بۇ سانغا يېقىندا قەشقەر كونا شەھەردىن كۆچۈرۈۋېتىلگەن 250 مىڭ ئادەم قوشۇلىدىغان بولسا جەمئى 450 مىڭ ئادەم قاتار تەشكىللىنىپ نامايىش قىلىدىغان، پەقەت ھاياتلىق ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدىغانلا بولسا، ئاغدۇرۇلمايدىغان پادىشاھلىق، ئاغدۇرۇلمايدىغان مۇستەبىت ھۆكۈمەت بۇلامدۇ؟!
ئازانىيە، لاتۋىيە، ئېستونىيە خەلقلىرى بىرلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ نامايىش قىلىپ 1991 - يىلى تۇنجى بۇلۇپ تارىختا مۇنقەرز بولغان دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ يېڭىدىن مۇستەقىللىق جاكارلىدى. نېمە دېگەن باتۇر خەلق - ھە؟! تارىختا "ۋاگۇندا ئۇچرىشىمىز" دېگەن ئىبارە ئۇلارغا شۇئار بولغان ئىدى. بۇ شۇئار ھەم ئۇلارغا چاقىرىق بولغان ئىدى. مۇستەملىكە تۇرمۇشنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغان مەنىۋىي ۋە ماددى پاكىت بولغان ئىدى.
قائىدە شۇكى، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنى - ئۆزى ئازاد قىلىدۇ، ئاندىن مىللەت ئۆزىنى ئازاد قىلالايدۇ، ئاندىن ھەر بىر ئادەم بىر - بىرىنى ئازاد قىلىدۇ. بۇ قائىدىنى تولۇق چۈشەنگەن ئۇيغۇرلار ئۆز - ئارا "ۋاگۈندا ئۇچرىشىمىز" دېيىشتى. مەن دەيمەن، ۋاگۇندا ئۇچرىشىشتىن ئاۋۋال ئۇيغۇرلار مەھەللە - مەھەللىدە ئۇچراشسا، ھۇررا توۋلاپ ئۇچراشسا، ھەرگىز ۋاگۇندا ئۇچراشمايتى دەپ ئويلايمەن.