قەھرىمانلارنى خاتىرىلەش كۈنى

1865 - يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئامېرىكىدا شىمال - جەنۇب ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان كۈن، ئۇرۇشنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، كۆپەيگەن بىر نەرسە قاتار - قاتار قەبرىلەر ئىدى. بۇ ئۇرۇشتا بىر نەچچە يۈز مىڭ ئامېرىكىلىق ياش ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. قەبرىلەرنى يوقلىغاندا شۇ چاغدا بىر - بىرىگە قارشى ئۇرۇشقان ھەر ئىككى تەرەپ بىرلىكتە يوقلىغان ئىدى. شۇڭا 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئامېرىكىدا خاتىرىلەيدىغان، ئەسلەيدىغان بىر كۈندۇر.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2010.06.01
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا پارتلىغان 1 - جاھان ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئوغۇل - قىزلىرى ئادالەتسىز پارتلىغان بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرغان ۋە پرېزىدېنت ۋىلسۇن خىتابنامىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا يول تۈزلەپ بەرگەن.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە ئامېرىكىغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى، 1941 - يىلى ياپونىيە فېرىلخاربىر ھەربىي پورتىغا ھۇجۇم قىلدى ... ئامېرىكا نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ ياۋرۇپا ئۇرۇشىغا قاتناشتى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش ئاچتى. ئامېرىكىنىڭ سان - ساناقسىز ئوغۇل - قىزلىرى قۇربان بولدى.

ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھاردۇق ئېلىپ ئەمدىلا ئۇھ دەپ تۇرۇشىغا سابىق سوۋېتلەر - ستالىن بىلەن ماۋ زېدۇڭ بىرلىشىپ كورىيە يېرىم ئارىلىغا ئۇرۇش ئوتىنى ياقتى. ئامېرىكا ئارمىيىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارمىيىسىنى تەشكىللەپ، ئۇرۇشقا كىرىپ 38 - پاراللىلغا يېتىپ كەلدى.

شۇ كۈنلەردىن باشلانغان ياكى 1945 - يىلى يالتا سىستېمىسى تۇرغۇزۇلغان كۈندىن باشلاپ، سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا ئامېرىكا، بىر پاي ئوق ئاتماي، ئاتالمىش كوممۇنىزم، سوتسىيالىزم لاگېرىنى ياۋرۇپا خەلقى بىلەن بىرلىكتە يىمىرىپ تاشلاپ شەرقى ياۋرۇپا ئەللىرىنى، ھەتتا رۇسىيە پۇقرالىرىنىمۇ كوممۇنىزمنىڭ تۆمۈر تاپىنىدىن ئازاد قىلدى. بەلكى، ئارىلىقتا ئامېرىكا شىمالىي ۋېتنام كوممۇنىزمىغا قارشى ۋيېتنام ئۇرۇشىغا قاتناشتى.

جۇڭگو، كۇبا، شىمالىي كورىيە سوتسىيالىزم بازىلىرىدىن باشقا، سوتسىيالىزم لاگېرى دۇنيا بويىچە يىمىرىلگەندىن كېيىن،تەسىرلەنگەن ئامېرىكىلىق سىياسەت پەلسەپىچىسى فۇ شەن ئەپەندى. "تارىخنىڭ تۈگۈنى" ماۋزۇلۇق كىتابىنى يېزىپ، دۇنيانىڭ رىئاللىقىغا ھەۋەس ۋە زوق بىلەن نەزەر تاشلىغان ۋە يەنە شۇ دۇنيانىڭ كەلگۈسىدىن چەكسىز ئۈمىدلەنگەن.

ئۈمىدلەر ۋە ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئويلىنىشلار ئۇزاققا بارمايلا، فاشىزم ۋە كوممۇنىزمنىڭ 3 - خىل شەكلى تېررورىزم ئوتتۇرىغا چىقىپ دېموكراتىك دۆلەت ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچى ۋە تاشقى سىياسىتى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت خەلقئارا مۇئەمماغا يۈزلەندى. ئىراق ۋە ئافغانىستاندا تېررورچىلارغا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكىنىڭ يەنە نۇرغۇن ئوغۇل - قىزلىرى قۇربان بولدى.

پرېزىدېنت ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقى سۆزلىگەندە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنى تىلغا ئېلىپ: ئۇلار ئەركىنلىكنى قوغدىغۇچىلار بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلار ۋەكىل بولۇۋاتقان يەنە بىر نەرسە، دۆلەتكە خىزمەت قىلىش روھىدۇر، دەپ كۆرسەتكەن.

بىز بۈگۈن بۇ يەردە جەڭلەردە قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىدىن، بالا - چاقىلىرىدىن، دوست يار - بۇرادەرلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز.

ئامېرىكا ئارمىيىسى ھازىرغىچە سومالىدا، ئافغانىستاندا، بوسىنىيىدە، كوسوۋادا، شەرقى تېمۇردا تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ كەلدى.

بۇ دۇنيادا ۋەھشىيلىك، ئادالەتسىز ئۇرۇش، ئاجىزلارنى قىرغىن قىلىش ھامىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئارزۇلىرىغا قارشى ھالدا مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. مەسىلەن،خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى 2008 - يىلى تىبەتتە، 2009 - يىلى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىق قىلدى، دۇنيانىڭ قەيىرىدە قىرغىنچىلىق ۋە ئادالەتسىزلىك بولىدىكەن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى شۇ يەردە ھازىر بولىدىغانلىقىنى تىبەت خەلقىمۇ، ئۇيغۇر خەلقىمۇ كۆرۈپ يەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.