خىتاي بىلەن رۇس شەرتنامىلىرىدىكى ئۇيغۇرىستان

خىتاي تىلىدىكى بىر تور بېتىدە 17 - ماي كۈنى خىتاي ‏ - سۆۋىت شەرتنامىسى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە ئاپتورى، 1945‏ - يىلى 8‏ - ئاينىڭ 8‏ - كۈنى سابىق سوۋېتلەرنىڭ گېنېرال لىسىموسى سىتالىن ياپونىيىگە ئۇرۇش ئىېلان قىلىپ، 8‏ - ئاينىڭ 14‏ - كۈنى ياپونىيىنىڭ 6 يۈز مىڭ كىشىلىك كانتۇن ئارمىيىسى قورال - ياراغلىرىنى كۆتۈرۈپ سابىق سوۋېتلەرگە تەسلىم بولدى، بۇ ۋاقىتتا خىتاي كوممۇنىستلار ئارمىيىسى شەرقى - شىمالغا يىتىپ كېلىپ، سابىق سوۋېتلەرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق تەربىيىلىنىپ، قوراللىنىپ، گومىنداڭنىڭ دۆلەت ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولدى. بىراق خىتاي كوممۇنىستلار ئارمىيىسى چاڭچۈندە گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ، پۇقرالارنىڭ قېچىپ چىقىپ كېتىشىگە يول قويماي، 200 يۈز مىڭدىن ئۇشۇق پۇقرانىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبكار بۇلۇپ قالغىنىغا قارىماي "بىر تامچە قان تۆكمەي چاڭچۈننى ئازاد قىلدۇق،" دەپ تەرغىپ قىلدى.

0:00 / 0:00

ئۇرۇش مەزگىلىدە سابىق سوۋېتلەر بىلەن خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 1945‏ - يىلى موسكۋادا "جۇڭگو - سوۋېت شەرتنامىسى" نى ئىمزالىغاندىن كېيىن، 1947‏ - يىلى 5‏ - ئاينىڭ 20‏ - كۈنى سابىق سوۋېتلەر ھۆكۈمىتى خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن خاربىن شەھىرىدە"خاربىن شەرتنامىسى"نى ئىمزالىدى. 1948‏ - يىلى يەنە، سابىق سوۋېتلەر ھۆكۈمىتى خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن" موسكۋا كېلىشىمى" ئىمزالىدى:

1. ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە سوۋېت تەرەپ خىتاي كوممۇنىستلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قوللايدۇ.

2. خىتاي تەرەپ، سوۋېتلەرنىڭ شەرقىي شىمالدا قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا قاتناش جەھەتتە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

3. گومىنداڭ ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا خىتاي كوممۇنىستلار ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلىدىغان بولسا، سوۋېتلەر ئارمىيىسى خىتاي كوممۇنىستلار ئارمىيىسى بىلەن مەخپىي ھەمكارلىشىدۇ.

4 . خىتاي كوممۇنىستلىرى،سوۋېتلەر تەرەپنى خىتاي گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاخباراتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

5. شەرقىي شىمالنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پاختا، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى پۈتۈنلەي سوۋېتلەرگە يۆتكىلىشى كېرەك.

6. سوۋېت تەرەپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭدا كۇچ ۋە تەسىرىنى كېڭەيتىشىگە ھەمكارلىشىدۇ.

7. لىياۋنىڭ، ئەندۇڭ قاتارلىق ئالاھىدە ئايرىلغان رايونلاردا شىمالىي كورىيە ئارمىيىسىنىڭ تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

8. خىتاي تېررىتورىيىسىدە كان ئېچىش ھوقۇقى جەھەتتە،ئاۋۋال سوۋېتلەرنىڭ كان ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، خىتاي - سوۋېت بىرلىشىپ باشقۇرىدىغان جۇڭخۋا سودا شېركىتىنى تەشكىللەيدۇ.

9. سوۋېتلەر شەرقىي شىمال ۋە" شىنجاڭ" دا ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا ھوقۇقلۇق.

10. يەنە بىر قېتىم دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاپ قالسا، خىتاي قىزىل ئارمىيىسى، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بىلەن مۆرىنى - مۆرىگە تېرەپ كۆرەش قىلىدۇ. سوۋېتلەر باش قوماندان ئەۋەتىدۇ.

11. خىتاي - سوۋېت بىرلىشىپ ھاۋا ئارمىيىسى قۇرىدۇ.

12. كوممۇنىستلارنىڭ يىراق شەرق ئاخبارات ئورگىنى خىتايدا قۇرۇلىدۇ.

13. ياۋروپادا يەنە بىر قېتىم دۇنيا ئۇرۇشى پارتلايدىغان بولسا، خىتاي كوممۇنىستلىرى 100 مىڭ كىشىلىك يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى ئەۋەتىپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرىدۇ. 1 مىليون كىشىلىك ئەمگەك كۇچى ئەۋەتىپ ھەمكارلىشىدۇ.

سابىق سوۋېتلەر كېلىشىم ئارقىلىق نېمىلەرگە ئېرىشتى؟

1. سوۋېتلەر جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدا كان ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

2. قوراللىق كۇچ بىلەن شەرقىي شىمالنى ۋە" شىنجاڭ" نى تېزگىنلەش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

3. خىتاي تېررىتورىيىسى سوۋېتلەرنىڭ ھەربىي بازىسىغا ئايلاندۇرۇلدى.

4. خىتاي پۇقرالىرى سوۋېتلەر ئۇچۈن جەڭ قىلىپ ئۆلۈپ بەرسە بولىدىغان بولدى.

ئاجايىپ بىر ئىش، 1945‏ - يىلى موسكۋادا "جۇڭگو - سوۋېت شەرتنامىسى" ئىمزالىنىپ پۈتۈلگەن ھۆججەتتە سوۋېت تەرەپ" شىنجاڭ" نىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز" دېگەن تۇرۇقلۇق، بۇ شەرتنامىدا سوۋېتلەرنىڭ" شىنجاڭ" نى ھەربىي كۇچ بىلەن تېزگىنلەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكى نېمە گەپ ئەمدى؟

1945‏ - يىلى 8‏ - ئاينىڭ 14‏ - كۈنى موسكۋادا ئىمزالانغان "جۇڭگو - سوۋېت شەرتنامىسى" 1947‏ - يىلى 5‏ - ئاينىڭ 20‏ - كۈنى خاربىن شەھىرىدە سوۋېتلەر بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان "خاربىن شەرتنامىسى"، 1948‏ - يىلى سوۋېتلەر بىلەن كوممۇنىست خىتايلار ئوتتۇرىسىدا موسكۋادا ئىمزالانغان "موسكۋا كېلىشىمى"، 1950‏ - يىلى 2‏ - ئاينىڭ 14‏ - كۈنى موسكۋادا ستالىن بىلەن ماۋزېدۇڭ ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان "جۇڭگو - سوۋېت شەرتنامىسى" قاتارلىق شەرتنامىلار ئارقىلىق، ئىگىسى بولسىمۇ گەپ قىلالمايدىغان ئۇيغۇرستان روس بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر باغلام قۇرۇق ئوتۇندەك ئۇياققا سېتىلىپ، بۇياققا سېتىلىپ ئاخىرىدا خىتايغا مۇستەملىكە قىلىپ بېرىلدى.