'مەسئۇلىيەتچان رەھبەرلىك قىلىش رولى...'

ئامېرىكا يېقىندا دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيىلىك ھۆججىتى ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت ئوباما "ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى - يەر شارى بويىچە رەھبەرلىك ئورنىنى قوغداش ۋە داۋاملاشتۇرۇش " دەپ ئاتىدى.

0:00 / 0:00

بۇ توغرىدا توختالغان جىڭ يۇڭنيەن ئەپەندى، 2010 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى "بىرلەشمە سەھەر گېزىتى"گە ماقالە يېزىپ، بۇ ئورۇننى قوغداش ۋە داۋاملاشتۇرۇش، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ھېسابلىنىدۇ. بىراق، سابىق پرېزىدېنت بوش، بىر تەرەپلىمە - ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ئىستراتېگىيسىنى ئىشلەتكەن بولسا، پرېزىدېنت ئوباما كۆپ تەرەپلىك ئىستراتېگىيىلىك سىياسەتنى يولغا قويدى دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا يېڭى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن بەلگىلەپ بەرگەنلىكى، ئىستراتېگىيىلىك سىياسەتتە ئەڭ زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. مەسىلەن، "ھۆججەتتە تۇنجى بولۇپ، جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان رەھبەرلىك رولىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم" دەپ چاقىرىق قىلىندى دەپ كۆرسەتتى ئاپتور جىڭ يۇڭنيەن ئەپەندى.

ئاپتور داۋاملاشتۇرۇپ،"يېڭى ئەسىرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىلىرىنى پەقەت ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا ھۆددە ئالالمايدۇ، ئامېرىكا (دۇنيا سىياسى قۇرۇلمىسى) نىڭ ئۈستىدە تۇرۇپتۇ. مەسئۇلىيىتى بار، لېكىن رەھبەرلىك ئورنى يوق بۇ،جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدۇ... ئامېرىكا، جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا ھەمكارلىشىشى كېرەك، ئامېرىكا باشقۇرۇش خاراكتېرلىك قاتلاملاردا جۇڭگوغا خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ماكانى بېرىش كېرەك، بىراق، كۆپ ھالقىلىق مەسىلىلەردە ئامېرىكىنىڭ ئىنكار قىلىش ھوقۇقى بولغانلىقتىن ئامېرىكا، جۇڭگونىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشىمۇ مۇمكىن، قاندۇرماسلىقىمۇ مۇمكىن...جۇڭگوغا كەلسەك، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنى كونكرېت تىزگىنلەيدىغان كۈچى يوق" دەپ كۆرسەتتى.

"مەسئۇلىيەتچان رەھبەر بولۇشى كېرەك" دېگەن بولسۇن دەيلى، جۇڭگو خەلقئارادا نېمىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ؟ جاھان تىنچلىقىغا ھەسسە قوشامدۇ ياكى جاھان تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلامدۇ؟ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم، جۇڭگوچە ماركىسىزم، ئەمدىلىكتە جۇڭگوچە كاپىتالىزم تۈزۈلمىسىدىن ۋاز كېچىپ، دۇنيانىڭ قەدىر - قىممەت قاراشلىرىنى نىشان، ئۆرنەك قىلىپ جۇڭگو جەمئىيىتىنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلامدۇ ياكى تىبەتلەرنى، ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشقا رەھبەرلىك قىلامدۇ؟

ئاپتور جىڭ يۇڭنيەن ئەپەندى، سىز بىلەن بىزنىڭ بىلىپ تۇرغىنىمىز، رەھبەرلىك قىلىش دېگەن بۇ سىياسى ئىبارىنىڭ سۆز مەنىسى، "دۇنياغا رەھبەرلىك قىلىش"نىڭ سىياسى مەنىسى نېمە، جىڭ يۇڭنيەن ئەپەندى؟ بۇ تەرەپ سىز بىلەن ماڭا قاراڭغۇ!

يەنە كېلەيلى، ئامېرىكا ئېلان قىلغان "دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيىلىك ھۆججىتى"دە "جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان رەھبەرلىك قىلىش رولىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم" دەپ چاقىرىق قىلىنىپتۇ. "مەسئۇلىيەتچان" دېگەن ئىبارىنى قانداق چۈشىنەرسىز جىڭ يۇڭ نىيەن ئەپەندى، مېنىڭ قارىشىمچە، جۇڭگو "مەسئۇلىيەتچانلىق " نى ھۆددىگە ئالماقچى بولسا، تىبەت بىلەن ئۇيغۇرنىڭ سىياسى ئورنىنى ئاۋۋال بىر تەرەپ قىلىپ، ئاندىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق جەھەتتە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدىغانلا بولسا بەلكى، "مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق "نىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغان بولاتتى.

نۇرغۇن سەۋەبلەرگە ئاساسلىنىپ ئامېرىكا، جۇڭگونىڭ "مەسئۇلىيەتچان" بولۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، ئاندىن دۇنياغا "مەسئۇلىيەتچانلىق" بىلەن رەھبەرلىك قىلىشقا "چاقىرىق" قىلىۋاتىدۇ. سىلەر كوممۇنىستلار "رەھبەرلىك" دېگەن سىياسىي ئىبارىغىلا قىزىقىپ كەتمەي، ئاۋۋال "مەسئۇلىيەت، مەسئۇلىيەتچانلىق" دەيدىغان ئەخلاق ئىبارىلىرىغا قىزىقىدىغان بولساڭلار، خىتايچە كۆرەڭلىكنىڭ ئارتۇقچە بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولاتتىڭلار!