زوراۋانلىق ئالدىدا نېمە قىلىش كېرەك

بۈگۈنكى دۇنيادا خىتاي بەشىرىسىنىڭ ئاشكارا بولمىغان يەنە قانداق تەرەپلىرى قالدى؟ خىتاينىڭ ھامان خىتاي ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ تاجاۋۇزچى ئىكەنلىكى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا قانۇنسىز كۆچۈپ كىرگەنلىكى، خىتاينىڭ چۈشەنچىلىرىدە دۆلەت ئۇقۇمىنىڭ قانۇندىن يىراق ئۇقۇم ئىكەنلىكى، ھەممە‏ - ھەممىسى ئاشكارىلىنىپ بولدى.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ يالغان - ياۋىداقلىرىغا، خىتاينىڭ ئالدامچىلىقلىرىغا، خىتاينىڭ پوپوزىلىرىغا، خىتاينىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىق شوئارلىرىغا، خىتاينىڭ كەلگۈسى تەسەۋۇرلىرىغا ئىشىنىدىغان ئادەم قالمىدى، بولۇپمۇ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا خىتاينىڭ بارلىق ھىلە - نەيرەڭلىرىگە ئىشىنىدىغان بىر ئۇيغۇر قالمىدى.

خىتاي بەشىرىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىمۇ بارغانسېرى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. مەسىلەن: خىتاينىڭ ھەربىي كۈچ، ساقچى كۈچى ئارقىلىق زوراۋانلىق قىلىشى يالىڭاچ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.يالىڭاچ دېگەندە بۇنداق زوراۋانلىق يا سىياسەت بىلەن نىقابلانمىدى ياكى ئاتالمىش قانۇن بىلەن نىقابلانمىدى. بۈگۈن خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى، ساقچى كۈچى بىۋاستە ئۇيغۇرلارغا قارشى قويۇلدى، تۈنۈگۈن تىبەتلەرگە شۇنداق قارشى قويۇلغان ئىدى. 23‏ - مارت خوتەندە نامايىش قىلغان خانىم - قىزلارنى، قارىقاش ناھىيىسىدە نامايىش قىلغان ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنى باستۇرغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، ئەمدى بۈگۈن 6‏ - ئاينىڭ باشلىرىدا قورغاس ناھىيىسىدە "ئولىمپىكنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپ ئېلىش" ھەرىكىتى قوزغاپ گۇناھسىز شۇنداقلا كۈچسىز ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىشقا باشلىدى. بىر ئائىلىدىن ئاتا - ئانا ئۈچ نەپەر پەرزەنتنى بىراقلا قولغا ئالدى. يېزىدىكى ئادەملەر بۇ ئائىلىگە ئۇۋال بولدى دېدى، دەپ ئاڭلاتتى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى.

قورغاس ناھىيىسىنىڭ ياشلىرى زوراۋانلىققا بۇ قېتىم زوراۋانلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى. 3‏ - ئايدا تىبەتلەر زوراۋانلىققا زوراۋانلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن ئىدى، تىبەتلەرنى زوراۋانلىق قىلىشقا كىم مەجبۇر قىلدى ؟ ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلار قورغاس ناھىيىسىدە خىتاينىڭ ساقچى ئىدارىسىغا زوراۋانلىق ئىشلەتتى، ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىق قىلىشقا كىم مەجبۇر قىلدى؟

ئوخشاشلا تىبەتنى، ئۇيغۇرىستاننى مۇستەملىكە قىلغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى مەجبۇرلىغان بولمامدۇ؟! ھەي! ساخاۋەتلىك دۇنيا! گۇناھسىز ئادەمگە قوراللىق ھەيۋە قىلىپ ياكى ساقچى كۈچى ئارقىلىق ھەيۋە قىلىپ كەلگەندە، بۇ گۇناھسىز ئادەملەر نېمە قىلىشى كېرەك؟ قولىنى قوشتۇرۇپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرۇشى كېرەكمۇ؟ چىش ‏ - تىرنىقىغىچە قوراللانغان ھۆكۈمران مىللەت مۇستەملىكە مىللەتنىڭ نورمال ياكى بىنورمال ھاياتىغا تەھدىت سېلىپ كەلگەندە، بۇ مىللەت قولىنى قوشتۇرۇپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرۇشى كېرەكمۇ ؟ دۇنيادا ھەر قانداق دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىغا ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى دېگەن بىر ماددا كىرگۈزۈلگەن ئەمەسمىدى ؟

ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، " بۇ يەردە سىياسەتمۇ يوق، بۇ يەردە قانۇنمۇ يوق، بۇ يەردە تەرتىپمۇ يوق، پەقەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يالىڭاچ باشقۇرۇشىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى زوراۋانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشى يوللۇقتۇر. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆزىنى قوغداش يوللۇقتۇر،" دېيىشتى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە.

مۇستەملىكە تۇرمۇشتا ھەر قانداق ئادەم ياكى ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆزىنىڭ جېنىنى خىتاينىڭ ئىختىيارى بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بىرەلمەيدىغۇ ؟ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت " خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى تەپ - تارتماي باستۇرۇپ، قولغا ئېلىنغانلارنى قىينىدى، ئازابلىدى. سەۋرى ‏ - تاقەتنىڭ چېكى بار ئىدى، نۆۋەتتە مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستان ياشلىرى قورغاس ناھىيە سەنگۇڭ ساقچىخانىسىغا تاش ۋە يانىدىغان بوتۇلكا ئېتىپ ھۇجۇم قىلدى، دائىرىلەر كەڭ كۆلەمدە قولغا ئېلىشنى باشلىۋەتتى" دەپ كۆرسەتتى. باياناتچى خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇراجىئەت قىلىپ؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ھەقىقەتنى قەيەردىن ئىزدەيمىز؟ بىلگەن ئادەمگە ھەقىقەت ھەر - بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا بولىدۇ. ھەقىقەت ھەر - بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا بولىدۇ. بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەبىئىي ھەقىقەت بولسا،تەبىئىي مەۋجۇتلۇق قوراللىق زوراۋانلىققا ۋە ئۆلتۈرۈش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەندە، شۇ مىللەت ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاستىنى ئىشقا سېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەجبۇرلانغان ۋە ئالاھىدە ھەرىكەت قىلىش زۆرۈر بولغان مەجبۇرىيەت ئالدىدا ئىدىيىدىكى ھەقىقەتلەر شۇ ھامان ھەرىكەتتىكى ھەقىقەت بولۇپ قالىدۇ.

ئەينى چاغدا، غەنى باتۇر گومىنداڭنىڭ نىلقا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا بىر تال ئوۋ مىلتىقى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ساقچى ئىدارىسىنى تىرە - پېرەڭ قىلىۋەتكەن خەۋەر غۇلجا شەھىرىگە يىتىپ كەلگەندە، پۈتۈن شەھەر خەلقى قوزغىلىپ كەتكەن ئىدى. بۈگۈن خىتاينىڭ چىش - تىرنىقىغىچە قوراللانغان ساقچى قىسىملىرى يوقىلاڭ تۆھمەتلەرنى ئاساس قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ئۇيغۇرلارغا تاقابىل تۇرماقتا. خىتاينىڭ كۆچمەنلەر ھاكىمىيىتى شۇنى بىلىپ قېلىشى كېرەككى؛ مىلتىق ياكى ئاپتومات مىللەت ئايرىمايدۇ، ئىرق ئايرىمايدۇ، مېنىڭچە خىتاينىڭ ساقچى قىسىملىرى ھە دېگەندە ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىپ باستۇرماي، ياخشىسى دىئالوگ ۋە سۆھبەتنى چاقىرىق قىلىۋاتقان دۇنيانىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىپ ئۆزىنى تۇتۇپ ئالغىنى تۈزۈك.