شىنخۇاشې ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالىي سوتنىڭ مەخسۇس ۋەكىلى جۇ زىمىن قەشقەرگە كېلىپ تەقدىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ئىمىش. قەشقەردە ئوتتۇرا سوت " مۇقىملىقنى قوغداشتا خىزمەت كۆرسىتىپ" ئاتالمىش "3خىل كۈچلەر " گە زەربە بېرىشنى چىڭ تۇتقان ئىمىش. شۇڭا قەشقەر ئوتتۇرا سوتنىڭ قاسقان شەپكىلىك قاسساپلىرى خىتاي ئالىي سوتىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىمىش.
قەشقەر ئوتتۇرا سوتى نېمە ئىشلارنى قىلدى؟ خىتاينىڭ نەزىرىدە ئاتالمىش 3خىل كۈچلەرگە زەربە بەردى. گۇناھسىز ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بەردى، گۇناھسىز ئۇيغۇرلارغا مۇددەتلىك، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى. گۇناھسىز ئۇيغۈرلارنى قولغا ئالدى، گۇناھسىز ئۇيغۈرلارنى تەقىب قىلدى، ئائىلە،جەمەتىنى خانۇ - ۋەيران قىلدى. خىتاي تىلىدىكى 3خىل كۈچلەر ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرى ئىدى. زامان ئىچىدە ئويغانغان بۇ كىشىلەر، ئويغىنىۋاتقان، ئويغىنىدىغان بۇ كىشىلەر ئۇيغۇرنىڭ مىللىي دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن ياكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىقىنى شۇ يولغا، ۋەتىنىگە ئاتىۋەتكەن، بارلىقىنى دىنىي ئېتىقادىغا تەقدىم قىلغان ۋەتەننىڭ ئوغۇل - قىزلىرى ئىدى. ئۇلار 3 خىل كۇچلا ئەمەس، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەن،سەپەرۋەر قىلىنغان، مەقسەتلىك ئاڭ تەييارلىغان ئاڭلىق قوشۇنى ئىدى.
سەۋرى - تاقەتنىڭ چېكى بارمۇ - يوق قەشقەر خەلقى! قەشقەر كونا شەھەر چېقىلىۋاتىدۇ، شى داگاڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قەشقەردە، بەشكىرەمدە پىشمىغان بۇغدايغا ئوغاق سالدى.
ۋاڭ لېچۇەن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ كۇچا ناھىيىسىدە ۋە مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پىشمىغان بۇغدايغا ئوغاق سېلىشقا مەجبۇرلىدى. مەقسىتى نېمە خىتاينىڭ؟ جەنۇبىي ئۇيغۇرىستان ئۇيغۇرلىرى نېمە يەيدۇ؟ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئە كۆرىمىز دېگەننى باھانە قىلىپ، يېزا - قىشلاقتا دېھقاننىڭ ئۆيلىرىنى چېقىپ تاشلىدى. مەقسىتى نېمىدۇر خىتاينىڭ؟!
خەلقئارا جەمئىيەت كۆپ قېتىم سىياسى مەيدانىنى بىلدۈرگەن، ئادەم ئەتكەسچىلىكى دەپ جىنايەت بېكىتكەن تۇرۇقلۇق، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇر ياشلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى قەشقەردىن داۋاملىق ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەپ كەتتى. قەشقەرنىڭ يەكەن ۋىلايىتىدە مەمەتتۇرسۇن تاش ئەپەندى، ساقچىخانىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى. بىر ياشلىق بالىسى يېتىم قالدى.
بۇ جاھاننىڭ ئىگىسى كىم؟ ئۇيغۇرۇم! ئويلايمەن. پۈتۈن مىللەت قوزغىلىپ كەتسە بۇ جاھاننىڭ ئىگىسى ئۇيغۇر بولۇپ قالاتتى. غۇلجا شەھىرىنىڭ تاش كۆۋرۈك يېزىسىدا ئۆز - ئارا بىر پىيالە چاي ئىچشكەن 30 نەپەر ئايالنى قولغا ئېلىپ جەرىمانە ئېلىپ قويۇپ بەردى. ئۇلارنىڭ گۇناھى نېمە؟ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستان يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئايلاندۇرۇلدى، مۇستەملىكە ئۇيغۈرىستان جازا لاگېرىغا ئايلاندۇرۇلدى، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستان تاغاردىن تېزەك تۆككەندەك خىتاي كۆچمەنلىرىنى تۆكۈپ باقىدىغان يايلاققا ئايلاندۇرۇلدى.
قەشقەر ئوتتۇرا سوت مۇكاپاتلاندى، ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكى، ئۇيغۇرغا زەربە بەرگەنكى، ئۇيغۇرنى ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن قەشقەر ئوتتۇرا سوت مۇكاپاتلاندى.
گىتلېر يىغىۋېلىش لاگىرىدا يەھۇدىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان قىيناش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ، بەلكى ئۆلۈمدىنمۇ دەھشەتلىك ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ مۇئامىلە قىلاتتى. خىتاي ئۇيغۇرغا مۇئامىلە قىلىشنىڭ دەھشەتلىك ئۇسۇللىرىنى گىتلېردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى. ئەمما يەھۇدىلار زاماننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە خەلقئارا ياردەمگە ئېرىشكەن. گېتلېر ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن، خورلىغان ئوفتىسېر، سولداتلىرىنى مۇكاپاتلىغان بولسا، خىتاينىڭ ئالىي سوتى ئۇيغۈرلارنى ئۆلتۈرگەن قەشقەر ئوتتۇرا سوتقا مۇكاپات تەقدىم قىلدى. گېتلېر بىلەن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ پەرقى نېمە؟
ئاڭلىدىڭمۇ ئۇيغۇر، يەكەندە يۈز بەرگەن پاجىئەنى؟ نارەسىدىلەر ئىدى... خىتاي كۆچمەنلىرى...ھاقارەت قىلدى... نارەسىدىلەر ئىدى....
ئاڭلا ئۇيغۇر، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ قائىدىسى شۇكى، ياخشىلىققا ياخشىلىق، تىنچلىققا تىنچلىق، ھۆرمەتكە ھۆرمەت، زوراۋانلىققا زوراۋانلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ ئۆزىنى قوغداش، قانۇن نەزەرىيىسىدىمۇ، تۈزۈلگەن خەلقئارا قانۇنلاردىمۇ ئوخشاش. يەكەن پاجىئەسىدە باغرى شىكەستىلەنگەن ئۇيغۈر ئاتا - ئانىلار بېيجىڭغىچە ئەرز قىلىمەن دېدىمۇ ! سەن كىمگە ئەرز قىلماقچى؟
قەشقەر ئوتتۇرا سوتى سىنى ۋە سەندەك گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى ئەدەپلىگەنلىكى ئۈچۈن بۈگۈن خىتاينىڭ بېيجىڭدىكى ئالىي سوتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى. سەن كىمگە ئەرز قىلماقچى؟!
