' دوستلار، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ كالتىكىدە ئۆلۈۋاتىدۇ '

يۇرتۇڭ توققۇزاقتىن ئايرىلىپ مەيدەڭگە قەغەز مېدال تاقاپ نەگە بارماقچى ئىدىڭ ئۇيغۇر؟ ئېشىندى ئەمگەك كۈچى بۇ نېمە دېگەن گەپ؟ ئەمگەك شارائىتى، يەنى ئەمگەك مۇھىتىنى كىم ئىگىلەپ ئالدى؟ ئۇيغۇرنىڭ يۇرتىدا ئەمگەك شارائىتى، ئەمگەك مۇھىتى كىملەرگە مەنسۇپ بولدى؟ كۆچمەن خىتايلارغا دېسەڭچۇ؟ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇرىستانغا يۆتكەپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەپ كېتىپ، خىتاي نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى ئىدى؟

0:00 / 0:00

خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش مەقسىتىگە، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى ئىدى!

بۈگۈن مەيدىسىگە قەغەز مېدال تاقاپ، مۇستەملىكە تۇرمۇشنىڭ ئالدامچىلىرىغا ئىشىنىپ، مۇستەملىكە تۇرمۇشنىڭ پوپۇزىلىرىدىن قورقۇپ، قەشقەرنىڭ توققۇزاق ناھىيىسىدىن خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۈەن ناھىيىسىگە يىتىپ كەلگەن، شياڭگاڭلىق خىتايلارنىڭ قونچاق زاۋۇتىدا بالا قۇل بولۇپ ئىشلىگەن ئۇيغۇرلار 2009‏ - يىلى 6‏ - ئاينىڭ 25‏ - كۈنى گۇاڭدۇڭلۇق خىتاينىڭ كالتىكى ئاستىدا قالدى... خىتايلار قولىغا چەيدو يەنى قىڭراق ئېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بوينىغا چاپتى، بېشىغا چاپتى.

بەزى تور بەتلىرى 81 نەپەر ئۇيغۇر، 39 دانە خىتاي يارىلاندى، 2 نەپەر ئۇيغۇر ئۆلدى دەپ خەۋەر قىلىشتى. يەنە بەزى تور بەتلىرى 12 نەپەر ئۇيغۇر جەڭدە شېھىت بولدى، 6 دانە خىتاي ئۆلدى دەپ خەۋەر قىلىشتى. شۇنىسى ئايانكى، جۇ يۈنكاڭ بۇ ئىشقا ئارىلاشتى. ھەر قانداق خەۋەر قامال قىلىندى.

ۋەقەگە قاتناشقۇچى خىتايلار مەيداننى مۇنداق تەسۋىرلىدى: 5 - ئايدا ئۇيغۇرلار زاۋۇتتا ئېچىنىشلىق ۋەقە پەيدا قىلدى... ئۇيغۇرلار شاۋگۇەن قونچاق زاۋۇتىغا كىرگەندىن كېيىن بۇلاڭچىلىق قىلدى... 6 ‏ - ئاينىڭ 14‏ - كۈنى بىر دانە تەتەيگە باسقۇنچىلىق قىلدى... خىتايلار پۇت تېرەپ تۇرالمىدى... 6‏ - ئاينىڭ 25‏ - كۈنى كېچىدە بىر نەچچە خىتاي قولىغا كالتەك، توقماق ئېلىپ ئۇيغۇرلار ياتقان ياتاقلارغا ھۇجۇم قىلدى... ئۇيغۇرلار پىچاق ۋە باشقا قوراللار بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى... خىتايلار بىر چاقىرىق بىلەن 300 دىن ئېشىپ كەتتى... ئۇيغۇرلار زاۋۇت ‏ - سېخلارغا باستۇرۇپ كىرىپ كۆزگە كۆرۈنگەن خىتاينى ئۇرۇپ چاپتى... ھەر بىر خىتاي ئۆلۈپ تىرىلىشىگە قارىماي ئۆچ ئېلىشقا ئۆتتى... ئۇيغۇرلار تاغ تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى... ئۇيغۇرلار ئىنتايىن قەبىھ ھەرىكەت قوللانغانلىقتىن، ئومۇمىي غەزەپ پەيدا قىلغانلىقتىن 2000 دىن ئارتۇق خىتاي بۇ يەرگە توپلىنىپ 800 نەپەر ئۇيغۇرنى قورشاۋغا ئالدى... ساقچىلار قاراپ تۇردى... تاياق يېگەن شىنجاڭلىق ھايۋانلار قان ئىچىدە يېتىپ قالدى... ئەتىسى تازىلىق ئىشچىلىرى 2 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ قان قېتىپ قالغان كوچىلارنى تازىلىدى... 26‏ - كۈنى ئەتىگەندە ئېغىر يارىلانغان 2 نەپەر ئۇيغۇر ئالەمدىن ئۆتتى... خىتاي تەرەپنىڭ مەلۇماتى ئەنە شۇنداق بولدى.

يەنە بەزى خەۋەرلەردە ئۇيغۇرلار تەتەيلەرگە باسقۇنچىلىق قىلدى، دېگەن خەۋەر يالغان بۇلۇپ بۇ خەۋەرنى تارقاتقان جۇ ئىسىملىك بىر خىتاينىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

يېقىندا دالاي لاما خىتاي كوممۇنىستلار ھۆكۈمىتى تىبەتلەرگە ئۆلۈم جازاسى ئېلان قىلدى دەپ كۆرسەتتى. خىتاي كوممۇنىست باندىتلىرى 1950‏ - يىللاردا چىڭگىز داموللام، قۇربان قۇداي قاتارلىق ئۇيغۇرنىڭ زىيالىيلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن كۈندىن باشلاپلا، ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى ئېلان قىلغان ئىدى. قارا ئۇيغۇر، ئۇيغۇرلارنى قانداق ئۆلتۈرىدىكەن ! سېپى ئۆزىدىن بولغىنى ھەممىدىن يامىنىدۇر. قىزلارنى خىتاي ئالدامچىلارنىڭ ئالدىغا سېلىپ بەرگەنلەر، ئۇيغۇر يىگىتلىرىنى ئىچكىرى خىتايغا ئاتالمىش ئەمگەككە ئەۋەتىپ بەرگەنلەر، ئۇيغۇر تىللىق ئاتالمىش شاۋدۇيجاڭ، ئاتالمىش دادۇيجاڭلار، ئۇيغۇر تىللىق خىتايغا ئىشلەيدىغان ساقچىلار ھەممىسى، ھەممىسى سېپى ئۆزىدىن بولغىنى ھەممىدىن يامىنىدۇر.

توققۇزاق دېھقانلىرى باللىرىم نەدە دېيىشكە ھوقۇقلۇق، توققۇزاق دېھقانلىرى ۋاڭ لېچىۋەننىڭ ئالدىغا بېرىپ " بالىلىرىمنى تېپىپ بەر" دېيىشكە ھوقۇقلۇق!

ئۇيغۇر ئانىلار، كېچىلىرى ئۇخلىماي ئوغۇز سۈتى بىلەن ئېمىتكەن بالىلىرىڭ خىتاينىڭ قولىدا كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى!